تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

كۈچلۈك كەنت ئاجىز كەنتنى يېتەكلەپ، قوشماقلىشىپ ئورتاق تەرەققىي قىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز دۇڭ يېبو

   نامرات كەنتتىكى ئوتتۇرا ياش ۋە ياش ئەمگەكچىلەرنىڭ كۆپ قىسمى سىرتقا ئىشلەشكە چىقىپ كەتكەچكە، بىر قىسىم دېھقانلارنىڭ يەر تېرىيدىغانغا ۋاقتى يەتمىدى ياكى يەر تېرىشنى خالىمىدى، شۇڭا تېرىلغۇ يەرلەر ئوبوروت قىلىنىشقا توغرا كەلدى؛ باي كەنت تېخىمۇ كۆلەملەشكەن ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن يەر ئوبوروت قىلىشقا ئېھتىياجلىق بولدى. ئىقتىسادىي تەرەققىيات پەرقى چوڭ ئىككى كەنت قانداق قىلغاندا بايلىقنى ئۆزئارا تولۇقلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلالايدۇ؟ بورتالا شەھىرىنىڭ كەنت ئاتلاپ يەر ئوبوروت قىلىشى شۈبھىسىزكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق نەپ ئالىدىغان ئەڭ ياخشى تاللاش، كۈچلۈك كەنت ئاجىز كەنتنى يېتەكلەپ، قوشماقلىشىپ ئورتاق تەرەققىي قىلىش نامراتلارنى يۆلەشتىكى توغرا يول ھېسابلىنىدۇ.
 

   رايون چەكلىمىسى بۇزۇپ تاشلاندى

   بورتالا شەھىرىنىڭ چىندېل يېزىسى تابىل كەنتىدە 80 ئائىلىلىك دېھقان بار، بۇنىڭ ئىچىدە 29ى نامرات ئائىلىلىك، كەنتتە كىشى بېشىغا ئاران ئۈچ مودىن تېرىلغۇ يەر توغرا كېلىدۇ، تېرىلغۇ يەرنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى ناچار، تېرىقچىلىق چېچىلاڭغۇ ۋە ئۈنۈمى تۆۋەن، كەنتتىكىلەرنىڭ كىرىمى ئومۇميۈزلۈك ئاز بولۇپ، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى نامراتلارنى يۆلەشتىكى نۇقتىلىق كەنتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بىلىن خارمودۇن يېزىسىنىڭ جۇكىن كەنتى مەملىكەت بويىچە مەدەنىي كەنت، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ كەنت يەر ئوبوروتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مۇلازىمىتى، خاس تېرىقچىلىق، ئەسلىھەلىك كۆكتات تېرىقچىلىقى ئارقىلىق زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇردى، دېھقانلارنىڭ كىشى بېشى كىرىمى كۆپ يىل ئوبلاست بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇپ، تۈرلۈك ئىشلارنىڭ تەرەققىياتى ياخشى بولدى. بۇ كەنتتىكى توكېن دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئەتراپتىكى ئۈچ كەنتتىن 16 مىڭ مو يەرنى ئوبوروت قىلىپ، كېۋەز ۋە ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك بازىسى قۇرۇپ، ئاغدۇرۇش، تېرىش، يىغىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ماشىنىلىشىش سەۋىيەسىنى %80تىن ئاشۇردى.

   تابىل كەنتىنىڭ ئاساسى ئاجىز بولغاچقا، قىسقا مۇددەت ئىچىدە كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى تەس ئىدى. بورتالا شەھەرلىك تەرەققىيات – ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى سىرتقى كۈچنىڭ ياردىمى ئارقىلىقلا ‹‹كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى، بايلار نامراتلارنى يېتەكلەش››تىن ئىبارەت كەنتنى كۈچلەندۈرۈپ، دېھقانلارنى بېيىتىش يېڭى يولىدا ماڭغىلى بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى.

   بۇ يىل 3 – ئايدا خىزمەت ئەترىتىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا تابىل كەنتىدە بىر مەيدان چوڭ كۆلەملىك يەر ئوبوروتى باشلاندى. شۇ چاغدا كەنتتىكىلەردە يەر ئوبوروتىغا قارىتا ئىككى خىل پىكىر بولدى: بىرىنچىسى، يەر ئوبوروتىنى سىرتقا چىقىپ ئىشلەيدىغان دېھقانلار بەكرەك قوللىدى، چۈنكى تېرىلغۇ يەرلەر بىر تۇتاش ھۆددە بېرىلسە، ئىجارە ھەققىمۇ يۇقىرى بولاتتى؛ ئىككىنچىسى، كەنتتىن چىقماي دېھقانچىلىق قىلىدىغانلار تېرىلغۇ يەرلىرىمىزنى ئوبوروت قىلىۋەتسەك، كېيىنكى تۇرمۇشىمىز قانداق بولار، دەپ ئەنسىرىدى. بۇنىڭدىن سىرت، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ھۆددە مۇددىتى ئون يىلدىن يۇقىرى بولغاچقا، توختامدا ھۆددە باھاسىنىڭ مۇئەييەن دەۋرىيلىكتە ئېشىشى ئېنىق يېزىلغان بولسىمۇ، دېھقانلار توختام ۋاقتى بەك ئۇزاق بولغاندا، يەرنىڭ باھاسى تېز ئۆسۈپ كەتسە، توختامدىكى باھا بىلەن باھا پەرقى زورىيىپ كېتىپ، زىيان تارتىپ قالارمىزمۇ، دەپ ئەنسىرىدى.
يەرلەرنى سىرتقا بىر تۇتاش ھۆددە بېرىشنىڭ زادى قانداق پايدا – زىيىنى بار؟ بۇ تەشۋىشلەرگە قارىتا، خىزمەت ئەترىتى ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىپ، دېھقانلار بىلەن ئېنىق ھېسابات قىلىشىپ، ئۇلارغا ۋاز كېچىش بولغاندىلا ئېرىشىش بولىدىغانلىقىنى، ھازىر يەرلەر ئون نەچچە يىل باشقىلارغا ئىجارىگە بېرىۋېتىلسىمۇ، ئاخىرىدا يەنىلا دېھقانلارنىڭ قولىغا قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈردى.

   خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت ‹‹ئىككى كومىتېتى›› دېھقانلارنىڭ يەر ئوبوروتىغا بولغان ئاكتىپلىقىنى قوزغاش ئۈچۈن، كەنت ئاھالىلىرى قۇرۇلتىيى، يىغىنى ئاچتى. خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ زىيارەت قىلىش ئارقىلىق ئۇلارغا سىياسەتنى چۈشەندۈرۈپ، دېھقانلارغا يەر ئوبوروتىغا ئالاقىدار سىياسەت ۋە قانۇندىن مەسلىھەت بەردى. يەر ئوبوروت رەسمىيىتى ۋە توختامنى گۇۋاھلىقتىن ئۆتكۈزۈشنى تىزىملاشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئائىلىلەرگە كىرىپ تىزىملاپ، بارماق باسقۇزدى، كەنت كومىتېتى توكېن دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىلەن ‹‹پۈتۈن يەر ئوبوروتى›› كېلىشىمى ئىمزالىدى.

   6 – ئاينىڭ 5 – كۈنى خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، كەنتنىڭ 1 – شۇجىسى ليۇ يادۇڭ مۇنداق دېدى: يەر ئوبوروتى مەھسۇلاتقا بىرلەشتۈرۈپ ئائىلىلەرگىچە ھۆددىگە بېرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنىڭ داۋامى بولۇپ، ئۇ ئىلگىرىكى تارقاق يەرلەرنى مەركەزلەشتۈرۈپ، تارقاق تېرىقچىلىق قىلىش، زىرائەت تۈرلىرى بىردەك بولماسلىق، ئېتىز باشقۇرۇش سەۋىيە پەرقى چوڭ بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئۆزگەرتىپ، كۆلەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش ۋە ماشىنىلاشقان تېرىقچىلىقنى ئەمەلگە ئاشۇردى. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىپلا قالماي، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى ئاشۇردى، مۇھىمى، توكېن دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى بۇ يەرلەر ئارقىلىق بازار ئېھتىياجىغا ئاساسەن پايدىسى كۆپ زىرائەتلەرنى تېرىيدىغان بولدى.

   تېرىلغۇ يەرلەر رەتلەندى

   خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ئاز ساندىكى يېرىنى ئوبوروت قىلىشنى خالىمىغان دېھقانلارنىڭ پىكرىنى ئېلىپ، يەر ئوبوروتىغا قاتنىشىشنى خالىمايدىغانلارنىڭ ھۆددە يەر ئالماشتۇرسا بولىدىغانلىقى توغرىسىدا قايتا – قايتا ئىدىيەۋى خىزمەت ئىشلىدى. ھەر يىلى 3 – ئاينىڭ 1 – كۈنى دېھقانلارنىڭ ‹‹ھەممىباب كارتا››سىغا كېيىنكى يىلنىڭ ئوبوروت ھەققىنى ئالدىن سېلىش توغرىسىدا ۋەدە قىلدى. دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان ھەر خىل تولۇقلىمىلار يەنىلا دېھقانلارنىڭ ئىگىدارلىقىدا بولىدىغان بولدى. ئىككى ئاي تىرىشىش ئارقىلىق 37 ئائىلىلىك(بۇنىڭ ئىچىدە 25ى نامرات ئائىلە)نىڭ 1500 مو تېرىلغۇ يېرىگە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ توختام ئىمزالاندى.

   ‹‹يېرى مۇنبەت، مەركەزلەشتۈرۈپ تۇتاشتۇرۇلغان، ئەسلىھەلىرى يۈرۈشلەشكەن، يۇقىرى ھوسۇللۇق، ئېكولوگىيەسى ياخشى، ئاپەتكە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى يۇقىرى›› بولۇشتەك تېرىلغۇ يەرلەرنى تۈزەش تەلىپىگە ئاساسەن، توكېن دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى يەرلەرنى تۈزلەش، قوشۇۋېتىش ئارقىلىق تېرىلغۇ يەرلەرنى تۈزلەپ، ئېتىز ئارىسىدىكى يوللارنى ۋە سۇچىلىق ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈردى. توكېن دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى يەنە 120دىن ئارتۇق ھەر خىل يېزا ئىگىلىك ماشىنىسىدىن پايدىلىنىپ، ئوبوروت قىلىنغان يەرلەرنىڭ ئاغدۇرۇش، ئۇرۇق سېلىش، دورا چېچىش، ھوسۇل يىغىش مەشغۇلاتلىرىنى تولۇق ماشىنىلاشتۇردى.

   توكېن دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى سۇن يىنچۈن مۇنداق دېدى: ئىلگىرى ھەر مو يەرنى ئورۇش ھەققى 70 – 80 يۈەن ئەتراپىدا بولسا، ھازىر چوڭ تىپتىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىسى ئارقىلىق ھەر مو يەرگە 40 يۈەنلا كېتىدۇ، بۇنىڭدىن بىر مو يەردىن 30 يۈەن تېجىلىپ قالىدۇ، چوڭ تىپتىكى سېيالكىنى ئىشلىتىشنى قوشقاندا، ئىككى تۈردىن ھەر مو يەردىن 70 يۈەن تېجەپ قالغىلى بولىدۇ.

   نامرات ئائىلىلەر ‹‹قوش مائاش›› ئالدى

   يەرلەر ئوبوروت قىلىنغاندىن كېيىن، نامرات ئائىلىلەر ئوبوروت كېلىشىمىگە ئاساسەن ئىككى خىل پايدىغا ئېرىشتى: بىرى، ئەڭ تۆۋەن پايدا. توكېن دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىلەن ‹‹پۈتۈن يەر ئوبوروتى›› كېلىشىمى ئىمزالىنىپ، 1530 مو يەرنىڭ ھەر موسى 500 يۈەندىن ھۆددە ئېلىنىپ، بازارنىڭ يەر ئوبوروتى مو بېشى ھۆددە ھەققىدىن تەخمىنەن 80 يۈەن يۇقىرى بولدى. ھەر بىر ئائىلىلىكنىڭ تەخمىنەن 12 مو يېرى بار، دەپ ھېسابلانغاندىمۇ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ ھەر بىرى ھەر يىلى تەخمىنەن 6000 يۈەن پايدىغا ئېرىشىدۇ؛ يەنە بىرى، ئىشلەمچىلىك كىرىمى. خىزمەت ئەترىتى نامرات ئائىلىلەرنى يەر ئوبوروتى ئەڭ تۆۋەن پايدىسى بىلەن رازى قىلغاندىن كېيىن، 12 ئائىلىلىكتە ئالاھىدە ئەھۋال سەۋەبىدىن سىرتقا چىقىپ ئىشلەش ئىمكانىيىتى يوقلۇقىنى، لېكىن جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنالايدىغانلىقىنى بايقاپ، ئەمگەك مۇلازىمىتى كوپىراتىپى قۇردى. ئەمگەك مۇلازىمىتى كوپىراتىپى تېرىقچىلىق تۈرلىرىنى بىر تۇتاش باشقۇرۇپ، دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش ۋاقىتلىرىدا كوپىراتىپ ئەزالىرىنىڭ ھەر بىرى كۈنىگە 150 يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلدى، بۇنىڭ بىلەن دېھقانلار يەر ئوبوروتى ئارقىلىق ئەڭ تۆۋەن پايدىنى تەقسىملەش ئارقىلىق پايدا ئالىدىغان، ئەمگەك مۇلازىمىتى ئارقىلىق ئىشسىز قالمايدىغان بولدى.

   ليۇ يادۇڭ مۇنداق دېدى: يېرىنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئوبوروت قىلغان دېھقانلار ‹‹ئىجارە ھەققى+ئىشلەش ھەققى›› شەكلىدە ئىش ھەققى  ئېلىپ، ھېچنېمىدىن غەم يېمەيدىغان بولدى، ئۇلار تېرىلغۇ يەرلىرى ئارقىلىق مۇقىم كىرىمگە ئېرىشتى، ئائىلىسىدىن ئايرىلماي ئىشىك ئالدىدىلا ئىش تېپىپ ئىشلىيەلەيدىغان بولدى. تېرىلغۇ يەرلەر ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئوبوروت قىلىنغاندىن كېيىن، يەرلەرنىڭ دېھقانلارنى چۈشەپ قويۇشى بىكار قىلىنىپ، دېھقانلارنىڭ 2 –، 3 – كەسىپلەرگە يۆتكىلىشى تېزلىشىپ، تېخىمۇ كۆپ ئائىلە كىرىمگە ئىگە بولدى.
 

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى