ئۆز خەۋىرىمىز: بىڭتۈەننىڭ تۇنجى دۆلەتلىك AAAAA دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى بولغان بىڭتۈەن 10-شى 185-تۈەنىدىكى بەيشا كۆلى مەنزىرە رايونىدا بايراملىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە ساياھەت يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى. مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر بۇ يەرگە يىغىلىپ بەيشا كۆلى مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىپ، بىڭتۈەننىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش قىزىل مەدەنىيىتى ۋە ھەربىيلەرنىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرگەن مەزگىلدىكى يېمەك-ئىچمەكلىرىنى ھېس قىلدى؛ ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى پەللىسى مەزگىلىدە كۈنلۈك كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 2000 ئادەم قېتىمدىن ئاشتى.
ئىگىلىنىشىچە، بەيشا كۆلى مەنزىرە رايونىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، دۆلەتلىك AAAAA دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى بولغاندىن كېيىن، ئۆزگىچە تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، «پۈتۈن رايون ساياھىتى» تەرەققىياتىنى تېزلەتكەن؛ ساياھەت ئامىللىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ماس قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈپ، ساياھەت يانداشما كەسىپلىرىنى يېتىشتۈرۈپ ۋە زورايتىپ، مەنزىرە رايونلارنىڭ يۇمشاق، قاتتىق دېتال يۈرۈشلەشكەن ئەسلىھەلىرىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش بىلەن بىرگە، قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ھوقۇقىغا ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ بىر قېتىم بېلەت ئېلىش ئارقىلىق «غەربىي شىمال چېگراسىدىكى بىرىنچى ليەن»، بەيشا كۆلى ۋە مىڭشا تېغى قاتارلىق 10 چوڭ مەنزىرە رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ساياھەت نۇقتىلىرىنى ساياھەت قىلىشىغا ئەڭ زور دەرىجىدە كاپالەتلىك قىلغان؛ ئۇنىڭدىن باشقا، چېگرانىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىپ، ھەربىيلەرنىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش قىياپىتى ۋە 185-تۈەننىڭ ساياھەت ماركىسىنى نامايەن قىلغان.