تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

شېنجېن شەھىرى 2018-يىلى ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، نامراتلارنى يۆلەش ‏مەخسۇس پويىزىدىن ئۈچنى قاتنىتىدۇ

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شېنجېن، 6-ئاينىڭ 17-كۈنى تېلېگراممىسى. 2018-يىلى تۇنجى قاتنىغان «شېنجېن-شىنجاڭ» ناملىق ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس پويىزى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى شېنجېن شەھىرىدىن يولغا چىقىپ، قەشقەرگە قاراپ ماڭدى، بۇ پويىز 16 كۈندىن كېيىن قەشقەرگە يېتىپ بارىدۇ. 7- ۋە 9-ئايدا يەنە ئىككى نۆۋەت ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس پويىزى شېنجېندىن شىنجاڭغا قاتنايدىغان بولۇپ، 2018-يىلى شېنجېن شەھىرى جەمئىي ئۈچ نۆۋەت ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس پويىزىنى قاتنىتىدۇ.

  600 نەچچە يولۇچى ئولتۇرغان ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بۇيۇملىرى قاچىلانغان 2018-يىللىق تۇنجى «شېنجېن-شىنجاڭ» ناملىق ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس پويىزى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن شېنجېن ۋوگزالىدىن يولغا چىقىپ، قەشقەرگە قاراپ ماڭدى.

  «شېنجېن-شىنجاڭ» ناملىق ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس پويىزىنى قاتنىتىش شېنجېن شەھىرىنىڭ نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، قەشقەر شەھىرى، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ساياھەت كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى كونكرېت تەدبىرى. شېنجېن شەھىرى «ساياھەت كەسپى باشلامچى بولۇش، بىر كەسىپ راۋاجلىنىپ، يۈز كەسىپنىڭ گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولۇش» تىن ئىبارەت خىزمەت پىكىر يولى بويىچە، «ساياھەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش» ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ساياھەت مەخسۇس پويىزىنى ۋاسىتە ۋە سۇپا قىلىپ، شېنجېن شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى