ئۆز خەۋىرىمىز: چۆچەك شەھىرىدىكى تۇرۇبا سۈيى شىركىتى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى بۇ شىركەتنىڭ چاخاجى فېرمىسى دېھقانچىلىق 3-ئەترىتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرىنىڭ تۇغقانلىرىدىن ھال سوراپ، ئۇلارغا گۈرۈچ، ئۇن، ماي قاتارلىق تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى ئاپىرىپ بەردى.
شىركەت مەسئۇلى خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرىنىڭ تۇغقانلىرى بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، ئۇلارغا خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئومۇمىي خىزمەت ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش، سالامەتلىك ئەھۋالى ۋە قىيىنچىلىقلىرىنى تەپسىلىي سوراپ، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ۋە تۇغقانلىرىنىڭ ئومۇمىيلىققا ئەھمىيەت بېرىپ، تۆھپە قوشۇش روھى ۋە ئاممىغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش روھىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، خىزمەت ئەترىتى خادىملىرىنىڭ خاتىرجەم خىزمەت قىلىشى ئۈچۈن تۇغقانلىرىنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
چۆچەك شەھىرىدىكى تۇرۇبا سۈيى شىركىتى بۇ قېتىمقى ھال سوراش ئارقىلىق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئۇلارنىڭ تۇغقانلىرىغا شىركەتنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرۇپلا قالماي، يەنە خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرىنىڭ خىزمەت ئىشەنچىسى ۋە ئىرادىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى.