تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

باش نىشاننى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلايلى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى باقىت ئالبانباي

   مەن ئادەتتىكى ئىشچى ئائىلىسىدە تۇغۇلدۇم، پارتىيەنىڭ تەربىيەسى ۋە يېتىشتۈرۈشىدە رەھبىرىي كادىر بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلدىم. مەن پارتىيەگە، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن، مۇشۇنداق ئىناق، مۇقىم جەمئىيەتتە ياشاۋاتقانلىقىمدىن ئۆزۈمنى تولىمۇ بەختلىك ھېس قىلىمەن. مەن ئىلىدىكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر ۋە قولغا كەلتۈرۈلگەن غايەت زور  مۇۋەپپەقىيەتلەرگە گۇۋاھچى بولدۇم. ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشى كۈندىن – كۈنگە ياخشىلىنىپ، چېھرىدە بەخت ۋە ئىشەنچ جىلۋىلەندى. بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە قىلغان سەمىمىي غەمخورلۇقىدىن بولدى. مەن بۇ خىل مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى پۇختا خىزمەت قىلىش ئاڭلىقلىقىغا ئايلاندۇرۇپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلايمەن، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن،  ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇش، ياخشى قوغداش، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى بارلىق خىزمەتنىڭ چىقىش نۇقتىسى ۋە مەقسىتى، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى بىرىنچى مەسئۇلىيەت قىلىمەن.

   پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ھەر قانداق ۋاقىتتا پارتىيەۋىلىككە ئەھaمىيەت بېرىمەن. پارتىيەۋىلىككە ئەھمىيەت بەرگەنلىك سىياسىيغا ئەھمىيەت بەرگەنلىكتۇر، مەن ھەر ۋاقىت پارتىيەنى قەلبىمگە پۈكۈپ، پارتىيەنىڭ غېمىنى يەپ، پارتىيە ئۈچۈن ئىشلەپ، پارتىيە ئۈچۈن سۆزلەپ، پارتىيەگە سادىق بولىمەن، باشقىچە خىيالدا بولمايمەن. بولۇپمۇ مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشتىن ئىبارەت چوڭ ھەق –  چوڭ ناھەق مەسىلىسىدە ئىدىيەدە قەتئىي بىخۇدلۇق قىلماي، پوزىتسىيەدە قەتئىي تۇتۇق بولماي، سىياسىيدا زېرەك ئادەم بولۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى، سىياسىي قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغان ئادەم ۋە ئىشلارغا ھەرگىز يۈز – خاتىر قىلمايمەن، ئۇلارنى مەيلىگە قويۇۋەتمەيمەن، ئالدىدا بىر خىل، كەينىدە بىر خىل ئىش قىلىدىغان، كۆرۈنۈشتە ئىتائەت قىلغان بولۇپ، ئاستىرتىن خىلاپلىق قىلىدىغان ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەردىن قەتئىي بولمايمەن، دادىل ھالدا ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن. باشتىن – ئاخىر سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە باشتىن – ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمەن، پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا قەتئىي بويسۇنۇپ، مەيدانىم مۇستەھكەم، بايرىقىم روشەن ھالدا مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغداپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرىمەن، ئەمەلىيلەشتۈرىمەن.

   ئۆزۈم ئۈلگە كۆرسىتىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ماركسىزملىق دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا تەربىيەلەيمەن، يېتەكلەيمەن، ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش››نى كۈچەيتىپ، شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەيمەن. پارتىيەنىڭ ساداسى ۋە ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ئاكتىپ ياخشى تەشۋىق قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەيمەن. پارتىيەنىڭ ئىدېئولوگىيە خىزمىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى تەشۋىقات، جامائەت پىكرى خىزمىتى ئىقتىدارىمنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، جامائەت پىكرى يېتەكچىلىك ھوقۇقىنى ئىگىلەپ، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىپ، ئاساسىي مېلودىيەنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ياخشى جامائەت پىكرى كەيپىياتى بەرپا قىلىپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى