ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى: تيەنجىنلىك ساياھەتچى جياۋ يىڭ 6-ئاينىڭ 17-كۈنى شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازاردا ئۇسسۇل ئويناشنى ئۆگەندى. ئۇ: «شىنجاڭغا تۇنجى قېتىم ساياھەتكە كېلىشىم، شىنجاڭنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل، كىشىلىرى مېھماندوست ئىكەن» دېدى.
روزا ھېيت، تاڭزۇڭزا چاغىنىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار ساياھەتچىلەرنىڭ بېسىق مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى، ساياھەتچىلەر تاماشا قىلدى، سۈرەتكە چۈشتى، نازۇ-نېمەتلەرگە ئېغىز تەگدى، نەرسە-كېرەك سېتىۋالدى... قويۇق بايرام كەيپىياتىنى ھېس قىلدى.