تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

بارماق ئىششىپ كېتىشنىڭ سەۋەبى

ماتېرىيال سۈرەت

    بارماق ئىششىپ كېتىشنىڭ ئادەتتە زىيىنى بولمايدۇ، ئەمما بۇنىڭ كېسەللىك ئالامىتى ئىكەنلىكىگە سەل قارىماسلىق كېرەك. يېقىندا ئامېرىكا «ئالدىنى ئېلىش» ژۇرنىلى تور بېكىتىدە بارماق ئىششىپ كېتىشنىڭ سەۋەبلىرى تەھلىل قىلىنغان.

  بىرىنچى، ھاۋا ئىسسىق بولۇش. ئىسسىقلىق تومۇرلارنى كېڭەيتىدۇ، تېرە ئىسسقلىقنى تارقىتىدۇ. تومۇر كېڭەيگەندە ئۇنىڭ ئىچىدىكى بەزى سۇيۇقلۇقلار يۇمشاق توقۇلمىلار ئىچىگە كىرىپ، ئىششىقنى پەيدا قىلىدۇ. ئەگەر قول بىلەن كۈندىلىك پائالىيەتلەرنى داۋاملاشتۇرغاندا بۇ خىل ئىششىق بارا-بارا يوقايدۇ.

  ئىككىنچى، تۇزنى ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ ئىستېمال قىلىش. ئادەم بەدىنى تۇزنى زىيادە قوبۇل قىلغاندا، بەدەندىكى سۇ ۋە ئېلېكتىرولىتنىڭ تەڭپۇڭلۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئادەم بەدىنى تېخىمۇ كۆپ سۇغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ، بۇ ئىششىقنى پەيدا قىلىدۇ. ئادەتتە تۇزلۇق يېمەكلىكلەر پەيدا قىلغان ئازراق ئىششىق بىر كۈن ئىچىدە ئۆزلۈكىدىن يوقاپ كېتىدۇ. بەدەنگە تۇزنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئازايتقان تەقدىردىمۇ ئىششىق يەنىلا يانمىسا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.

ماتېرىيال سۈرەت

  ئۈچىنچى، بوغۇم ياللۇغى. ئەگەر سۆڭەك بوغۇمى يوغىناش سەۋەبلىك ئۈزۈك تاقىغىلى بولمىسا، بولۇپمۇ ئەتىگەندە بۇ ئەھۋال ئېغىرراق بولسا، ئۇنداقتا سۆڭەك بوغۇم ياللۇغى باش جىنايەتچى بولۇشى مۇمكىن. بۇنى بوغۇم ئاخىرىدىكى ئارىلىق توقۇلمىلارنىڭ ئۇپرىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، دائىم دېگۈدەك ئاغرىق قوشۇلۇپ كېلىدۇ، قېتىپ قېلىش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ، ياشنىڭ چوڭيىشىغا ئەگىشىپ كۆپ كۆرۈلىدۇ.

  تۆتىنچى، ئالقان نەيچىسى ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى. ئىشىشتىن باشقا، ئالقان نەيچىسى ئۇنىۋېرسال كېسەللىكىگە ئاغرىق، كۆيۈشۈش ياكى سانجىپ ئاغرىش قوشۇلۇپ كېلىدۇ، قول ئۇيۇشۇشتەك ئالامەتلىرى بولىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

  بەشىنچى، لىمفا توسۇلۇپ قېلىش. لىمفا سۇلۇق ئىششىقى پۇت-قول ئىششىشنى ئاساسىي ئالاھىدىلىك قىلغان بىر خىل كېسەللىك. لىمفا سۇيۇقلۇقى كېرەكسىز نەرسىلەرنى ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپسىز بولۇپ قالغاندا، كېسەل پەيدا قىلغۇچىلار بەدەندىن سىرتقا چىقالمىغاندا، بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولىدۇ. بىمارنىڭ پۇت ۋە قول بارماقلىرى ئىششىپ كېتىدۇ، بۇنىڭدىن سىرت، بىمارنىڭ بىلەك ۋە پۇتىمۇ ئىششىيدىغان بولۇپ، تېرىسى ئادەتتىكىگە قارىغاندا چىڭىيىپ، قېلىنىلىشىپ قالىدۇ. بۇ كېسەللىك ئادەتتە سۈت بېزى راكى ئوپېراتسىيەسى ياكى فىزىكىلىق داۋالاش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئىنتايىن ئاز ساندىكى ئەھۋال ئاستىدا لىمفا سىستېمىسىنىڭ بىنورمال ئۆسۈشىدىن پەيدا بولىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

  ئالتىنچى، رېيناۋد كېسىلى. رېيناۋد كېسەللىكى قان تومۇر نېرۋا ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىشتىن كېلىپ چىققان مۈچە ئۇچى كىچىك ئارتېرىيەسىنىڭ سىپازمىلىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىكى. ئادەتتە سوغۇق ھاۋادا ياكى بېسىم ئارتىپ كەتكەندە قوزغىلىدۇ، قان ئايلىنىش ناچارلىشىدۇ، قان ئايلىنىش ئەسلىگە كەلگەندىلا ئىششىق پەيدا بولىدۇ، ئىششىققا سانجىپ ئاغرىش قوشۇلۇپ كېلىدۇ. قول بارمىقى ياكى قول ئىششىشتىن ئىلگىرى كۆكىرىپ ياكى تاتىرىپ كېتىدۇ، بۇ رېيناۋد كېسەللىكىنىڭ بىر ئالامىتى ھېسابلىنىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

  يەتتىنچى، ھامىلىدارلىق ئەگەشمە كېسەللىكلىرى. ئىشىش ھامىلىدارلاردا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ، ئەمما ھامىلىدارلىق تۇتقاقلىقىنىڭ ئالدىن بېشارىتى بولۇشى مۇمكىن. ھامىلىدارلىق تۇتقاقلىقىدا ھامىلىدارلارنىڭ قان بېسىمى يۇقىرى بولىدۇ، 40 ياشتىن ئېشىپ قورساق كۆتۈرگەنلەردە، كۆپكېزەككە قورساق كۆتۈرگەن ۋە سېمىز ھامىلىدارلاردا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى