تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

توڭلاتقۇنىڭ توكىنى تېجەش ئۇسۇلى

    توڭلاتقۇ ئائىلىدىكى ئەڭ مۇھىم ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنىڭ بىرى، نۇرغۇن يېمەكلىكلەرنى يېڭى ساقلاشتا توڭلاتقۇدىن ئايرىلالمايمىز.

   توڭلاتقۇنىڭ سوغۇق ساقلاش قىسمىدا سانلار بەلگىلەنگەن بىر ئايلانما كونۇپكا بار. بەلكىم بەزى كىشىلەر بۇ سانلارنىڭ نېمىگە ۋەكىللىك قىلدىغانلىقىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە، بۇ سانلار توڭلاتقۇ ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم، ئەگەر خاتا تەڭشەپ قويسا، توك كۆپ سەرپ بولىدۇ ياكى يېمەكلىكلەر ئاسان سېسىيدۇ.

   بۇ كونۇپكىدىكى سان قانچە يۇقىرى بولسا تېمپېراتۇرا تۆۋەن بولىدۇ، سوغۇق ساقلاش ئۈنۈمى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا توك كۆپ سەرپ بولىدۇ. سان قانچە كىچىك بولسا، تېمپېراتۇرا شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ، سوغۇق ساقلاش ئۈنۈمى تۆۋەن بولىدۇ، توكنىمۇ شۇنچە تېجەيدۇ.

    نۇرغۇن كىشىلەر يازدىمۇ تېمپېراتۇرىنى بىر، ئىككىگە توغرىلاپ قويىدۇ، شۇنىڭ بىلەن يېمەكلىكلەر ئاسان بۇزۇلۇپ قالىدۇ.

   يازدا تېمپېراتۇرا يۇقىرى بولغاچقا، كونۇپكىنى 4 ياكى 5 كە، قىشتا تېمپېراتۇرا تۆۋەن بولغاچقا كونۇپكىنى 2 ياكى 3 كە، ئەتىياز ۋە كۈزدە كونۇپكىنى 3 ياكى 4 كە توغرىلاش كېرەك.

   توڭلاتقۇنىڭ تۇرمۇشىمىزدىكى رولى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە، ئەگەر توڭلاتقۇنى ئاسرىمىساق توڭلاتقۇنىڭ ئۆمرى قىسقىراپ كېتىدۇ.

   توڭلاتقۇنى ئىشلىتىش ۋاقتى ئۇزارغانسېرى، ئىچىدىكى پۇراق شۇنچە كۈچىيىدۇ ھەتتا باكتېرىيە پەيدا بولىدۇ. شۇڭا توڭلاتقۇنى قەرەللىك تازىلاپ، باكتېرىيە پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ يېمەكلىكنى يېڭى ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى