تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

چىن ھېسسىيات بىلەن بايان قىلىنغان ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئارىسىدىكى ئىتتىپاقلىق ھېكايىلىرى

ـــ ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولدى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئىتتىپاقلىق گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلدى›› تېمىسىدىكى زىيارەت پائالىيىتى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان

 شى شىن

   ئانار گۈللىرى ئېچىلدى، خۇش پۇراقلار چېچىلدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا يېڭى سەھىپىلەر يېزىلدى.

   ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان مەيدانغا كەلگەن تىپىك ئىش – ئىزلارنى مەركەزلىك تەشۋىق قىلىش، ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشتەك قويۇق كەيپىياتنى يەنىمۇ ياخشى يارىتىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈمى، تەشۋىقات بۆلۈمى ئاپتونوم رايونلۇق ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى بىلەن بىرلىكتە 5 – ئاينىڭ 21 – كۈنىدىن 6 – ئاينىڭ 10 – كۈنىگىچە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بەش ئاخبارات ۋاسىتىسىدىكى ئالتە مۇخبىرنى خوتەن، قەشقەر، قىزىلسۇ ئوبلاستى، ئاقسۇ، تۇرپان قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولدى،تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئىتتىپاقلىق گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلدى›› تېمىسىدىكى مۇخبىرلىق پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىدى.

   20 كۈندە ئون نەچچە مىڭ كىلومېتىر يول مېڭىلدى، زىيارەت ئۆمىكىدىكى مۇخبىرلار قولىدىكى قەلەم ۋە فوتو ئاپپاراتلىرىدا يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ زېمىنىدىكى بىر ئائىلە كىشىلىرىنى، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك قېرىنداشلىق مېھىر – مۇھەببەتنى خاتىرىلىدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ چېھرىدىكى سەمىمىي كۈلكە ۋە ئارزۇ – ئىستەكلىرىنى كۆردى، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئاخبارات خىزمەتچىلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى نامايان قىلدى.

   مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، دىققىتىنى خەۋەرنىڭ ئاساسىي تېمىسىغا مەركەزلەشتۈردى

   ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم تەدبىرى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئەمەلىي قەدەم باسقۇچ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى يەنىمۇ پۇختا راۋاجلاندۇرۇشنىڭ كۈچلۈك تۇتقىسى، ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى، كادىرلارنىڭ ئىستىلىنى ياخشىلاشنىڭ رېئال ئېھتىياجى قىلىپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەپ، رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى ئۆلچەمدە ئىلگىرى سۈردى.

   ئاخبارات جامائەت پىكرى خىزمىتىدىكى مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، زىيارەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىنىڭ ئاساسىي تېمىسىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، قابىل مۇخبىرلارنى تەشكىللەپ، زىيارەت ئوبيېكتلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ بېكىتىپ، خەۋەر قىلىش لايىھەسىنى تەپسىلىي تۈزۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ياخشى ھېكايىلەرنى تارقىتىپ، ئاكتىپ كۈچلەرنى قوزغىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قەلب، كۈچلەرنى مۇجەسسەملىدى.

   ئەمەلىي يېزىلغان ئاخبارات خەۋەرلىرى كىشىنى تېخىمۇ تەسىرلەندۈرىدىغان كۈچنى نامايان قىلدى.

   زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر 20 كۈندە يېزىلارغا، مەھەللىلەرگە، كارخانىلارغا بېرىپ، دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما بىلەن سۆھبەتلىشىپ، 1 – سەپتىكى ئالاقىدار تەرەپلەرنى زىيارەت قىلىپ، ئەڭ قىممەتلىك ماتېرىياللارنى قېزىپ، 1 – سەپتىن كەلگەن خەۋەر، سۈرەت ۋە ۋىدىيولار ئارقىلىق ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىناق ئۆتۈۋاتقان، بىر ياقىدىن باش چىقارغان، ئىناق تەرەققىي قىلغان ئىتتىپاقلىق ھېكايىلىرىنى چىن ھېسسىياتى بىلەن بايان قىلدى.

   زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر زىيارەت خەۋەرلىرىنى تېخىمۇ توغرا، تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ ۋاقتىدا خەۋەر قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى توغرىسىدىكى بىر قاتار ئورۇنلاشتۇرما ھەم ئالاقىدار تەلەپلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، تەييارلىق خىزمىتىنى مۇددەتتىن بۇرۇن پىلانلاپ ياخشى ئىشلىدى، كۈندۈزدە زىيارەت قىلىپ، كەچتە خەۋەر يېزىپ، يول ئۈستىدە ئارام ئېلىپ، ئۇدا يۇقىرى سىجىللىقتىكى خىزمەتنىڭ جىسمانىي كۈچ ۋە ئىرادىنى خورىتىدىغان سىناقلىرىنى يېڭىپ، ئاخىرىدا بارلىق خەۋەر قىلىش ۋەزىپىسىنى قالتىس ياخشى تاماملىدى.

   زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر كەمتەرلىك، سالماقلىق، چىن ھېسسىيات بىلەن زىيارەت قىلدى، زىيارەت ئوبيېكتىلىرىنىڭ ھېكايىلىرى ئۇلارنى نۇرغۇن قېتىم تەسىرلەندۈردى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھەقىقىي مۇھەببىتى ئۇلارنى ھاياجانلاندۇردى. قوشماقلاشقان كادىر، ئىشچى – خىزمەتچىلەر بىلەن ئامما ئوتتۇرىسىدىكى سەمىمىي ۋە چىن رىشتە تاراتقۇ مۇخبىرلىرىنىڭ ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىنى يەنىمۇ ياخشى قانات يايدۇرۇشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىشىگە ئەڭ كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بولدى.

   مۇخبىرلار ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: ئاساسىي قاتلامغا سىڭگەندىلا روھنى ئۇرغۇتقىلى، ئاساسىي قاتلامغا چۆككەندىلا قەلبداش بولغىلى بولىدۇ. ئاساسىي قاتلامنىڭ 1 – سېپىگە بېرىپ، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئەمەلىي ئۈنۈمگە گۇۋاھچى بولغاندىلا، ئاخبارات خەۋەرلىرىنى تېخىمۇ جانلىق، تېخىمۇ مەزمۇنلۇق يېزىپ چىققىلى بولىدۇ.

   ئاساسىي مېلودىيەنى ياڭرىتىپ، ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇردى

   ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى تۇتقا ھەم ۋاسىتە قىلىنغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش، كۈچەيتىشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ چىن قەلبىدىن ئۇرغۇپ چىققان ئورتاق ھېسسىياتىغا ئايلاندى. بۇ ھەم ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولدى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئىتتىپاقلىق گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلدى›› تېمىسىدىكى مۇخبىرلىق پائالىيىتىنىڭ تېخىمۇ چوڭ ئەندىزە، تېخىمۇ يېڭى نەزەر دائىرىدە بولۇشى كېرەكلىكىنى بەلگىلىدى.

   بۇ قېتىمقى مۇخبىرلىق پائالىيىتىنىڭ تۇنجى بېكىتى كېرىيە ناھىيەسىنىڭ توغراغاز يېزىسى بولۇپ، شىنجاڭ گېزىتىنىڭ مۇخبىرى بۇ يېزىنىڭ قۇربان تۇلۇم روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلغانلىقىدەك بۇ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ جەۋھىرىنى زىچ چۆرىدەپ، خەۋەر نۇقتىسىنى كۆڭۈل قويۇپ تاللاپ، ‹‹نۇقتا›› ھېكايىلەرنى سۆزلەش ئارقىلىق ‹‹دائىرە›› ئۈنۈمى ۋە يارقىن نۇقتىلارنى دەلىللەپ، خەۋەرنىڭ تەسىر كۈچى، قايىل قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، قۇربان تۇلۇم روھىنى يېڭى دەۋردە يېڭىدىن نۇر چاچقۇزدى.

   ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭى ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە باشتىن – ئاخىر ئالدىدا مېڭىپ، ئۈلگە بولدى؛ ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭى ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ياخشى تەشكىللىدى؛ جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىگە تۈرتكە بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈردى؛ تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى ئۈزۈمچىلىك بازىرىنىڭ يالقۇنتاغ مەھەللىسى ‹‹بىرلىكتە››نى ۋاسىتە قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش مەھەللىلىرىنى بەرپا قىلدى... شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرى سۈرەتكە ئالغان ھەر بىر كۆرۈنۈش ھەر مىللەت ئامما قېرىنداشلاردەك ئىناق ئۆتۈۋاتقان، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇۋاتقان ئىناقلىق، بەختىيارلىقنى نامايان قىلدى.

   تىيانشان تورى مۇخبىرى جاۋ زىشۈەن تېخىمۇ تەسىرلىك خەۋەرلەرنى يېزىپ چىقىش ئۈچۈن ياتاققا قايتىپ كەلگەندىن كېيىنمۇ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە 22 تۇغقىنى›› بار ئاتۇش شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ياڭ يىجۇڭغا تېلېفون قىلىپ، ئۇنى يەنە ئىككى سائەتكە يېقىن تولۇقلاپ تەپسىلىي زىيارەت قىلىپ، ‹‹بىر ئاساسىي قاتلام كادىرىنىڭ ئاتۇشتىكى ھەپتە ئاخىرىدا <تۇغقان يوقلاش> خەرىتىسى›› دېگەن خەۋەرنى يېزىپ چىقتى.

   نامرات ئاھالىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولغان خوتەن ‹‹بالىم›› سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش لىدىرى ئوبۇلھەسەن ئوبۇلقاسىم، يەككە تىجارەتچىلەرنىڭ ‹‹مىكرو ھەرىكەت››ى ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچىنى توپلىغان ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى (دىن ئىشلىرى ئىدارىسى) ئورگان مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ كادىرى قەدىرىيە نۇرجان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ‹‹نوتا››لىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرغان ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يېزا خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ خەييەن، بالىلارنىڭ قەلبىگە ئىتتىپاقلىق ئۇرۇقىنى چاچقان ئاقچى ناھىيەسى 3 – بالىلار باغچىسىنىڭ باشلىقى گۈلزىننەت توقان...

   ھەرقايسى ئاخبارات تاراتقۇلىرى ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىنى باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئاممىۋى خىزمەت، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىگە ياردەم بېرىش بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، مەزمۇنى ۋە ئۇقۇم دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئاساسىي مېلودىيەنى ياڭرىتىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى كۆپ قاتلام، كۆپ خىل شەكىلدە ھەرىكەتكە كېلىشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش››نى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۈچەيتتى.

   تاراتقۇلار بىرلىشىپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ياخشى›› دېگەن كۈينى ياڭراتتى

   پۇتىمىز لايغا پاتتى، بېشىمىز كۆككە يەتتى. ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولدى،تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئىتتىپاقلىق گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلدى›› تېمىسىدىكى خەۋەرلەردە، تاراتقۇلار يېڭى تېخنىكا، يېڭى ۋاسىتىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، تەسىر كۈچكە ئىگە بىر تۈركۈم يۇغۇرما تاراتقۇ خەۋەرلىرىنى تەييارلىدى.

   ئالدىنقى سەپتىكى مۇخبىرلار خەۋەر يېزىش بىلەن بىللە، ئارقا سەپتىكى مۇھەررىرلەرنى مول خەۋەر ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلىدى، ئارقا سەپتىكىلەر ئوخشاشمىغان تاراتقۇلارنىڭ تارقىتىش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ‹‹ماتېرىياللارنى تەڭشەپ››، ‹‹پىششىقلاپ ئىشلەپ››، گېزىت، رادىيو، تور بېكەتلىرى، ‹‹مىكرو بىلوگ – ئۈندىدار، بىر تېرمىنال›› قاتارلىق ئوخشاشمىغان تاراتقۇ سۇپىسىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ‹‹بىر قېتىم توپلاش، كۆپ خىل تەييارلاش، كۆپ مەنبەلىك تارقىتىش››نى ئىشقا ئاشۇردى.

   شىنجاڭ گېزىتىنىڭ ھەر بىر گۇرۇپپا خەۋىرى خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە، موڭغۇلچە تۆت خىل يېزىقتىكى گېزىتتە بىرلا ۋاقىتتا بېرىلدى ۋە تارقىتىلدى؛ شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسىنىڭ ‹‹شىنجاڭ خەۋەرلىرى›› پىروگراممىسىدا مەخسۇس ئىستون تەسىس قىلىنىپ، خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە تۆت خىل تىلدا بىرلا ۋاقىتتا تارقىتىلدى؛ شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانىسىسى پۈتۈن ئىستانسىدا تەشۋىق قىلىش لايىھەسىنى تۈزۈپ، بەش خىل تىلدا بىرلا ۋاقىتتا ‹‹جەڭ قىلدى››.

   شۇنىڭ بىلەن بىللە، جايلاردىكى ھەر دەرىجىلىك ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتى ئۈندىدار جامائەت سۇپىلىرى ماس قەدەمدە يوللاپ، ئاپتونوم رايوندىكى بۆلۈم، كومىتېت، ئىشخانا، نازارەتلەرنىڭ ئىچكى تورىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشىنى ماسلاشتۇرۇپ، مەزمۇنى مول، شەكلى كۆپ خىل، قاپلىنىش دائىرىسى كەڭ، ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولغان كۈچلۈك خەۋەر قىلىش شەكلىنى ھاسىل قىلدى.

   6– ئاينىڭ 11 – كۈنىگە قەدەر، تاراتقۇلاردا يېڭىدىن يېزىلغان 160 پارچىگە يېقىن خەۋەر ئېلان قىلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە، ئاپتونوم رايوندىكى گېزىت تىپىدىكى تاراتقۇلار (تۆت خىل يېزىق) دا 60 پارچىگە يېقىن ماقالە ئېلان قىلىندى، رادىيو تىپىدىكى تاراتقۇلاردا 55 پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى، تور تاراتقۇلىرىدا 40 پارچىدىن ئارتۇق ماقالە ئېلان قىلىندى.

   مەركەزلىك ئېلان قىلىنغان يۈرۈشلۈك خەۋەرلەردە كۈچلۈك توغرا جامائەت پىكرى تېزلىكتە شەكىللەندۈرۈلۈپ، كۆرۈنەرلىك كۆلەملىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى.

   خوتەن ۋىلايەتلىك ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ كادىرى تاڭ خەيچۈەن مۇنداق دېدى: ئاخبارات خەۋەرلىرى ئىتتىپاقلىق كۈچ، ئىتتىپاقلىق جان، ئىتتىپاقلىق غەلىبە دېگەننى نامايان قىلدى.

   قەشقەر ۋىلايەتلىك ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ كادىرى مېڭ گۇاڭخۇڭ مۇنداق دېدى: خەۋەرلەردىن ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ قان – قېرىنداشلىق مېھرىنى ھېس قىلدىم، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشقا بولغان ئىشەنچىم چىڭىدى.

   قىزىلسۇ ئوبلاستلىق ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ كادىرى ۋېي زىچيۇڭ مۇنداق دېدى: ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشنىڭ زور ئەھمىيىتىگە بولغان تونۇشۇم بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتى، نىشان – ۋەزىپىلەر، خىزمەت ئۇسۇللىرىمۇ بارغانسېرى ئايدىڭلاشتى.

   زىيارەت ئۆمىكىدىكى مۇخبىرلار مۇنداق دېدى: ھەربىر كىشى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ قوغدىغۇچىسى، ئىلگىرى سۈرگۈچىسى، ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىسى بولۇشى كېرەك، ئاساسىي قاتلامدىن ئالغان ئوزۇق، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىدىن ئېرىشكەن كۈچ ئارقىلىق شىنجاڭ زېمىنىدا ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ياخشى›› دېگەن كۈينى داۋاملىق ياڭرىتىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى