ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز سۇن يەن
5 – ئاينىڭ 30 – كۈنى لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ ئاقسۇپا يېزىسى ئاقسۇپا كەنتىدىكى ھېبى ئىمىن كەپتەرلىرىگە يەم بەرگەچ، كۆڭلىدە ھېسابات قىلدى: كەپتەرلىرىم 100دىن ئېشىپ قالدى، ئوبدان چوڭ بولۇۋاتىدۇ، 10 – ئايدىن كېيىنلا ساتسام پۇل تاپقىلى بولىدۇ.
ھېبى ئىمىننىڭ ئاران بەش مو تېرىلغۇ يېرى بولۇپ، ئىلگىرى ئەر – خوتۇن ئىككىيلەن ئاقسۇپا يېزىسىنىڭ يېڭى ئاۋات كەنتىدىكى بىر دېھقاننىڭ 50 مو يېرىنى باشقۇرۇپ بېرىپ، كۈنلىرى تەستە ئۆتەتتى.
نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىدىغان ھېبى ئىمىن يېزىلىق نامراتلارنى يۆلەش – ئېچىش ئىشخانىسى ۋە لوپنۇر ناھىيەلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە ئاقسۇپا كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە بەش مو تېرىلغۇ يېرىنى 653 يۈەندىن ئوبوروت قىلىۋېتىپ، ھويلا – ئاران ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىدى. نامراتلارنى يۆلەش قويى، كالىسى، ئېشىكى ۋە كەپتىرىنىڭ ئارقا – ئارقىدىن تارقىتىلىشى ھېبى ئىمىننىڭ باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بولدى.
ھېبى ئىمىن مۇنداق دېدى: كەپتەرلەرنى يېزىدىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى ئارقىلىق ساتقىلى بولغاچقا، كەپتەرلىرىمنىڭ سېتىلىشىدىن غەم قىلمايمەن.
بۇ يىل 3 – ئايدا خىزمەت ئەترىتى ھېبى ئىمىنغا يەنە 50 كىۋادرات مېتىرلىق كىچىك ئەگمە پارنىك ياساپ بەردى، ئۇ بۇ پارنىكقا كۆكتات تېرىپ، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ كۆكتات مەسىلىسىنى ھەل قىلىپلا قالماي، يەنە بىر مۇنچە پۇل ئىقتىساد قىلدى.
ھازىر ھېبى ئىمىننىڭ خوتۇنى ئۆيدە بالىسىغا قارىغاچ، ھويلا – ئاران ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ئۇلار بوش ۋاقتى چىقسىلا ئىش تېپىپ ئىشلەپ، كۈنىگە 100 يۈەن ئەتراپىدا پۇل تاپىدۇ. ھېبى ئىمىن مۇنداق دېدى: يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشقا قاتناشتىم، بۇ يىل 40 مىڭ يۈەنگە يېقىن پۇل تاپالايمەن، بۇنىڭ بىلەن نامراتلىق قالپىقىمنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئىلگىرى ئويلاشقىمۇ پېتىنالمايدىغان ياخشى كۈنلەرنى كەچۈرىدىغان بولدۇم.
ھېبى ئىمىننىڭ ئائىلىسىدىكى ئۆزگىرىشلەر ئاقسۇپا يېزىسىدىكى نۇرغۇن نامرات ئائىلىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولىغا ماڭغانلىقىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى. ئاقسۇپا يېزىلىق نامراتلارنى يۆلەش – ئېچىش ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى پاتىگۈل خالىق مۇنداق دېدى: يېزىمىزدىكى نامراتلاردىن 34 ئائىلىلىك 97 كىشى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، ھويلا – ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي كاپالەتتىن تولۇق بەھرىلەندۈرۈپ ۋە مائارىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئائىلىسىدە ئەمگەكچى بارلارنى نامراتلارنى يۆلەش ئۈچۈن ئالاھىدە تەسىس قىلىنغان خىزمەت ئورۇنلىرىغا خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇردۇق، ئۇلار ئېيىغا 500 يۈەن كىرىم قىلالايدۇ. ئائىلىسىدە ئەمگەكچى يوقلارغا تارقىتىلغان ئۆي قۇشى ۋە چارۋا مال ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىغا ھاۋالىلىك بېقىشقا بېرىلدى، ئۇلار يىلدا پايدا تەقسىملەشتىن بەھرىلىنەلەيدۇ. بۇ ئىككى يىلدىن بۇيان يېزىمىز 1 مىليون 540 مىڭ يۈەن نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى تارقىتىپ، ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقى، چارۋا مال باقمىچىلىقى، قوتانلارنى ئۆزگەرتىپ سېلىش، كەپتەر باقمىچىلىقى قاتارلىق توققۇز تۈرنى يولغا قويدى.