پىۋىنىڭ ئىستېمال قىلىشتىن باشقا يەنە تۆۋەندىكىدەك رولى بار.
پىۋا+تۇز
پىۋا بىلەن تۇزنى ئارىلاشتۇرۇش ئارقىلىق تۇرمۇشتىكى نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان بولىشىڭىز مۇمكىن.
تازىلاش سۇيۇقلۇقى تەييارلاش ئۇسۇلى
بىرىنچى باسقۇچ، ئالدى بىلەن بىر پۈركۈگۈچ تەييارلىۋېلىپ، ئىچىگە تۇز قۇيىمىز.
ئىككىنچى باسقۇچ، ئارقىدىن پىۋىنى قۇيۇپ، پۈركۈگۈچنىڭ ئاغزىنى ھىم ئېتىپ، ئارىلاشتۇرىمىز.
گاز ئوچاقنى تازىلاش
يۇقىرىدا تەييارلىۋالغان تازىلاش سۇيۇقلۇقىنى ئوچاق ئەتراپىدىكى ماي، يۇقۇندىلارغا چېچىپ، ئارقىدىن لاتا بىلەن سۈرتىۋەتسەكلا بولىدۇ.
مۇنچىدىكى سۇ داغلىرىنى تازىلاش
مۇنچىنى بىر مەزگىل ئىشلەتكەندىن كېيىن سۇ دېغى پەيدا بولۇپ تازىلاش قىيىنغا توختايدۇ. ئەگەر تۇز قوشۇلغان پىۋىنى ئىشلەتسەك سۇ دېغى تېزلا چىقىپ كېتىدۇ.
فارفۇر خىشلارنىڭ بۇرجەكلىرىنى تازىلاش
فارفۇر خىشلارنىڭ بۇرجىكىنى پاكىز تازىلاش تولىمۇ قىيىن. ئەگەر تۇز قوشۇلغان پىۋا ئارقىلىق تازىلىغاندا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ.