تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىقتىساد خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكنى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

  ئۆز خەۋىرىمىز: 2018-يىللىق بېيجىڭ خەلقئارا ساياھەت يەرمەنكىسى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە ئېچىلدى. شىنجاڭنىڭ كۆرگەزمە سۇپىسى ساياھەتچىلىك ساھەسى ۋە ئالاقىدار كەسپىي ساھەلەرنىڭ ۋەكىللىرى ۋە ساياھەت سودىگەرلىرىنى جەلپ قىلدى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات كومىتېتى شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكىنى نامايان قىلىش ۋە شىنجاڭنىڭ مول ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى تېخىمۇ ياخشى سېتىش ئۈچۈن، «بىپايان شىنجاڭ، چەكسىز مەنزىرە، شىنجاڭ ياخشى جاي» دېگەن ساياھەت ماركىسى نىشانىنى چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كۆپلىگەن ساياھەت كارخانىلار ۋە ئورۇنلارنى بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتنىشىشقا تەشكىللەپ، يىپەك يولى بويىدىكى ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايونلار بىلەن يىپەك يولى ساياھەت ماركىسىنىڭ مەزمۇنى ۋە ئەمەلىي كۈچىنى ئورتاق زورايتىپ، يىپەك يولى ساياھەت داڭلىق ماركا بازىرىنىڭ ھاياتىي كۈچى، يادرولۇق رىقابەت كۈچى ۋە بازار تەسىر كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات كومىتېتى بازار ئىلگىرى سۈرۈش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى جاڭ جيېنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، شىنجاڭدا مەملىكەت بويىچە ساياھەت بايلىقى تۈرلىرىدىن 56 خىلى بار بولۇپ، بۇ مەملىكىتىمىزنىڭ ساياھەت بايلىقى تۈرىنىڭ %83 ئىگەللەيدىكەن؛ مەنزىرە نۇقتىسىدىن 1100 دىن ئارتۇقى بار ئىكەن؛ نۆۋەتتە شىنجاڭدا 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونىدىن 12 سى، دۆلەت گېئولوگىيەلىك باغچىسىدىن 7 سى، دۆلەت ئورمان باغچىسىدىن 17 سى بار بولۇپ، ساياھەت بايلىقى ئىنتايىن مول ئىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، 6-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 16-كۈنى چۈشتىن بۇرۇنغىچە بولغان مەزگىل بۇ قېتىمقى يەرمەنكىنىڭ كەسپىي كۆرگەزمە ۋاقتى بولۇپ، كەسپىي سودىگەرلەرنى ھەمكارلىق پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىگەن؛ 6-ئاينىڭ 16-كۈنى چۈشتىن كېيىندىن 6-ئاينىڭ 17-كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە يەرمەنكىگە قاتناشقان كىشىلەر شىنجاڭنىڭ كۆرگەزمە سۇپىسىغا بېرىپ شىنجاڭنىڭ ساياھەت بايلىقى ۋە مەھسۇلاتلىرىنى تەپسىلىي ئىگەللەپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى