تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئىشلەمچى ئاھالىلەر غەمدىن خالاس بولدى

‹‹بالىلارغا ۋاكالىتەن قاراش+ھەمراھ زاۋۇت›› ئەندىزىسى يېڭى ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز لى كې

   خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ بارۇن خارمۇدۇن بازىرى قارسۇ كەنتىدىكى ئايگۈل ئوسمان 6 – ئاينىڭ 3 – كۈنى خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: بالامنى ۋاكالىتەن قاراش مەركىزىگە ئەكىرىپ بەرسەم، ھەر كۈنى 20 يۈەنلا تاپشۇرىمەن. ئۆزۈم ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ئىشلەپ، كۈنىگە 120 يۈەن تاپىمەن. ھازىر بالىلارغا قارايدىغان ئادەم بولغاچقا، خاتىرجەم ئىشلەۋاتىمەن.

   ئايگۈل ئوسماننىڭ ئائىلىسى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە بولۇپ، ئىلگىرى بىر ئائىلە كىشىلىرى ئۈچ مو يەرگە تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلاتتى. ئايگۈلنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلىگۈسى بولسىمۇ، ئەمدىلا بىر يېرىم ياشقا كىرگەن بالىسىنى ئورۇنلاشتۇرالمىغاچقا، سىرتقا چىقىپ ئىشلەشتىن ۋاز كەچكەنىدى.

   بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان كادىرلىرى قارسۇ كەنتىگە كېلىپ، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش جەريانىدا، 113 ئائىلىدىكى ئايالنىڭ يەسلى يېشىغا توشمىغان بالىسى بارلىقىنى، ئۇلارنىڭ بالىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرالمىغاچقا، سىرتقا چىقىپ ئىشلەش ئىمكانىيىتى يوقلۇقىنى بىلدى.

   ‹‹بالىلارغا ۋاكالىتەن قارايدىغان مەركەزدىن بىرنى قۇرساق قانداق دەيسىلەر؟ بالىلارغا قاراش مەسىلىسى ھەل بولسىلا، بۇ ئاياللارمۇ سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ پۇل تاپالايدۇ››. خىزمەت ئەترىتىدىكى بىر كادىرنىڭ بۇ پىكرى كۆپچىلىكنىڭ كۆڭلىگە ياقتى. شۇنىڭ بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان كادىرلار بىلەن خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ بالىلارغا ۋاكالىتەن قارايدىغان مەركەزنى قۇرۇش ئىشىنى باشلىۋەتتى.

   ‹‹ۋاكالىتەن قاراش مەركىزىنى مېنىڭ ئۆيۈمگە قۇرساق قانداق بولار؟›› دېدى كەنتتىكى رەشىدە تۇردى. رەشىدە تۇردى بىلەن ئېرى ئىلگىرى يەسلىدە ئىشلىگەن بولۇپ، بۇ جەھەتتە خېلى تەجرىبىسى بولغاچقا، بالىلارغا قاراش ئەر – خوتۇن ئىككىيلەن ئۈچۈن ئانچە تەسكە توختىمايتتى، شۇڭا ئۇلار كەنتتە بالىلارغا ۋاكالىتەن قارايدىغان مەركەز قۇرۇلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئاكتىپلىق بىلەن ئىپادە بىلدۈردى.

   ‹‹بالىلارغا ۋاكالىتەن قاراش مەركىزىنى شۇلارنىڭ ئۆيىگە قۇرايلى››. كۆپچىلىكنىڭ پىكرى بىر يەردىن چىقتى، ‹‹رەشىدە دېھقان بالىلىرىغا ۋاكالىتەن قاراش مەركىزى›› ئەنە شۇنداق قۇرۇلدى.

   ‹‹بىر ياشتىن ئىككى ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ كۈنلۈكىگە 20 يۈەن، ئىككى ياشتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ كۈنلۈكىگە 15 يۈەندىن ھەق ئېلىنىدۇ››. رەشىدە تۇردى ئىشقا چۈشتى، بۇ مەركەز ئېچىلغان تۇنجى كۈنىلا كەنتتىكى سەككىزەيلەن ئاكتىپلىق بىلەن تىزىملاتتى ھەم بالىلارغا ۋاكالىتەن قاراش كېلىشىمى ئىمزالىدى.

   كىچىك بالىلارغا قاراش مەسىلىسىغۇ ھەل بولدى، ئەمدى بۇ بالا بېقىشتىن ‹‹ئازاد›› بولغان ئاياللارنى قەيەرگە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك؟ قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان كادىرلار بىلەن خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر كارخانىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ 29 ئايالنى لوپنۇر ناھىيەسىدىكى شىنجاڭ ‹‹تۇڭچۇاڭ ۋېييې›› توقۇمىچىلىق پەن – تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە (قىسقارتىلىپ تۇڭچۇاڭ ۋېييې دېيىلدى) تەربىيەلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەنتتىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى بار ئاياللارمۇ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىغا كىرگۈزۈلدى.

   ‹‹تۇڭچۇاڭ ۋېييې›› شىركىتى 2015 – يىلى قۇرۇلغان پەلەي زاۋۇتى بولۇپ، شىركەتنىڭ ئادەم ئىشلىتىش ئېھتىياجى يۇقىرى، ئىشچىلار ئادەتتە 15 كۈن تەربىيەلەنسىلا ئىش ئورنىغا چىقالايتتى. شىركەتنىڭ بۆلۈم مەسئۇلى شيې ياڭشېڭ مۇنداق دېدى: شىركەت ھازىر قارسۇ كەنتىدە تارماق زاۋۇت قۇرۇشنى پىلانلىدى، بۇنداق بولغاندا كەنتتىكىلەر ئىشىكى ئالدىدىلا پۇل تاپالايدۇ.

   بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چېن شياڭيۈ مۇنداق دېدى: بالىلارغا ۋاكالىتەن قاراش مەركىزىنىڭ ياردىمىدە، يېزىلاردىكى تېخىمۇ كۆپ ئارتۇق ئەمگەكچى ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. كەنتتە تارماق زاۋۇت قۇرۇلسا نامرات ئائىلىدىكىلەر يېقىن جايدىلا ئىشقا ئورۇنلىشالايدۇ. بۇ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشنىڭ ئۈنۈملۈك ئەندىزىسى بولۇپ، بىز ئۇنىڭغا ‹‹بالىلارغا ۋاكالىتەن قاراش + ھەمراھ زاۋۇت›› ئەندىزىسى، دەپ ئىسىم قويدۇق، كېيىنكى قەدەمدە، بۇ ئەندىزىنى كەڭ كۆلەمدە ئومۇملاشتۇرىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى