تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىلىم يۇرتى

ئانتاركتىكا قىتئەسىدە 1992-يىلىدىن باشلاپ ئۈچ تىرىليون توننا مۇز خوراپ كەتتى

ماتېرىيال سۈرەت

    پەن-تېخنىكا گېزىتى خەۋىرى. ئەنگلىيە «تەبىئەت » ژۇرنىلى يېقىندا نەچچە پارچە ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمىنى ئېلان قىلىپ، ئانتاركتىكىنىڭ ئۆتمۈشى، ھازىرى ۋە كەلگۈسى توغرىسىدا كۆپ تەرەپلىمە مۇھاكىمە ئېلىپ باردى. بۇنىڭ ئىچىدىكى كىلىمات ئىلمىي تەھلىلى دوكلاتىدا دېيىلىشىچە، جەنۇبىي قۇتۇپ مۇز قاپلىمى 1992-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۈچ تىرىليون توننا مۇزدىن ئايرىلىپ قالغان، بۇ دېڭىز يۈزىنىڭ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تەخمىنەن 8 مىللىمېتىر ئۆرلىگەنلىكىگە باراۋەر، ئانتاركتىكا مۇز قاپلىمى بولسا دەل كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ بىر ئاچقۇچلۇق كۆرسەتكۈچى.

ماتېرىيال سۈرەت

    جەنۇبىي قۇتۇپ مۇز قاپلىمى يەر شارى كىلىمات مۇھىتى ئۆزگىرىش سىگنالىنىڭ ئەڭ ياخشى خاتىرىلەش ۋاسىتىسى، شۇنداقلا دېڭىز يۈزى ئۆرلىشىنىڭ بىر چوڭ قوزغىتىش ئامىلى، دەپ قارالغان، ئۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان سۇ بىلەن يەر شارى دېڭىز يۈزى 58 مېتىر ئۆرلەيدۇ. مۇز قاپلىمىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى جەنۇبىي قۇتۇپ چەمبىرىكى ئىچىدە بولۇپ، دىيامېتىرى 4500 كىلومېتىر كېلىدۇ، كۆلىمى 13 مىليون 980 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، جەنۇبىي قۇتۇپ چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ %98 ىنى ئىگىلەيدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

    شۇڭا، نۆۋەتتىكى مۇز قاپلىمى ماسسا تەڭپۇڭلۇقى ۋە سۈپەت پايدا-زىيىنىنىڭ ساپ قىممىتىنى چۈشىنىش كەلگۈسى مۇز قاپلىمى سۈپىتىدىكى يوشۇرۇن ئۆزگىرىشنى مۆلچەرلەشتىكى مۇھىم ئاچقۇچ ھېسابلىنىدۇ. 1989-يىلىدىن بۇيان، كىشىلەر ئانتاركتىكا قىتئەسىدىكى مۇزنىڭ خوراپ كېتىش ئەھۋالىغا 150 قېتىمدىن ئارتۇق ھېسابلاش ئېلىپ بارغان. مۇز قاپلىمى ماسسا تەڭپۇڭلۇقىنى ئۆزئارا سېلىشتۇرۇش تەجرىبە كوللېكتىپى بۇ قېتىم 1992-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا بېكىتىلگەن سۈنئىي ھەمراھ كۆزىتىش ئاساسىدىكى 24 تۈرلۈك مۇستەقىل مۇز قاپلىمى ماسسا تەڭپۇڭلۇقىنى ھېسابلاش نەتىجىسىنى تەھلىل قىلغان ھەمدە بۇنى سىرتقى يۈز ماسسا تەڭپۇڭلۇقى مودېلىنى قۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرگەن.

ماتېرىيال سۈرەت

    ئەنگلىيە لېدىس داشۆسىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئاندېرېۋ شخارد ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق مۇنداق بىلدۈردى: بۇ مەزگىلدە دېڭىز-ئوكيان ھەرىكىتىدە غەربىي ئانتاركتىكىدىكى مۇزنىڭ خورىشى ھەر يىلىدىكى 53 مىليارد توننىدىن ئىككى ھەسسە ئېشىپ 159 مىليارد توننىغا يەتكەن. مۇز جازىسى غۇلاپ چۈشۈش سەۋەبلىك جەنۇبىي قۇتۇپ يېرىم ئارىلىدىكى مۇزنىڭ ھەر يىلىدىكى زىيانغا ئۇچراش نىسبىتى تەخمىنەن 7 مىليارد توننىدىن 33 مىليارد توننىغا كۆپەيگەن. ھالبۇكى، شەرقىي ئانتاركتىكىنىڭ ماسسا تەڭپۇڭلۇقى يەنە يۇقىرى دەرىجىدە تۇراقسىز بولۇۋاتىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

  تەتقىقات كوللېكتىپى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى، مۇز قاپلىمى ماسسا تەڭپۇڭلۇقىنى باھالاشنى يەنىمۇ ياخشىلاش مۇمكىنچىلىكى بار، مەسىلەن: 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى سۈنئىي ھەمراھتا ئېرىشكەن تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى قايتا باھالاشنىڭ پايدىسى بولۇشى مۇمكىن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، داۋاملىق سۈنئىي ھەمراھتا كۆزىتىش يەنىلا ئىنتايىن مۇھىم.

ماتېرىيال سۈرەت

  بۇ تەتقىقات «تەبىئەت» ژۇرنىلى ئېلان قىلغان ماقالىلەر توپلىمىنىڭ بىر قىسىمى. بۇ بىر قاتار ئىلمىي ماقالىلەر كىشىلەرنىڭ نۆۋەتتىكى ئانتاركتىكا قىتئەسى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارنىڭ تەبىئەت پەنلىرى جەھەتتىكى چۈشىنىشىنى بىر يەرگە يېغىپ، كىشىلەرنىڭ ئانتاركتىكىغا بولغان تەسىرىنى ئېچىپ بەردى.

ماتېرىيال سۈرەت

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى