ئۆز مۇخبىرىمىز خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ سانجى ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھىدىن ئىگىلىشىچە، سانجى ئاممىۋى قاتنىشى «ئېلېكتىرلەشكەن سانجى»، «مۇھىت ئاسراش، تۆۋەن كاربونلۇق سەپەرگە چىقىش» چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، 5-ئاينىڭ ئاخىرى 24 يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاممىۋى قاتناش ئاپتوموبىلىنى ئىشقا كىرىشتۈرگەن. ئىلگىرىكى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئارىلاشما ھەركەتلەندۈرگۈچ ئاممىۋى ئاپتوموبىلىغا ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، بۇ 24 يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلغا زەرەتلەش ئارقىلىق توك قاچىلىنىدىغان بولۇپ، ساپ توكلۇق ئاپتوموبىلغا تەۋە ئىكەن. ئاپتوموبىلغا يېڭى ئېنېرگىيە مەخسۇس ئاپتوموبىل نومۇر تاختىسى ئورنىتىلغاندىن باشقا، تۆۋەن كاربونلۇق، مۇھىت ئاسراش، مۇھىت بۇلغىنىشنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىقلار ئامىللارمۇ ئىشقا ئاشۇرۇلغان.
شىركەت تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ باشلىقى گاۋ جيەنچۈەننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ 24 ساپ توكلۇق ئاممىۋى ئاپتوموبىلنىڭ ئۇزۇنلۇقى 10 مېتىر، كەڭلىكى 2.5 مېتىر بولۇپ، ھەر قېتىملىق زەرەتلەش ئۈچۈن2-3 سائەت ۋاقىت كېتىدىكەن ھەمدە 200 كىلومېتىر مۇساپىنى بېسىپ تاماملىيالايدىكەن.
سانجى ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھى كەڭ يولۇچىلارغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن، شوپۇرلار قوشۇنى ئىچىدىن ئۇنىۋېرسال ساپاسى يۇقىرى، ئاپتوموبىل ھەيدەش تېخنىكىسى ياخشى شوپۇرلارنى تاللاپ ساپ توكلۇق ئاممىۋى ئاپتوبۇس كەسپىي ئاساسىي بىلىملىرى بويىچە تەربىيەلەش ئېلىپ بارغان. شىركەتتىكى ھەرقايسى تارماقلار ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ تىجارەت تەييارلىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن زىچ ھەمكارلىشىپ، يېڭى قاتناش ۋاستىلىرىنى نوپۇسقا ئېلىشنى ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ بېجىرىپ، زەرەتلەش ئۈسكۈنىسى، كامېرا ئورنىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، ئاپتوموبىلنىڭ نورمال ئىشقا كىرىشىگە كاپالەتلىك قىلغان. نۆۋەتتە، 24 ساپ توكلۇق ئاممىۋى ئاپتوموبىلنىڭ 4-يول ۋە 53-يول ئاپتوموبىلى ئىشقا كىرىشكەن.