تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئائىلە

ئائىلە بەختى ئەقىلگە باغلىق

ماتېرىيال سۈرەت

    ئائىلىنىڭ بەختلىك بولۇش-بولماسلىقى ئەر-ئايالنىڭ قانچىلىك ۋاقىت مۇھەببەتلەشكەنلىكى، ھېسسىيات ئاساسىنىڭ چوڭقۇر ياكى ئەمەسلىكى بىلەن ئەمەس، بەلكى كىشىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەقىلسىز كىشىلەر تۇرمۇشتا ئۇچرايدىغان باش قېتىنچىلىقلىرىغا ئەقىللىق كىشىلەرمۇ يولۇقىدۇ، ئۇلارنىڭمۇ جورىسىنى توغرا تاللىيالمىغانلىقىدىن ئۆكۈنىدىغان ۋاقتى بولىدۇ، ئەمما ئۇلار ئادىمىيلىكنى بەكرەك چۈشىنىدۇ، بۇ ئائىلىنى بۇزۇپ يەنە بىر ئائىلە قۇرسىمۇ ئوخشاش بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ.

   ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق. كۆپ يىللاردىن بۇيان، مەن دوستلىرىم بىلەن توي قىلىدىغان ئوبيېكىتنى قانداق تاللىسا ئەڭ ئاقىلانە بولىدىغانلىقى ھەققىدە كۆپ قېتىم مۇنازىرىلەشكەن، ئەڭ ئاخىرقى يەكۈن شۇكى: ئاياللار كىم بىلەن توي قىلىشىدىن قەتئىينەزەر، ئوخشاشلا پۇشايمان قىلىدۇ، ئەرلەر كىمنىلا ئەمرىگە ئېلىشىدىن قەتئىينەزەر جورىسىنى توغرا تاللىيالمىغاندەك ھېس قىلىدۇ.

   قېرىغىچە بىللە ئۆتۈش ئائىلە قۇرغان بىر جۈپنىڭ ئارزۇسى، ئەمما بىرلىكتە قېرىش يولىدا ھەممە يەر گۈل-چېچەككە پۈركەنگەن بولۇشى ناتايىن، ئۇرۇش-جېدەل تومۇزدىكى پاشىغا ئوخشاش كىشىنى ئاندا-ساندا بىئارام قىلىپ تۇرىدۇ، بەزىدە ھەتتا قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ. مانا بۇ تۇرمۇشنىڭ ھەقىقىي كارتىنىسى.

   بۇ تۇرمۇشنىڭ ياكى بىراۋنىڭ خاتالىقى ئەمەس، بەلكى ئارزۇ-ھەۋەسنىڭ خاتالىقى. كىشىنىڭ ھېسسىياتقا بولغان تەلىپى بايلىققا بولغان تەلەپكە ئوخشاش، مەڭگۈ قانائەت تاپمايدۇ.

   ئوخشاشلا، ئەر-ئايالمۇ تۇرمۇش بوسۇغىسىغا قەدەم قويغانىكەن، قارشى تەرەپتىن تېخىمۇ كۆپ مېھىر-مۇھەببەت ۋە ئىللىقلىق تەلەپ قىلىدۇ. كۆپ ۋاقىتلاردا مەبلەغ سالغانغا ئوخشاش ئازراق دەسمايە بىلەن كۆپ پايدىغا ئېرىشىشنى ئويلايدۇ. ئەمما ئۆزئارا بولۇشنى تەلەپ قىلىدىغان ھېسسىيات ئويۇنىدا ھەمىشە بۇ مەقسەتكە يېتەلمەيدۇ. شۇڭا ئائىلىسىنى بەختكە ئېرىشتۈرىمەن دېگۈچىلەر ھەدېسىلا قاقشاش، زارلىنىشنىڭ ئورنىغا، ئاقىلانە بولۇشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى