تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ئالدىنقى بەش ئايدا دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش ئاساسلىق تىجارەت كەسپى كىرىمى 5 ترىليون يۈەندىن ئاشتى

   خەلق گېزىتى، بېيجىڭ، 6-ئاينىڭ 17-كۈنى تېلېگراممىسى. مۇخبىرنىڭ يېقىندا يېزا ئىگىلىك-يېزا مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، يېزىلاردىكى بىرىنچى، ئىككىنچى، ئۈچىنچى كەسىپ يۇغۇرما تەرەققىيات ھالىتى ياخشى ۋەزىيەت شەكىللەندۈرۈپ، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش كەسپى مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەن، ئىستراھەت يېزا ئىگىلىكى بىلەن يېزا ساياھەت ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، يېزا ئىگىلىكى بىلەن پىششىقلاپ ئىشلەش ئوبوروتى، ساياھەت، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە قاتارلىق كەسىپلەر زور دەرىجىدە بىرىككەن.

   دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەشتە، بۇ يىل 1-ئايدىن 5-ئايغىچە ئاساسلىق تىجارەت كەسپى كىرىمى 5 ترىليون يۈەندىن ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7 ئەتراپىدا ئاشقان.  كۆلەمدىن يۇقىرى دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىلىرى 80 مىڭدىن ئېشىپ، چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى كارخانىلارنىڭ نىسبىتى %16 كە، يىللىق سېتىش كىرىمى يۈز مىليوندىن ئاشقان كارخانىلار 20 مىڭغا يېقىنلىشىپ، 10 مىليارد يۈەندىن ئاشقان كارخانىلار 70 كە يەتكەن. يېرىمدىن كۆپرەك پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىلىرى يېزىلاردىكى كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدا يېتەكچى كۈچ بولۇپ قالغان. ئىستراھەت يېزا ئىگىلىكى ۋە سەھرا سەيلىسى جەھەتتە، 2017-يىلى 280 مىليون ئادەم (قېتىم) دىن ئارتۇق ساياھەتچى كۈتۈۋېلىنىپ، كىرىم 740 مىليارد يۈەندىن ئاشقان، 9 مىليون ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، 7 مىليون ئائىلىلىك دېھقاننىڭ مەنپەئەتلىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تەبىئىي يېزا كەسىپ يۇغۇرما سۇبيېكىتلىرىغا ئايلانغان.

   يېزىلاردا ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلدى. 2017-يىلى يۇرتىغا قايتقان، يېزىغا چۈشكەن ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش خادىملىرى 7 مىليون 400 مىڭ ئادەمگە يەتكەن. %54 يۇرتىغا قايتقان، يېزىلارغا چۈشكەن ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش خادىملىرى تور قاتارلىق ھازىرقى زامان ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلانغان، %82 تىن يۇقىرى خادىملار ئىگىلىك كەسپى بىرىكمە تۈرى قۇرغان، %89.3 خادىم ئوپچە ئىگىلىك تىكلەپ، چوڭ بىر تۈركۈم كەسىپ يۇغۇرما مەنپەئەت ئورتاق گەۋدىسىنى شەكىللەندۈرگەن.

   يېزا ئىگىلىك-يېزا مىنىستىرلىقى دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى زۇڭ يۈياۋ مۇنداق دېدى: يېزىلارنىڭ كەسىپ يۇغۇرمىسى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەشتىكى يانداش قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى يېڭى كۈچ بىلەن تەمىنلەپ، يېزا ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى، دېھقانلارنىڭ  ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى يول ئاچتى. كېيىنكى قەدەمدە، يېزا ئىگىلىك-يېزا مىنىستىرلىقى دېھقانلار كەسىپ زەنجىرىنىڭ قوشۇلما قىممەت پايدىسىدىن مۇۋاپىق تەڭ بەھرىمەن بولۇشىنى يادرو قىلىپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، «ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش»تىكى ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنى كۆپەيتىپ، يېزا كەسپىنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى