تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

شەخسىي تاپاۋەت بېجىگە چوڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، يىللىق باج ئېلىش چېكى 60 مىڭ يۈەنگە تەڭشىلىدۇ

    شىنخۇا تورى خەۋىرى: كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان شەخسىي تاپاۋەت بېجى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 3-يىغىنىدا قاراپ چىقىشقا سۇنۇلدى، بۇ شەخسىي تاپاۋەت بېجى قانۇنى 1980-يىلى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان يەتتىنچى قېتىملىق چوڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈشى، شۇنداقلا يەنە بىر قېتىملىق تۈپ خاراكتېرلىك ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلۈشى ھېسابلىنىدۇ : مائاش-ئىش ھەققى، ئەمگەك ھەققى، قەلەم ھەققى ۋە ئالاھىدە ئىجازەتلىك ھوقۇقتىن پايدىلىنىش ھەققى قاتارلىق تۆت تۈرلۈك ئەمگەك خاراكتېرلىك تاپاۋەتكە تۇنجى قېتىم ئۇنىۋېرسال باج ئېلىش يولغا قويۇلىدۇ؛  ئايلىق شەخسىي تاپاۋەت بېجى ئېلىش چېكى 3500 يۈەندىن 5000 يۈەن (يىللىقى 60 مىڭ يۈەن) گە ئۆستۈرۈلىدۇ؛ پەرزەنت تەربىيەسى چىقىمى، ئۈزلۈكسىز مائارىپ چىقىمى، ئېغىر كېسەل داۋالىنىش چىقىمى تۇنجى قېتىم قوشۇلۇپ، تۇرالغۇ ئۆي قەرز پۇل ئۆسۈمى ۋە ئۆي ئىجارە ھەققى قاتارلىق مەخسۇس تۈرلەر قوشۇمچە چىقىرىۋېتىلىدۇ؛ باج نىسبىتى قۇرۇلمىسى تەڭشەپ ئەلالاشتۇرۇلۇپ، تۆۋەن باج نىسبىتى دەرىجىسى كېڭەيتىلىدۇ. قېنى ئەمسە بۇ قېتىمقى مىسلىسىز شەخسىي تاپاۋەت بېجى ئىسلاھاتىغا بىرلىكتە كۆڭۈل قويۇپ باقايلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى