تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى يېشىل بولۇشنى ئېكولوگىيە ۋە تەرەققىياتتا ئاساسىي ئورۇنغا قويدى

شىنجاڭ گېزىتى سانجى مۇخبىرلار پونكىتىدىن ليۇ شى

   يېشىل بولۇش ـــ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئىزچىل تىرىشىش ۋە ئىنتىلىش نىشانى بولۇپ كەلدى. سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈپ، يېشىل بولۇشنى ئېكولوگىيە ۋە تەرەققىياتتا ئاساسىي ئورۇنغا قويۇپ، روشەن ئالاھىدىلىككە ئايلاندۇردى.

   گۈزەل ئېكولوگىيەلىك مەنزىرە بەرپا قىلىندى

   6 – ئاينىڭ 18 – كۈنى، سانجى شەھىرىنىڭ ليۇگۇڭ بازىرى شىسەنخۇ كەنتىدە سىم – سىم يامغۇر يېغىۋاتاتتى، ھاۋا ئىنتايىن ساپ ئىدى، ئوتقاشتەك ‹‹گۈل دېڭىزى›› ھاياتىي كۈچكە تولغانىدى، يىراقتىكى بېلىق كۆلچەكلىرى يامغۇردا گۈزەل تۈسكە كىرگەنىدى.

   2017– يىلى 12 – ئاينىڭ 17 – كۈنى، شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلگەن 2017 – يىللىق ‹‹جۇڭگودىكى ئەڭ گۈزەل كەنت››نى باھالاش پائالىيىتىنىڭ مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدا، شىسەنخۇ كەنتى 5 – نۆۋەتلىك ‹‹جۇڭگودىكى ئەڭ گۈزەل كەنت ئېكولوگىيە مۇكاپاتى››غا ئېرىشتى.

   مەن 6 – ئاينىڭ 6 – كۈنى شىسەنخۇ كەنتىگە كەلدىم، كەنتتىكى ھەر بىر ئائىلىنىڭ قورۇسىدا  قوش ئىدىشلىق ۋارونكا شەكىللىك ھاجەتخانا، ھەتتا سۇ چۈشۈرۈش سىستېمىسى مۇكەممەل، پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەلىرى بار ھاجەتخانا بار ئىدى.

   6 – ئاينىڭ 7 – كۈنى كەچقۇرۇن، ماناس دەرياسى كەچكى شەپەق نۇرىدا دولقۇنلايتتى، مەيىن شامال يۈزنى سىيپاپ ئۆتەتتى، تال چىۋىقلار شامالدا لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشكەنىدى. ‹‹نۇڭفۇشەنچۈەن›› مىنېرال سۈيىنىڭ مەملىكەت بويىچە سەككىز يەردە سۇ بازىسى بار، شىركەت ھەر پەسىلدە بىر قېتىم سۇ سۈپىتىنى رەتكە تىزىدۇ. ماناس ناھىيەسىگە جايلاشقان بازىنىڭ سۇ سۈپىتى ئەزەلدىن كىشىنى ئەندىشىگە سېلىپ باقمىدى. بۇ، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى.

   بۇ يىل 10 – ئاينىڭ ئاخىرىدا، سانجى شەھىرىنىڭ تۇدۇڭخابا دەرياسى بويىدىكى چوڭ كۆۋرۈكنى جەنۇبتىن شىمالغا توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان جايدا جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 2.2 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 630 مېتىر كېلىدىغان، كۆلىمى 700 مىڭ كىۋادرات مېتىردىن ئاشىدىغان سۈنئىي كۆل ياسىلىدۇ. بۇ جايدا ئىلگىرى ‹‹تۈنخې›› سېمونتچىلىقى قاتارلىق 87 كارخانا، 26 قۇم زاۋۇتى بار ئىدى، دەريا ئەتراپى ۋە تۆۋەنكى ئېقىندىكى يەر ئاستى سۈيى، يەر ئۈستى سۈيى بۇلغىنىپ، كىشىلەر ئىلگىرىكى ‹‹ئانا دەريا››نى ‹‹باش ئاغرىقى دەرياسى›› دەپ ئاتايدىغان بولغانىدى.

   سانجى شەھىرى 2012 – يىلى ‹‹كارخانىلارنى سانائەت رايونىغا كىرگۈزۈش››نى يولغا قويدى ھەم 5 مىليارد 700 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، ‹‹بىر كۆل، ئىككى بەلباغ، توققۇز باش تېمىلىق باغچە›› بىر گەۋدىلەشكەن تۇدۇڭخابا دەرياسى بويىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، كۆك ۋە يېشىل رەڭ گىرەلەشكەن ئىستېرېئولۇق ئېكولوگىيە بەلبېغى شەكىللەندۈرۈپ، تۇدۇڭخابا دەرياسى ھەۋزىسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى يەنىمۇ ياخشىلىدى.

   سۈپسۈزۈك سۇ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى دەريا – كۆللەردىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ، شۇنداقلا سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى ئىزچىل ئىنتىلىشى ۋە قەتئىي ئىرادىسىنى نامايان قىلىدۇ.

   ئۈزلۈكسىز ئۇزارتىلىۋاتقان ‹‹ئېكولوگىيە +›› ئۈنۈمى

   تۇمانلىق سەھەردە خورازلار چىللاپ، ئىتلار قاۋىشاتتى، كەچكى شەپەقتە مورىدىن چىققان ئىس ھاۋاغا كۆتۈرۈلەتتى. مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ئېگىنبۇلاق يېزىسىدىكى تاغ ۋە دەرياغا يانداشقان، 100 يىللىق تارىخنى باشتىن كەچۈرگەن يۆلياڭدى كەنتى ھېلىھەم ئەنئەنىۋى قىياپىتىنى ساقلىغانىدى.

   ئېگىنبۇلاق يېزىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى ۋېنشياڭ مۇنداق دېدى: بۇرۇن يۆلياڭدى كەنتى رەتسىز كەنت ئىدى، كەنتتە ھەركىم ئۆز خىيالى بويىچە ئۆيلىرىنى قالايمىقان سالاتتى، دەريا بويىدا توخۇ كاتىكى، قوي، كالا قوتانلىرى بار ئىدى.

   گۈزەل يېزا – كەنت قۇرۇش داۋامىدا، يۆلياڭدى كەنتى ئەنئەنىۋى كەنتنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى چۆرىدەپ، بەزى كونا ئۆيلەرنى قۇتقۇزۇش خاراكتېرلىك رېمونت قىلىپ، كونا ئۆيلەرنى ئەسلىي ھالىتى بويىچە يېڭىلىدى، بۇ كەنت مەملىكەت بويىچە 3 – تۈركۈمدىكى ئەنئەنىۋى قەدىمىي كەنت قاتارىغا كىردى. كەنت ئاھالىسى لى شيۇلەن 1914 – يىلى سېلىنغان كونا ئۆيىنى رېمونت قىلىپ، ‹‹يۆلياڭلىقلار ئائىلىسى›› سەھرا ئارامگاھى ئاچتى. ئارامگاھتا ئۆينىڭ ئەسلىي قىياپىتى ساقلاپ قېلىنغان، يېشىل كاھىش، سېرىق توپا تام، ياغاچ قاشا بار ئىدى، بىراق ئۆيدە كەڭ بەلباغلىق تور، سۇ تەمىنلەش – چىقىرىش ئەسلىھەسى، سۇ چۈشۈرىدىغان ھاجەتخانا، مۇنچا، ئۆلچەملىك ئاشخانا قاتارلىقلار تەل ئىدى. لى شيۇلەن: ھازىر كەنتتىكى 34 ئائىلە يېمەك – ئىچمەك، مېھمانخانا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمىنى 60 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزدى، دېدى.

   چېن گوچۈن سانجى شەھىرىنىڭ ليۇگۇڭ بازىرى شىسەنخۇ كەنتىدىكى ‹‹خەيۋېي›› بېلىقچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مەسئۇلى. ئۇ ئىككى كۈندىن بۇيان ئىشچىلارنى يېتەكلەپ، كالفورنىيە ئوكۇن بېلىقىنى كۆپەيتىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. بۇ، بۇ يىل 3 – ئايدا يېڭىدىن كىرگۈزگەن تۈر بولۇپ، بۇ بېلىقنىڭ ئەسلىي ماكانى ئامېرىكىنىڭ كالفورنىيە ئىشتاتىدا ئىدى. چېن گوچۈن مۇنداق دېدى: بۇ جايدا سۇ بايلىقى مول، شارائىت قولايلىق، كەنتتىكى 50 نەچچە ئاھالە بېلىق باقىدۇ، يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 4 مىليون يۈەندىن ئاشىدۇ.

   جىمىسار ناھىيەسىنىڭ شىندى يېزىسى شياۋفىنزى كەنتى تىيانشاننىڭ شىمالىغا جايلاشقان، ھەممە يەردە ياۋا گۈللەر ئېچىلىپ تۇرىدۇ، قارلىق چوققا، ئورمانلىق، يېشىل دالا ۋە رەڭگارەڭ گۈللەر گۈزەل مەنزىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىچى – سىرتىدىن كەلگەن داڭلىق رەسساملارنى جەلپ قىلىدۇ. سودا پۇرسىتىنى ھېس قىلغان كەنت ئاھالىسى ما شېڭشى 2013 – يىلى سەھرا ئارامگاھى ئاچتى. ئارقىدىن كەنتتىكى 20 نەچچە ئاھالە بۇنىڭغا قوشۇلۇپ، ھەر يىلى مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن رەسسام ۋە ئۇلارنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن بولۇپ 5000دىن كۆپرەك كىشىنى كۈتۈۋالدى، كەنتتە يەنە قەھۋەخانا، ساغلاملىق كۈتۈنۈش بازىسى ئېچىلدى، بۇ جاينىڭ ‹‹رەسساملار كەنتى›› دەپ نامى چىقتى.

   يېشىل توسۇق بەختنى قوغدىدى

   گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ شىمالىدىكى قۇملۇقنىڭ چېتىگە جايلاشقان شىبېيۋەن بازىرى مەنيىڭخۇ كەنتى، 65 ياشلىق چارۋىچى ئۆمەر 6 – ئاينىڭ 9 – كۈنى ھويلىسىدىكى كۆكتاتلارنى سۇغىرىۋاتاتتى. ئۆمەر مۇنداق دېدى: بۇرۇن قۇم ناھايىتى تېز كۆچكەچكە، باشقا يەرگە كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانىدىم، ھازىر بۇ يەرنىڭ مۇھىتى كۈندىن – كۈنگە ياخشىلىنىۋاتىدۇ، قۇممۇ بۇرۇنقىدەك كۆچمەيدىغان بولدى، مۇھىت كۆپ ياخشىلاندى، ھويلىغا كۆكتات تېرىغىلى بولىدىغان بولدى.

   گۇچۇڭ ناھىيەسى شىبېيۋەن چۆل ئورمىنىنى باشقۇرۇش – مۇھاپىزەت قىلىش پونكىتىنىڭ باشلىقى راھەت سۇلتان مۇنداق دېدى: 1998 – يىلى گۇچۇڭ ناھىيەسىدە چۆل ئورمىنىنى باشقۇرۇش – مۇھاپىزەت قىلىش پونكىتى قۇرۇلۇپ، قۇملۇقتا ئالتە مۇھاپىزەت پونكىتى تەسىس قىلىندى، ئالتە مۇھاپىزەت پونكىتىدا 30 نەچچە مۇھاپىزەتچى بار. ھازىر يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر باراقسانلىشىپ، بۇ يەرنىڭ مۇھىتى زور دەرىجىدە ئۆزگەردى، قۇلان، جەرەن قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلار قايتىپ كەلدى، مەن ئورمان مۇھاپىزەتچىسى بولغانلىقىمدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمەن.

   گۇچۇڭ ناھىيەسى قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، قۇملۇقنىڭ شىمالىدا سۆكسۆك، يۇلغۇن ئۆستۈرۈپ، كۆپ يىل تىرىشىش ئارقىلىق شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 65 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى ئۈچ كىلومېتىردىن بەش كىلومېتىرغىچە كېلىدىغان قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش يېشىل توسۇقىنى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلدى.

   ھازىر سانجىدا يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇش، ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى بىلەن شۇغۇللىنىش كۆپچىلىكنىڭ ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • يېڭىسارنىڭ تونۇر كاۋىپى
  • ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان چوڭ جىلغىسى ساياھەت مەخسۇس لىنىيەسىنى ئاچتى
  • سايرام كۆلىنىڭ قىش مەنزىرىسى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى