تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

ساقچى بولۇش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرغان ئاكا-ئۇكا

بو شىن بىلەن ئەلقەمجان ئۆمەرنىڭ 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى شىئەندە ساياھەت قىلغاندا بىللە چۈشكەن خاتىرە سۈرىتى (سۈرەتنى بو شىن تەمىنلىگەن)

  شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى: «ئىنىم، ھاۋا ئىسسىق، سۇنى كۆپرەك ئىچكىن»، «ئاكا، سەنمۇ دىققەت قىل، ئىسسىق ئۆتۈپ قالمىسۇن». 24 ياشلىق بو شىن بىلەن 22 ياشلىق ئەلقەمجان ئۆمەر 6-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۈندىداردا سىنلىق كۆرۈشۈپ ئۆزئارا غەمخورلۇقىنى ئىپادىلىدى. بو شىن ئۈرۈمچى تۆمۈريول ج خ ئىدارىسى كورلا ج خ باشقارمىسىنىڭ ساقچىسى، ئەلقەمجان ئاقتۇ ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ ساقچىسى. ئارىلىق يىراق بولسىمۇ، ئاكا-ئۇكا ئىككىيلەننىڭ ئىتتىپاقلىق ھېكايىسى ئۇلارنىڭ دوستلار چەمبىرىكىدە تارقىلىپ كەلدى.

  بو شىن بىلەن ئەلقەمجاننىڭ ساقچى بولۇش ئارزۇسى بار ئىدى. ئىككىيلەن 2011-يىلى شىنجاڭ ساقچى-ئوفىتسېرلار ئالىي تېخنىكومىغا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتتى، ئۇلار مەكتەپتە بىر ياتاققا بۆلۈندى، بىر سىنىپتا ئۆگەندى، بىللە مەشىققە چىقتى، بىللە پىراكتىكا قىلدى، ئۇلار ئۆز ئارزۇسىغا بىرلىكتە ئىنتىلدى.

  2012-يىلى تومۇز كۈنلىرىدىكى مەلۇم بىر يېرىم كېچىدە بو شىن ئەلقەمجاننىڭ «مەن يارىلاندىم» دېگەن تېلېفونىنى قوبۇل قىلدى.

  ئەسلىدە پىراكتىكا قىلىپ چارلاشقا چىققاندا ئەلقەمجاننىڭ ئوڭ قولى ھاراقنى كۆپ ئىچىۋېلىپ جېدەل چىقارغان بىر ئەرنىڭ جېدىلىنى بىر تەرەپ قىلىۋاتقاندا يارىلانغان ئىدى. بو شىن بۇنى ئۇققاندىن كېيىن تېزدىن دوختۇرخانىغا كېلىپ، ئەلقەمجاننىڭ ھالىدىن ئەتراپلىق خەۋەر ئالدى.

  2015-يىلى 1-ئايدا بو شىن بىلەن ئەلقەمجان شىئەنگە ساياھەتكە باردى، ئارىلىقتا بو شىننىڭ تۇيۇقسىزلا كۆڭلى ئېلىشىپ، ئىچى سۈرۈپ كەتكەن بولۇپ، ئەھۋالى خەتەرلىك ئىدى. ئەلقەمجان بو شىننى يۈدۈپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردى.

  2016-يىلى بۇ ئاكا-ئۇكا ئىككىيلەن ساقچى مەكتەپنى پۈتكۈزدى، بىرى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا، يەنە بىرى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىغا بۆلۈندى. ئايرىلىدىغان چاغدا ئىككىسى بىر-بىرىگە قىيماي كۆزى يېشى قىلىشتى، شۇنداقلا بۇرچىنى ئادا قىلىپ، ساقچى گىربىنى تېخىمۇ چاقىنىتىشقا كۈلۈپ تۇرۇپ ۋەدە بېرىشتى.

  يېڭى ئىش ئورنىغا بارغاندىن كېيىن، مېھىر-مۇھەببىتى چوڭقۇر بو شىن بىلەن ئەلقەمجان ئارىلىق يىراق، خىزمەت ئالدىراش بولسىمۇ، بىر-بىرىنى ئۇنتۇپ قالمىدى.

  2017-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ئەلقەمجان بو شىن ئۇنىڭ ئۈچۈن توردا زاكاز قىلغان توغۇلغان كۈن تورتىنى تاپشۇرۇۋالدى.

  ئەلقەمجان: «بۇ كۈنى توغۇلغان كۈنۈم ئىكەنلىكىنى ئۆزۈممۇ ئۇنتۇپ قاپتىمەن، لېكىن ئاكام ئۇنتۇپ قالماپتۇ» دېدى.

  بو شىن ئۈندىداردا سىنلىق كۆرۈشۈپ، ئەلقەمجان بىلەن خىزمەتداشلىرىنىڭ خۇشال ھالدا توغۇلغان كۈن تورتى يەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولغان ئىدى.

  بو شىن بىلەن ئەلقەمجاننىڭ خىزمەتداشلىرى: «ئۇلار ھەقىقەتەن ياخشى ئاكا-ئۇكىلار، ئاكتىپ ئېنېرگىيەگە تارقاتقۇچىلار» دېيىشتى.

  بۇنداق تەرىپلەشلەرنى ئاڭلىغان بو شىن بىلەن ئەلقەمجاننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىدىكى بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى يەنىمۇ كۈچەيگەن ئىدى.

  بۇ ئاكا-ئۇكىنىڭ دوستلۇقى ئىككى ئائىلىنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشىنى كۈچەيتتى. ھازىر ئەلقەمجاننى بو شىننىڭ ئانىسى تۇتۇق ئوغلۇم، دەپ بىلىدۇ. ھەر قېتىم ھېيت-بايراملاردا ئىككى ئائىلە كىشىلىرى جەم بولىدۇ، خۇشال-خوراملىققا چۆمگەن بۇ ئائىلىنى قولۇم-قوشنىلار ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختىشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى