تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

غايە - ئېتىقادىمنى چىڭىتىپ، دادىل ھالدا مەسئۇلىيەتچان، ياراملىق بولىمەن

ئارشاڭ ناھىيەسى تاشيۇ يېزىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئادالەت ئىسمائىل

   مەن ئىشچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ئاتا – ئانام ماڭا پارتىيەنى، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ياخشىلاش توغرىسىدا تەربىيە بېرىپ تۇراتتى، ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيەسى ئۆسۈپ يېتىلىشىمگە ئىزچىل ھەمراھ بولۇپ كەلدى. پارتىيەلىك ئاز سانلىق مىللەت كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيەنىڭ چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، مەيدانىمنى مۇستەھكەملەپ، سىياسىيدا قەتئىي بولىمەن، مەسئۇلىيەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممەمگە ئالىمەن، ئىستىلىمنى ياخشىلايمەن، ئىقتىدارىمنى ئۆستۈرىمەن. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن.

   شىنجاڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى ئالدىنقى سەپ بازا ۋە ئاساسىي جەڭگاھ، بىز بايرىقىمىز روشەن ھالدا سىياسىي يۆنىلىش ۋە سىياسىي مەيدانىمىزنى چىڭىتىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قەتئىي زەربە بېرىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشىمىز، باشتىن – ئاخىر بايرىقىمىزنى روشەن، مەيدانىمىزنى مۇستەھكەم، پوزىتسىيەمىزنى قەتئىي، قەدىمىمىزنى بىردەك قىلىشىمىز كېرەك. تەشەببۇسكارلىق بىلەن ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە جەڭ ئېلان قىلىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى ‹‹ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش›› ئۆگىنىش – تەربىيەسىگە، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈشىمىز كېرەك. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشىمىز، ئومۇملۇقنى كۆزلىشىمىز، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشىمىز كېرەك.

   ئۆزۈمگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، قائىدە بويىچە ئىش قىلىپ، ئېغىزىمغا كەلگەنچە سۆزلىمەيمەن، ئۆز بېشىمچىلىق قىلمايمەن. يېڭى مۇساپىنىڭ بۇرغىسى ياڭرىدى، غايە – ئېتىقادىمنى مۇستەھكەملەپ، پارتىيەگە بولغان ساداقىتىمنى ساقلاپ، دادىل ھالدا مەسئۇلىيەتچان، ياراملىق بولۇپ، باشتىن – ئاخىر شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىمەن. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش›› خىزمىتىنى پۇختا، ئىنچىكە ئىشلەيمەن.

   ياخشى ئۈلگە بولۇپ، ئاممىغا پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، ۋەتىنىمىز ۋە يۇرتىمىزدىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇپ، ئۇلارنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەيمەن. مەۋقەنى خىزمىتىمگە قويۇپ، تىرىشىپ يېڭى نەتىجە يارىتىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى