قىزغۇچ سېرىق رەڭ بىلەن پاشا يوقىتىش
قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك ئەينەك قەغەزنى لامپۇچكىغا ئوراپ قويسا ياكى قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك كىچىك لامپۇچكا ئورناتسا پاشا ئۆيگە كىرىۋالمايدۇ. چۈنكى پاشا قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك نۇردىن قورقىدۇ.
تاتلىق پۇراق ئارقىلىق پاشا يوقىتىش
قۇرۇق بوتۇلكىغا قەنت سۈيى ياكى پىۋا قاچىلاپ تەسكەي جايغا قويۇپ قويسا، پاشا تاتلىق پۇراقنى پۇراپ بوتۇلكىنىڭ ئىچىگە كىرىدۇ، ئاخىرىدا پىۋا ياكى قەنت سۈيىگە چاپلىشىپ قېلىپ چىقالمايدۇ.
ئەمەن ئوتى بىلەن پاشا يوقىتىش
ئەمەن ئوتى بىلەن ئىسلىغان ئۆيگە پاشا كىرمەيدۇ.