تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

ئىلمىي ئاساسى يوق پاشا ھەيدەش ئۇسۇللىرى

    ئىلمىي ئاساسىي يوق پاشا ھەيدەش ئۇسۇللىرى

    ۋىتامىن B1 نى سۇغا چىلاپ بەدەنگە سۈرۈش

    بەزى تورداشلار ۋىتامىن B1 نى سۇدا ئېرىتىپ بەدەنگە سۈرسە پاشا چېقىۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، چۈنكى ۋىتامىن B1 ئالاھىدە پۇراق تارقىتىپ پاشىنى ھەيدەيدۇ، دېگەن قاراشنى تارقاتقان.

   ئەمەلىيەتتە ۋىتامىن B1 سۇدا تۇراقسىز بولۇپ، ئىسسىققا، نۇرغا يولۇقسا ئاسانلا پارچىلىنىدۇ. ۋىتامىن B1 نى سۇغا چىلاپ ئېرىتكەندە، پارچىلىنىپ ھېچنېمىسى قالمايدۇ. شۇڭا بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق پاشا ھەيدەش مەقسىتىگە يەتكىلى بولمايدۇ.

   ئۆسۈملۈك تېرىش ئارقىلىق پاشا ھەيدەش

   توردا پاشا جۈزە، يالپۇز، ئارپىبەدىيان (茴香)، قەلەمپۇر (丁香)، ئۈستىقۇددۇس، سېسىقيار (天竺葵) قاتارلىقلارنىڭ پۇرىقىنى ياقتۇرمايدۇ، دېگەن سۆزلەر تارقالغان. گەرچە بەزى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ھەقىقەتەنمۇ پاشا يوقۇتۇش رولى بولسىمۇ، ئەمما پاشا ھەيدەش ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، بەلگىلىك دائىرە ۋە زىچلىقتا تېرىش كېرەك.

   كىر يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ياكى قاتتىق كىر سوپۇن ئارىلاشتۇرۇلغان سۇ ئارقىلىق پاشا ھەيدەش

   كىر يۇيۇش سۇيۇقلۇقى، قاتتىق كىر سوپۇنى خۇشپۇراق بولغاچقا پاشا يېمەكلىك دەپ ئويلىۋېلىپ، تۇخۇملاپ قويىدۇ، شۇنىڭ بىلەن پاشا يوقىماي، ئەكسىچە كۆپىيىپ كېتىدۇ. گەرچە كىر يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ۋە قاتتىق كىر يۇيۇش سوپۇنى ئىشقارلىق بولغانلىقتىن پاشىنىڭ كۆپىيىشىگە ماس كەلمىسىمۇ، ئەمما سوپۇن سۈيىنىڭ قويۇقلۇقىنى ياخشى تەڭشىمىگەندە، ئەكسىچە پاشىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى