تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ كومىتېت باشلىقى كىم جوڭئۇن بىلەن سۆھبەتلەشتى

لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، ۋاڭ چىشەن ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى

6–ئاينىڭ 19–كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شۇ كۈنى بېيجىڭغا كېلىپ جۇڭگودىكى زىيارىتىنى باشلىغان چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ كومىتېت باشلىقى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى كىم جوڭئۇن بىلەن سۆھبەتلەشتى. سۈرەتتە: سۆھبەتتىن ئىلگىرى، باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا كومىتېت باشلىقى كىم جوڭئۇننى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6–ئاينىڭ 19–كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6–ئاينىڭ 19–كۈنى شۇ كۈنى بېيجىڭغا كېلىپ جۇڭگودىكى زىيارىتىنى باشلىغان چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ كومىتېت باشلىقى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى كىم جوڭئۇن بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى جۇڭگو–چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ ھازىرقى تەرەققىياتى ۋە چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتى توغرىسىدا سەمىمىي، چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، بىردەك جۇڭگو–چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنى ياخشى قوغداش، ياخشى مۇستەھكەملەش، ياخشى راۋاجلاندۇرۇش، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقى يۈزلىنىۋاتقان ياخشى ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش، دۇنيا ۋە رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقى، گۈللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنى قوغداش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

   شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بىز شۇنى خۇشاللىق بىلەن كۆردۇقكى، يولداش كومىتېت باشلىقى كىم جوڭئۇن زۇڭتۇڭ ترامپ بىلەن سىنگاپوردا مۇھىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈپ، يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، يېرىم ئارالنىڭ ئۇزاققىچە تىنچ تۇرۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش توغرىسىدا پىرىنسىپال ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، ئىجابىي نەتىجىلەرگە ئېرىشتى، جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا يۈكسەك باھا بېرىدۇ. يولداش كومىتېت باشلىقى كىم جوڭئۇننىڭ جۇڭگوغا مەخسۇس زىيارەتكە كېلىشى جۇڭگو–چاۋشيەن ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىسىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى، مەن بۇنىڭغا يۈكسەك باھا بېرىمەن.

   شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئۈچ ئايغا يەتمىگەن ۋاقىتتا، مەن يولداش كومىتېت باشلىقى بىلەن ئۈچ قېتىم ئۇچراشتىم، بۇ، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، جۇڭگو–چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى سەھىپە ئاچتى. جۇڭگونىڭ پارتىيە ۋە ھۆكۈمىتى جۇڭگو – چاۋشيەننىڭ دوستلۇق، ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتىدە مەيلى قانداق ئۆزگىرىش بولسۇن، جۇڭگونىڭ پارتىيە ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگو–چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش قەتئىي مەيدانىدا ئۆزگىرىش بولمايدۇ، جۇڭگو خەلقىنىڭ چاۋشيەن خەلقى بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئۆزگەرمەيدۇ، جۇڭگونىڭ سوتسىيالىستىك چاۋشيەننى قوللىشى ئۆزگەرمەيدۇ. مەن يولداش كومىتېت باشلىقى بىلەن بىرلىكتە ئىككى تەرەپ ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى داۋاملىق ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو–چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاققىچە ساغلام، مۇقىم راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن.
        
   شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، جۇڭگو خەلقى مەۋقەنى دۆلەت ئەھۋالىغا قويۇپ، دۇنياغا نەزەر تاشلاپ، دادىللىق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىپ، ئۆز – ئۆزىنى يېڭىلاپ، دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدەندى. بىز شۇنى خۇشاللىق بىلەن كۆردۇقكى، چاۋشيەن خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشقا قويۇشتەك زور قارارنى چىقاردى، چاۋشيەن سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى يېڭى تارىخىي باسقۇچقا كىردى. بىز چاۋشيەننىڭ ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىنى قوللايمىز، چاۋشيەننىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قوللايمىز.

6 – ئاينىڭ 19 – كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شۇ كۈنى بېيجىڭغا كېلىپ جۇڭگودىكى زىيارىتىنى باشلىغان چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ كومىتېت باشلىقى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى كىم جوڭئۇن بىلەن سۆھبەتلەشتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى

   كىم جوڭئۇن ئارىدىن ئۇزاق ۋاقىت ئۆتمەيلا باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن يەنە بىر قېتىم كۆرۈشكەنلىكىدىن ئىنتايىن خۇشال ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو چاۋشيەننىڭ ئۇلۇغ دوستانە قوشنىسى، يولداش باش شۇجى شى جىنپىڭ بىز ئىنتايىن ھۆرمەتلەيدىغان ۋە ئىشىنىدىغان ئۇلۇغ رەھبەر. يولداش باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە جۇڭگونىڭ پارتىيەسى، ھۆكۈمىتى، خەلقىنىڭ ئىزچىل مەن ۋە چاۋشيەننىڭ پارتىيەسى، ھۆكۈمىتى، خەلقىگە سەمىمىي دوستانە بولغانلىقى ۋە بىزنى ياخشى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن. مەن ئەمگەك پارتىيەسىدىكى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى ۋە چاۋشيەن خەلقىنى يېتەكلەپ، مەن بىلەن يولداش باش شۇجى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ئەستايىدىل ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇزۇلماس چاۋشيەن – جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرىمەن.

   شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بىر مەزگىلدىن بۇيان، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، يېرىم ئارال مەسىلىسى قايتىدىن سۆھبەت ئارقىلىق كېڭىشىپ ھەل قىلىش توغرا يولىغا قايتىپ، يېرىم ئارال ۋەزىيىتى تىنچلىق، مۇقىملىق يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلدى. يولداش كومىتېت باشلىقى كىم جوڭئۇن يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، يېرىم ئارالنىڭ تىنچلىقىنى قوغداشتا پائال تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. بۇ قېتىم چاۋشيەن – ئامېرىكا باشلىقلىرى ئۇچرىشىشىش ئۆتكۈزۈپ، يېرىم ئارال يادرو مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش مۇساپىسىدە مۇھىم بىر قەدەم باستى. چاۋشيەن بىلەن ئامېرىكىنىڭ باشلىقلار ئۇچرىشىشى نەتىجىسىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، يېرىم ئارالنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو تەرەپ ئىجابىي رولىنى ئىلگىرىكىدەكلا جارى قىلدۇرىدۇ.

   كىم جوڭئۇن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن چاۋشيەن – ئامېرىكا باشلىقلار ئۇچرىشىشى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ۋە خەلقئارا جەمئىيەت كۈتكەن ئىجابىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئەگەر ئىككى تەرەپ باشلىقلار ئۇچرىشىشىدىكى ئورتاق تونۇشنى قەدەممۇقەدەم پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرسە، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇشتا يېڭى مۇھىم ۋەزىيەت يارىتىلىدۇ. چاۋشيەن تەرەپ جۇڭگونىڭ يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېرىم ئارالنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش جەھەتتە ئوينىغان مۇھىم رولىغا رەھمەت ئېيتىدۇ ھەم يۈكسەك باھا بېرىدۇ، جۇڭگو ۋە ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم تىنچ تۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېرىم ئارالنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

   سۆھبەتتىن ئىلگىرى، باش شۇجى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا كومىتېت باشلىقى كىم جوڭئۇننى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

6 – ئاينىڭ 19 – كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شۇ كۈنى بېيجىڭغا كېلىپ جۇڭگودىكى زىيارىتىنى باشلىغان چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ كومىتېت باشلىقى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى كىم جوڭئۇن بىلەن سۆھبەتلەشتى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن كىم جوڭئۇن ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى رى سولجۇ بىلەن بىرلىكتە سۈرەتكە چۈشمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى

   سۆھبەتتىن كېيىن، شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن كىم جوڭئۇن ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى رى سولجۇنى قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى ھەم بىرلىكتە ئويۇن كۆردى.

   جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ چىشەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى دىڭ شۆشياڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي تاشقى ئىشلار خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ياڭ جيېچى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي سىياسىي–قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى گو شېڭكۈن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خۇاڭ كۈنمىڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى سەي چى، دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى قاتارلىقلار ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

   چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چو ريۇڭخەي، ئىچكى كابىنېت زۇڭلىسى پاك پوڭجۇ، چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، خەلقئارا بۆلۈمىنىڭ باشلىقى رى سۇيوڭ، چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى كىم يوڭچول، چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، پەن – مائارىپ مىنىستىرى پاك تائىسۇڭ، خەلق قوراللىق كۈچلىرى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى نۇ رايئىرون، دىپلوماتىيە مىنىستىرى رى يوڭخو قاتارلىقلار ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.