تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

يېڭىشەھەر ناھىيەسى : «بىر ئائىلە كىشىلىرى» ئاشخانىسى

    ئۆز خەۋىرىمىز. 6-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىدىكى قوشماقلاشقان كادىر تۇغقانلىرى بىلەن كەنتتىكى «بىر ئائىلە كىشىلىرى» ئاشخانىسىدا بىرلىكتە ناشتا قىلدى، ئۇلار ھورى چىقىپ تۇرغان مەززىلىك سوزىمەننى ئىچىپ بولغاندىن كېيىن، ئاشخانا خوجايىنى بۇسادەتگۈل مەنسۇر كۆپچىلىككە بىر پارچە كوللېكتىپ سۈرەتكە چۈشۈش تەكلىپىنى بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ سۈرەتنى چوڭايتىپ، ئاشخانامغا ئېسىپ قويىمەن، بۇ يەردىكى ھەر بىر سۈرەتتە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىسى بار، لېكىن مېنىڭ بۇ سوزىمەنخانامنىڭ ھېكايىسى ھەممىدىن بەك تەسىرلىك.

     قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسى يېڭىئاۋات يېزىسى قارايار كەنتىدە تۇرۇشلۇق بۇسادەتگۈل  مەنسۇرنىڭ نامراتلىق قالپىقىدىن قۇتۇلالمىغان، ئەتىدىن-كەچكىچە قازان بېشىدىن كېتەلمەيدىغان دېھقان ئايالدىن ئۆز تۇرمۇشىنى ئۆزى قامدىغۇدەك ھالغا يېتىشى ئۈچۈن بىر ئايلا ۋاقىت كەتتى.

     «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىر ئائىلە كىشىلىرى» پائالىيىتىدە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسى قارايار كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى قەيسەر مەمەت ۋە خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ پېڭ بۇسادەتگۈل بىلەن ئۇرۇق-تۇغقان بولدى، كەنتتە تۇرۇشلۇق ئىككى كادىر ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بەردى ھەمدە ئۇنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا يول كۆرسەتتى.

    قەيسەر تەشەببۇسكارلىق بىلەن بۇسادەتگۈلگە سوزىمەن ئېتىشنى ئۆگەتتى، سوزىمەننىڭ خۇش ھىدى، ئاچچىق-چۈچۈك تەمى ئۇنىڭ بۇ كەنتتە بىر سوزىمەنخانا ئېچىش ئارزۇسىنى تېخىمۇ ئۇلغايتتى. ئۇ قەيسەرگە سىز ماڭا سوزىمەننى قانداق ئېتىشنى ئۆگىتىپ قويدىڭىز، مەن ئۆز ئالدىمغا ئىگىلىك تىكلەپ، نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىپ تاشلىماقچى،- دېگەندە قەيسەر ئۇنى ناھايىتى قوللىدى، ئۇ كۆپچىلىكنىڭ لەغمەن يېيىشكە ئادەتلەنگەنلىكىنى، بىراق سوزىمەننىڭ تەمى ئۆزگىچە يېڭى تائام ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ بۇ سادەتگۈلنى قوللايدىغانلىقىنى ئېيتتى ھەمدە: دۇكان ئىسمىنى «بىر ئائىلە كىشىلىرى»  دەپ قويايلى، مەن سىزگە ياردەم قىلىمەن،-دېدى.

   قەيسەر بۇسادەتگۈلگە سوزىمەننى قانداق ئېتىش ئۇسۇلىنى ئۆزى بىر قوللۇق ئۆگەتتى، خېمىر يۇغۇرۇش، سەي قورۇش  ئۇسۇلىنى  بۇسادەتگۈلگە  كۆڭۈل قويۇپ ئۆگىتىپ، قايتا-قايتا مەشىق قىلدۇردى، بۇسادەتگۈل ئۆزى ئەتكەن مەززىلىك سوزىمەننى كۆرۈپ، ئىگىلىك تىكلەش ئىشەنچىسى ئاشتى .

   بۇسادەتگۈلنىڭ ئىككى تۇغقىنى ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ دۇكان تېپىپ، ئاشخانا سايمانلىرى، قاچا ۋە زىننەت بۇيۇملىرىنى ئېلىپ  بەردى. دۇكاندا مەززىلىك تائامدىن سىرت يەنە ياخشى بولغان تىجارەت ئېڭى بولۇشى كېرەك . ۋاڭ پېڭ كەنتتە تەشۋىقاتچى بولۇش سۈپىتى بىلەن «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىر ئائىلە كىشىلىرى» پائالىيىتىدە چۈشكەن سۈرەتلەرنى چوڭايتىپ، رامكىغا ئېلىپ، تامغا ئېسىپ قويدى، بۇ سۈرەتلەر دۇكانغا باشقىچە تۇيغۇ قوشۇپ ، نۇرغۇن كىشىلەرنى جەلپ قىلدى .

  بۈگۈنكى كۈندە، بۇسادەتگۈلنىڭ ئاشخانىسى بىر كۈندە بىر - ئىككى يۈز يۈەن ساپ كىرىم قىلىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: سىلەرنىڭ قوللىغىنىڭلارغا رەھمەت، ھازىر مېنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشتا ئىشەنچىم كامىل، بەختلىك تۇرمۇشقا بولغان ئۈمىدىم زور، مەن ياخشى تىجارەت قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» تامىقى بىلەن تەمىنلەيمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى