تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

بىر ياش ئىچىدىكى بالىلارغا مېۋە شەربىتى بەرمەڭ

 

ماتېرىيال سۈرەت

    نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار مېۋە شەربىتىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى دەپ قاراپ، بالىلىرىغا دائىم مېۋە شەربىتى بېرىدۇ. ئەمما بۇنىڭ كەينىگە ساغلاملىق خەۋپى يوشۇرۇنغان.

  ئامېرىكا بالىلار كېسەللىكىلىرى جەمئىيىتى ئېنىق قىلىپ مۇنداق دېدى: ئالتە ئايدىن تۆۋەن بوۋاقلارغا مېۋە شەربىتى بېرىشكە بولمايدۇ، چۈنكى مېۋە شەربىتىنىڭ بۇ ياشتىكى بوۋاقلارغا ھېچقانداق ئوزۇقلۇق قىممىتى بولمايدۇ، بىر ياش ئىچىدىكى بالىلارغىمۇ مېۋە شەربىتى بېرىشكە بولمايدۇ، چۈنكى ئالتە ئايلىقتىن يۇقىرى بوۋاقلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، مېۋە شەربىتىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ھامىنى مېۋىنىڭكىگە يەتمەيدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

    مېۋە-چېۋىلەردىن يېمەكلىك تالاسىغا ئوخشاش تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك بولغان ئوزۇقلۇق تەركىبلىرىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. مېۋە شەربىتىنىڭ قەنت تەركىبى %10 ئەتراپىدا بولۇپ، ئادەتتىكى تاتلىق ئىچىملىكلەر بىلەن ئوخشاش، ئەگەر بوۋاققا قايناقسۇ ئەمەس، بەلكى مېۋە شەربىتى ئىچىشنى ئادەتلەندۈرۈپ قويغاندا، چوڭ بولغاندا باشقا ئىچىملىكلەرنى ئىچمەيدىغان بولۇپ قىلىپ، بەدەن ئېغىرلىقى ئارتىپ كېتىدىغان، سەمىرىپ كېتىدىغان ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ. بوۋاقلار ئالتە ئايلىق بولغاندا ئاتا-ئانىلار مېۋە بوتقىسى ۋە مېۋە-چېۋىلەرنى پارچىلاپ ياكى قەلەمچە قىلىپ بەرسە بولىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى