تەرەت تۇڭىنىڭ سۇ ساندۇقىدا بىر چوڭ، بىر كىچىك كونۇپكا بار، ئەمما بۇ ئىككى كونۇپكىنىڭ قانداق رولى ۋە پەرقى بارلىقىنى بىلىدىغانلار ئاز.
تەرەت تۇڭى سۇ ساندۇقىدىكى بىر چوڭ، بىر كىچىك كونۇپكا ئايرىم-ئايرىم ھالدا لىق سۇ ياكى يېرىم ھالەتتىكى سۇ بىلەن (چوڭ، كىچىك تەرەتكە ئاساسەن) تەرەتنى ماڭدۇرۇشقا ۋەكىللىك قىلىدۇ.
كىچىك كونۇپكا: كىچىك كونۇپكىنى باسقاندا پەقەت يېرىم ياكى ئۈچتىن بىر قىسىم سۇ قويۇپ بېرىلىدۇ.
چوڭ كونۇپكا: چوڭ كونۇپكىنى باسقاندا سۇ ساندۇقىدىكى سۇ تولۇق قويۇپ بېرىلىدۇ.
ئادەتتە كىچىك تەرەت قىلغاندا كىچىك كونۇپكىنى، چوڭ تەرەت قىلغاندا چوڭ كونۇپكىنى بېسىش كېرەك. ئەگەر چوڭ-كىچىك كونۇپكىنى بىرلا ۋاقىتتا باسقاندا سۇنىڭ بېسىمى ئەڭ چوڭ بولىدۇ، سۇ ساندۇقىدىكى سۇمۇ تولۇق قويۇپ بېرىلىدۇ.
كونۇپكىنىڭ ئىككىگە ئايرىلىشىنىڭ ئەھمىيىتى
بۇ ئىككى كونۇپكا سۇ تېجەش مەقسىتىدە لايىھەلەنگەن.