تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئىلى دەريا ۋادىسىدىكى ئۈستىقۇددۇسلار ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى ‎ ‎

  ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز خۇا يەنمىڭ خەۋىرى، فوتوسى. چۇڭچىڭ شەھىرىدىن كەلگەن ساياھەتچى جۇ خانىم 6-ئاينىڭ 16-كۈنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمىگەن ھالدا: «بىز يول بويى گۈزەل ئۈستىقۇددۇس ۋە بىپايان بۇغداي ئېتىزلىقلىرىدىن ھۇزۇرلاندۇق، ئىنتايىن كۆڭۈللۈك ئوينىدۇق، كەيپىياتىمىز ئىنتايىن ياخشى بولۇپ قالدى»، دېدى.

  جۇ خانىم چۇڭچىڭ شەھىرىدىن ئىلى ئوبلاستىنىڭ چاپچال ناھىيەسىگە تۇغقان يوقلىغىلى كېلىپ، بۇ يەردە ئۈستىقۇددۇس ئۆستۈرۈلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، سىڭلىسى بىلەن مەخسۇس ئۈستىقۇددۇسنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلانغىلى كەلگەن ئىدى، خۇشپۇراق چېچىپ تۇرغان چەكسىز كەتكەن بىنەپشە گۈل دېڭىزى جۇ خانىمنى تولىمۇ جەلپ قىلدى.

  ئىلى دەريا ۋادىسى يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شىركىتىمىز 2012-يىلى چاپچال ناھىيەسى شىبە قەدىمىي شەھىرىنىڭ جەنۇبىغا يەتتە كىلومېتىر كېلىدىغان يەردە 20 مىڭ مو تېرىلغۇ يەرنى ئوبوروت قىلىپ، جەمئىي 1 مىليارد 118 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 10 مىڭ مولۇق ئۈستىقۇددۇس كەسپىي باغچىسى بەرپا قىلدۇق، ھازىر 11 مىڭ 500 مو يەرگە ئۈستىقۇددۇس ئۆستۈرۈلدى، 25 خىل سورت كىرگۈزۈلدى ۋە ئومۇملاشتۇرۇلدى، بۇنىڭ بىلەن بۇ ئۈستىقۇددۇس كەسپىي باغچىسى ئۈستىقۇددۇس يەككە ئۇلاپ ئۆستۈرۈش بويىچە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تېرىقچىلىق بازىسىغا ئايلاندى.

   ئىلى دەريا ۋادىسىدىكى 10 مىڭ مو يەرگە ئۆستۈرۈلگەن ئۈستىقۇددۇسلار 6-ئاي كىرگەندىن بۇيان بەس-بەستە ئېچىلىپ، خۇشپۇراق چېچىپ، ئۈستىقۇددۇستىن ھۇزۇرلىنىشتىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلدە جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى