ئۆز خەۋىرىمىز: مۇخبىرنىڭ 6-ئاينىڭ 19-كۈنى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ساياھەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بايراملىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئاقسۇ ۋىلايىتى جەمئىي كۈتۈۋالغان ساياھەتچى سانى 102 مىڭ ئادەم (قېتىم) گە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ سانى 244 ئادەم بولۇپ، ساياھەت ئومۇمىي كىرىمى 8 مىليون 941 مىڭ 900 يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %60 ئاشقان.
بۇ يىللىق بايراملىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە ئاساسلىقى ئىستىراھەت ساياھىتى، ئېكسكۇرسىيە قىلىش ۋە تۇغقان يوقلاش شەكىلدىكى قىسقا لىنىيەلىك ساياھەت ئاساس قىلىنغان بولۇپ، ھەر قايسى مەنزىرە رايونلىرىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ سانى ئىنتايىن كۆپ بولغان.
ئۇنىڭدىن باشقا، بايرام مەزگىلىدە ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ھەر قايسى چوڭ مەنزىرە رايونلىرىدا ئارقا-ئارقىدىن مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلغان.
6-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 16-كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە، ئاقسۇ ۋىلايىتى تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ساياھەت ئايروپىلانىنى كۈتىۋالغان بولۇپ، بۇ ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ سانىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان.
بايراملىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە ساياھەت بىخەتەرلىك ھادىسلىرى ۋە ساياھەت ئەرز-شىكايەت ئەھۋاللىرى كۆرۈلمىگەن، ساياھەت بازىرىنىڭ تەرتىپى ياخشى بولغان.