تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

ئاق قابا مەنزىرە رايونىغا ساياھەتچىلەر ئۆزلىرى ئاپتوموبىل ھەيدەپ كىرسە بولىدۇ

ماتېرىيال سۈرەت: ئاق قابا مەنزىرە رايونى

  شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى. مۇخبىرنىڭ 6-ئاينىڭ 19-كۈنى قاناس ئاقىل ساياھەت چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 10-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن بۇرۇن ساياھەتچىلەر ئالدىن كېلىشىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئۆزلىرى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئاق قابا مەنزىرە رايونىغا كىرسە بولىدىكەن.

  قاناس ئاقىل ساياھەت چەكلىك شىركىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇلتۇر ئاق قابا مەنزىرە رايونىدا ساياھەتچىلەرنىڭ ئۆزلىرى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئاق قابا مەنزىرە رايونىدا ساياھەت قىلىشى بىر مەزگىل سىناق قىلىنىپ، قىزغىن ئالقىشلانغان ئىدى. بۇ يىل مەنزىرە رايونى بۇ تەدبىرنى يەنە ئوتتۇرىغا قويدى».

  قاناس مەنزىرە رايونى دۆلەت 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى، ساياھەتچىلەر مەنزىرە رايونىغا كىرگەندە رايون ئارىلىقىدا قاتنايدىغان ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇشى كېرەك. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ساياھەتچىلەر ئاق قابا ساياھەت رايونىغا كىرگەندە ئاپتوموبىلنى مەنزىرە رايونى سىرتىغا توختىتىپ قويۇپ، قاناس مەنزىرە رايونى ياكى تېرەكتى يېزىسىدىن رايون ئارىلىقىدا قاتنايدىغان ئاپتوموبىلغا ئولتۇراتتى.

  بۇ مەسئۇل خادىم مۇنداق بىلدۈردى: «بۇ تەدبىر 6-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن باشلاپ سىناق يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، بۇ بىر نەچچە كۈندە ساياھەتچىلەر كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى. 6-ئاينىڭ 17-كۈنىدە ئاق قابا مەنزىرە رايونىدا ساياھەتچىلەر كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى، شۇ كۈنى مەنزىرە رايونىغا كىرىشكە 46 ئاپتوموبىل ئالدىن كېلىشتى، قوبۇل قىلىنغان ساياھەتچىلەر بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %87 ئاشتى. يېقىنقى بىر ھەپتىدە بۇ سىياسەت ئارقىلىق ئاق قابا مەنزىرە رايونىغا ئالدىن كېلىشىپ كەلگەنلەر بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %95 ئاشتى».

  بۇ سىياسەت سىناق قىلىنغان مەزگىلدە كۈنىگە يەتتە كىشىلىك ۋە يەتتە كىشىلىكتىن تۆۋەن 200 ئاپتوموبىلنىڭ تېرەكتى يېزىسىدىن ئاق قابا مەنزىرە رايونىغا كىرىشىگە يول قويۇلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە قاناس «يۈەنشىڭ تورى» ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسى ئارقىلىق 150 ئاپتوموبىل (كېلىشىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسىلا ئەنگە ئېلىپ تىزىملاش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدۇ) ئالدىن كېلىشسە بولىدۇ، قالغان 50 ئاپتوموبىل تېرەكتى بېلەت سېتىش ئورنىدا ئىلگىرى-كېيىنلىك ۋاقىت تەرتىپى بويىچە ئاق قابا مەنزىرە رايونىغا كىرەلەيدۇ. ئاق قابا مەنزىرە رايونىغا كىرىشكە رۇخسەت قىلىنغان يەتتە كىشىلىك ۋە يەتتە كىشىلىكتىن تۆۋەن ئاپتوموبىللاردىن رايون ئارا قاتناش ئاپتوموبىلى ھەققى ئېلىنمايدۇ.

  تاغ يولى خەتەرلىك بولغانلىقتىن تېرەكتى يېزىسىدىن ئاق قابا مەنزىرە رايونىغا بارىدىغان ئاپتوموبىللار يول قاتناش كۆرسەتمىسى بويىچە يول يۈرۈشى ھەم ئاق قابا مەنزىرە رايونىغا كىرگەندىن كېيىن ئاپتوموبىلىنى بەلگىلەنگەن ئورۇنغا بىر تۇتاش توختىتىشى كېرەك.

  بۇنىڭدىن سىرت، ئاق قابا مەنزىرە رايونىغا كىرىش ئۈچۈن ئالدىن چېگرا يول خېتى بېجىرىش كېرەك، مەنزىرە رايونىغا كىرىدىغانلار تەكشۈرۈش پونكىتىدا چېگرا يول خېتى بېجىرگەندىن كېيىن مەنزىرە رايونىغا كىرەلەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى