ئۆز مۇخبىرىمىز خەۋىرى: شاڭخەيدىن قەشقەرگە ئۇچقان، ساياھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتىكى «شاڭخەي-قەشقەر» بەلگىلىك تۇنجى ھۆددە ئايروپىلان 6-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 15:10دە قەشقەرگە يېتىپ كەلدى، 100دىن ئارتۇق ساياھەتچى قەشقەردىكى سەككىز كۈنلۈك ساياھىتىنى باشلىۋەتتى.
مۇخبىرنىڭ شاڭخەينىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابىدىن ئىگىلىشىچە، «شاڭخەي-قەشقەر» بەلگىلىك بۇ ئايروپىلان بۇ يىل ساياھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتىكى تۇنجى ھۆددە ئايروپىلان بولۇپ، بۇ ئايروپىلاننى سېلىشتىكى مەقسەت قەشقەرنىڭ ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، قەشقەرنىڭ ساياھەتچىلىكىنى تېخىمۇ تونۇتۇپ، ساياھەتچىلەرنى شىنجاڭغا ئېلىپ كېلىش ئىكەن.
ئايروپىلانغا ئولتۇرغان ساياھەتچى شې خانىم مۇنداق دېدى: قەشقەردە مەدەنىيەت قاتلىمىنىڭ مول ئىكەنلىكىنى بۇرۇنلا ئاڭلىغانىدىم، شىنجاڭنى، قەشقەرنى تېخىمۇ چۈشىنىش ئۈچۈن بۇ يەرگە كېلىشتىن بۇرۇن كۆپ ماتېريال كۆرگەنىدىم، بۇ قېتىمقى ساياھىتىمگە ئىنتايىن ئىنتىزارمەن.
قەشقەر ۋىلايەتلىك ساياھەت ئىدارىسى شاڭخەي، شەندۇڭ، شېنجېن، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق تۆت ئۆلكىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشىتابى بىلەن «ساياھەتچىلەرنى قەشقەرگە ئېلىپ كېلىش» ساياھەت تۈرىنى يولغا قويۇپ، 34 ئايروپىلان(قېتىم) ھۆددىگە ئېلىش، 21 مەخسۇس پويىز(قېتىم)نى سېلىشنى پىلانلىغان. ھازىرغىچە، شەندۇڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى 105 ساياھەتچى ئولتۇرغان ھۆددە ئايروپىلاندىن بىرنى، شېنجېن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى 440 ساياھەتچى ئولتۇرغان ساياھەت مەخسۇس پويىزىدىن بىرنى تەشكىللىگەن.
قەشقەر ۋىلايەتلىك ساياھەت ئىدارىسىمەسئۇل خادىمى مۇنداق دېدى: قەشقەر يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۆزگىچە مەنزىرىلىرى، مەشھۇر ئاسار-ئەتىقىلىرى بىلەن تېخىمۇ كۆپ پۈتۈن رايون ساياھىتى، ئەقلىي ساياھەت تۈرلىرىنى ئېچىپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىن كەلگەن نۇرغۇن ساياھەتچىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ، قەشقەرنىڭ مەنزىرە رايونلىرىدىكى تۈرلۈك ئەسلىھەلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، مۇلازىمەت سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرگە، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولدى .