ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى. ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىدا 6-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 18-كۈنىگىچە 243 مىڭ 305 يولۇچى (قېتىم) توشۇلغان بولۇپ، بۇ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.3 ئاز بولدى.
مۇخبىرنىڭ 6-ئاينىڭ 19-كۈنى جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىللىق دۈەنۋۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئاياغلىشىشىغا ئەگىشىپ كەلگەن بولۇپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى 1-تۈركۈمدە يازلىق تەتىللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالغان.
شىنجاڭ ئىچىدىكى لىنىيەلەردە جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئۈرۈمچىدىن كورلا، غۇلجا، ئاقسۇ قاتارلىق شەھەرلەرگە قاتنايدىغان شىنجاڭ ئىچى ساياھەت ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىدە يولۇچىلارنىڭ تولۇش نىسبىتى %85 تىن ئېشىپ كەتكەن. مەملىكەت ئىچىدىكى ئاۋىيەتسىيە لىنىيەلىرىدىن ئۈرۈمچىدىن چۇڭچىڭ، بېيجىڭ، نەنجىڭ قاتارلىق ساياھەت شەھەرلىرىگە بولغان لىنىيەلىرىدە يولۇچىلارنىڭ تولۇش نىسبىتى %85 تىن ئېشىپ كەتكەن. خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىدە ئۈرۈمچىدىن ئالمۇتا، موسكۋاغا قاتنايدىغان لىنىيەلەردە يولۇچىلارنىڭ تولۇش نىسبىتى %80 تىن يۇقىرى بولغان.