تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   خانىم-قىزلار

تىرناق لاكىنى ئۇزۇن تۇرغۇزۇش ئۇسۇلى

    ياز ھەقىقەتەنمۇ رەڭدارلىققا تولغان پەسىل. نۇرغۇن خانىم-قىزلار «باشقىلار سۈرگەن تىرناق لاكى نېمە ئۈچۈن ئۇزۇنغىچە ئەسلى ھالىتىدە تۇرىدۇ، مېنىڭ ئىككى كۈندىلا قارىغۇسىز بولۇپ كېتىدۇ» دېگەن سوئال توغرىسىدا ئويلىنىپ باققان بولۇشى مۇمكىن. تۆۋەندە تىرناق لاكىنى ئۇزۇن تۇرغۇزۇشنىڭ ئۇسۇللىرىنى تونۇشتۇرىمىز.
    بىرىنچى، تىرناق لاكى سۈرۈشتىن ئىلگىرىكى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش
    تىرناق لاكى سۈرۈشتىن ئىلگىرى نۇر يوقۇتۇش سۈيى ياكى ئىسپىرت بىلەن تىرناقنى سۈرتىمىز. بۇنداق قىلغاندا تىرناقتىكى ئارتۇقچە سۇ ۋە مايلارنى تازىلىغىلى، تىرناق لاكىنىڭ يېپىشىشچانلىقىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. شۇڭا تىرناق لاكى سۈرۈشتىن ئىلگىرى قول ئاسراش مېيى سۈرمەسلىك كېرەك.
    ئىككىنچى، تىرناق لاكى سۈرۈشتىن بۇرۇنقى ۋە كېيىنكى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش
    تىرناق لاكى سۈرۈشتىن ئىلگىرى ئالدى بىلەن تەگلىك تىرناق لاكى سۈرۈپ، تىرناقنىڭ سىلىق ۋە يېپىشىشچانلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. بۇ خۇددى يۈزگە پەردازدىن بۇرۇن پەردازدىن ئىلگىرىكى سۈتلۈك ماي ۋە ئايرىش مەلھىمى سۈرگەنگە ئوخشايدۇ. بىر قەۋەت تەگلىك تىرناق لاكى سۈرگەندىن كېيىن (قۇرۇپ بولغاندىن كېيىن) تىرناق لاكىنى سۈرگەندە تىرناق تېخىمۇ پارقىراق، كۆركەم كۆرۈنىدۇ.

    ئۈچىنچى، تىرناق لاكىنى ئىككى قەۋەت سۈرۈش
    تىرناق لاكىنى ئىككى قەۋەت سۈرگەندە ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. چۈنكى ئىككى قېتىم سۈرگەندە تىرناق لاكى رەڭگىنىڭ توقلۇق (饱和度)  ۋە يېپىشىشچانلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئەمما بەك قېلىن سۈرمەسلىك كېرەك، بولمىسا ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىدۇ.
    تۆتىنچى، تىرناقنى ئامال بار كۆپ ئىشلەتمەسلىك
    يۇقىرىقى نۇقتىلارغا دىققەت قىلغاندىن سىرت يەنە، ئادەتتە تىرناق بىلەن نەرسىلەرنى كولىماسلىق كېرەك.

    بەشىنچى، ئارشاڭغا چۈشمەسلىك ياكى زىيادە قىزىق سۇ بىلەن قولنى (نەرسىلەرنى يۇيماسلىق) يۇيماسلىق
    تىرناق لاكى سۈرگەندە تېمپېراتۇرىسى بەك يۇقىرى سۇدا يۇيۇنماسلىق، ئارشاڭغا چۈشمەسلىك كېرەك، بولمىسا تىرناق لاكى ئاسان چىقىپ كېتىدۇ.
    ئالتىنچى، تىرناق لاكىنى ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر ھەپتىدىن 10 كۈنگىچە تۇرغۇزۇش
    تىرناق لاكى ئۇزۇنغىچە تىرناقتا تۇرىۋەرسە، تىرناق ساغلاملىقىغا زىيان يىتىدۇ. شۇڭا كۆپ بولغاندا بىر ھەپتىدىن 10 كۈنگىچە تۇرغۇزۇش، تىرناق لاكى چىقىپ كېتىشكە باشلىغاندا، تىرناق لاكىنى چىقىرىۋېتىش، ھەرگىزمۇ تەبىئىي پاكىز چىقىپ كېتىشىنى ساقلىماسلىق كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى