ئۆز خەۋىرىمىز: مۇخبىرنىڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق ساياھەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 6-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 18-كۈنىگىچە بولغان بايراملىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ھەرقايسى شەھەر، ناھىيەلەر كۈتۈۋالغان ساياھەتچى سانى 482 مىڭ ئادەم (قېتىم) بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.3 ئاشقان؛ ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش بىۋاسىتە كىرىمى 20 مىليون 770 مىڭ يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.8 ئاشقان؛ بۇنىڭ ئىچىدە مېھمانخانىلار كۈتۈۋالغان ساياھەتچى سانى 59 مىڭ ئادەم (قېتىم) بولۇپ، 9 مىليون 510 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىنغان؛ مەنزىرە رايونلار كۈتۈۋالغان ساياھەتچى سانى 110 مىڭ ئادەم (قېتىم) بولۇپ، 4 مىليون 120 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىنغان؛ ھويلا-ئاران سەيلىگاھلىرى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى سانى 52 مىڭ ئادەم (قېتىم) بولۇپ، 4 مىليون 290 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىنغان.
ئىگىلىنىشىچە، بايراملىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە نۇقتىلىق مەنزىرە رايونلارنىڭ كۈچىشى رايونلارنىڭ سىجىل ئېشىشىدىكى ئاساسلىق تىرەك بولۇپ قالغان. بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى باغراش كۆلى مەنزىرە رايونى، بايىنبۇلاق مەنزىرە رايونى ۋە ئالتۇن قۇم ساھىلى مەنزىرە رايونلىرى ئارقا-ئارقىدىن بايرامنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ يارقىن نۇقتىغا ئايلانغان. بۇ يىل بايرامدىن بۇرۇن، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ھەرقايسى شەھەر، ناھىيەلىرىدىكى مەنزىرە رايونلىرى يېڭى تاراتقۇلاردىن پايدىلىنىپ ئالدىن تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، بايراملىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى ساياھەتچىلىكنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن؛ يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بېلەت باھاسىنى كەچۈرۈم قىلىش ۋە ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى ئىستېمال بازىرىنىڭ ئېشىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان؛ بايىنبۇلاق، كۆنەس ۋە ئالتۇن قۇم ساھىلى قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرىنىڭ باھاسىنى كەچۈرۈم قىلىش ئېتىبار سىياسەتلىرى ئىستېمال بازىرىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن؛ بايراملىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى چوڭ، كىچىك تىپتىكى پائالىيەتلەر بايراملىق ياخشى كەيپىياتنى شەكىللەندۈرگەن؛ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ساياھەتچىلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشى مۇقىم بولۇپ، ساياھەت ئەرز-شىكايەت ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن.