يازلىق چىرايلىق كۆڭلەكلەر ئىنتايىن كۆپ. ئەگەر چوقۇم بىرىنى تاللاش توغرا كەلسە كۆپىنچە ئاياللار يەنىلا بەدەننى زىلۋا ھەم تەنناز كۆرسىتىدىغاننى تاللىشى مۇمكىن. بۈگۈن بىز خەلقئارادىكى داڭلىق چولپانلار ئارىسىدا ئەڭ مودا بولغان كۆڭلەكلەر توغرىسىدا توختىلىمىز.
ئەگەر ئاياللارنىڭ بەدىنىنى ئەڭ مۇكەممەل كۆرسىتىدىغان كۆڭلەك بار دېيىلسە ئۇ چوقۇم بەل قىسمى ئىنچىكە، V ياقىلىق، يان تەرەپتە چېكى بار... قاتارلىق بەدەننى ئورۇق ھەم تەنناز كۆرسىتىدىغان بارلىق ئېلېمېنتلار قوللىنىلغان كۆڭلەك بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى بۇ خىل نۇسخىدىكى كۆڭلەكنى كىيىشتىن ئىلگىرى بەدەن قۇرۇلمىڭىزنىڭ بۇنچىلىك تەنناز ئىكەنلىكىنى ئويلاپ يېتەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن.
بۇ خىل نۇسخىدىكى كۆڭلەك ھەقىقەتەنمۇ كىلاسسىك، شۇڭا كۆپ سورۇنلاردا كىيىشكە ماس كېلىدۇ. بۇ دەل بۇ نۇسخىدىكى كۆڭلەكلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ يىل بۇنچە مودا بولغانلىقىنىڭ سەۋەبى.