ئۆز خەۋىرىمىز: مۇخبىرنىڭ يېقىندا بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق ساياھەت جەمئىيىتىدىن ئىگىلىشىچە، 6-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا ئېكسپېدىتسىيە ساياھىتى مۇنبىرىدە بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، خوتەن ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتى، فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ نىڭخۇا ناھىيەسى، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ خۇاڭشەن شەھىرى، سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ گەنزى زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ پۇئېر شەھىرى قاتارلىقلار 2018-يىللىق ئېلىمىزدىكى ئون مۇنەۋۋەر ئېكسپېدىتسىيە ساياھەت مەنزىلى بولۇپ تاللانغان.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى مۇنبەرنى جۇڭگو ساياھەت جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، يەر شارى ئىمكانىيەتلىك سىجىل ساياھەت كومىتېتى، دۇنيا ئېكسپېدىتسىيە ساياھەت سودا جەمئىيىتى، جۇڭگو ساياھەت جەمئىيىتى ئېكىسپىدىتسىيە ساياھەت شۆبىسى، خەلقئارا مارافون ۋە تاشيولدا يۈگۈرۈش جەمئىيىتى، دۇنيا تەبىئەت فوندى جەمئىيىتى ۋە ئەنگلىيە ئىلىم-پەن ئېكسپېدىتسىيە جەمئىيىتى قاتارلىق دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئېكسپېدىتسىيە ساياھىتى ئالاقىدار تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى شۇنداقلا «سەنفۇ» دالا بۇيۇملىرى مەسئۇلىيەت چەكلىك شىركىتى، بېيجىڭ تەنلۇجې دالا بۇيۇملىرى پاي چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، دىكانۇڭ ۋە كۇلۈي قاتارلىق دالا تەنھەرىكىتى، ئېكىسپېدىتسىيە ساياھىتى كارخانىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بۇ مۇنبەرگە قاتناشقان.