پاشا پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇللىرى تۆۋەندىكىچە:
فىزىكىلىق ئۇسۇل بىلەن پاشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش
ئىشىك، دەرىزىلەرگە تور بېكىتىش ئارقىلىق پاشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولىدۇ.
بىخەتەر مەھسۇلات ئىشلىتىش
تەركىبىدە DEET (دېئېت) بار بولغان مەھسۇلاتلارنىڭ پاشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمى يۇقىرى، ئەمما قويۇقلۇقى %30 تىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.
شەخسىي تازىلىقنى ياخشىلاش
دائىم يۇيۇنۇش، كىيىم ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق تېرىنىڭ قۇرغاق، پاكىزلىقىنى ساقلاش كېرەك، بولۇپمۇ ھەرىكەت قىلىپ تەرلىگەندىن كېيىن ۋاقتىدا يۇيۇنۇپ، كىيىم ئالماشتۇرۇش كېرەك.
ئۆي ئىچىدىكى يىغىلىپ قالغان سۇلارنى ۋاقتىدا تازىلاش
سۇدا بېقىلىدىغان ئۆسۈملۈكلەرنىڭ سۈيىنى ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇش، ئىچىپ بولالمىغان ئىچىملىلەرنىڭ بوتۇلكىسىنى قالايمىقان تاشلىماسلىق كېرەك.
ئەخلەتلەرنى ۋاقتىدا تازىلاش
ئەخلەتلەرنىڭ پۇرىقى كۈچلۈك بولغاچقا، يەنە كېلىپ ئاسانلا ھاشاراتلار پەيدا بولىدىغان بولغاچقا، ھەر كۈنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئۆيدىكى ئەخلەتلەرنى تۆكۈۋېتىش كېرەك.
سىرتقا چىققاندا بەك ئوچۇق كىينىۋالماسلىق
سىرتقا پائالىيەتكە چىققاندا، نېپىز رەختلىك ئۇزۇن يەڭلىك كۆينەك، كۆڭلەكلەرنى ياكى ئۇزۇن ئىشتانلارنى كىيىۋېلىش ئارقىلىق پاشىنىڭ كۆپ چېقىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
سۇغا بىر نەچچە تامچە گۈل سۈيى (花露水) تېمىتىپ يۇيۇنۇش
يۇيۇنغاندا سۇغا بىر نەچچە تامچە گۈل سۈيى تېمىتىۋەتكەندە، پاشا چېقىۋالمايدۇ. بوۋاقلارنىڭ تېرىسى يۇمران بولغاچقا، مەخسۇس بوۋاقلار گۈل سۈيى ئىشلىتىش، گۈل سۈيىنى بىۋاسىتە بەدىنىگە سۈرمەسلىك كېرەك.