تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

شىزاڭدا تۇنجى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز ئېكولوگىيەلىك كۆچۈرۈش تۈرى يولغا قويۇلدى

لخاساغا قاراپ ماڭغان ئاپتوبۇسلار

   6-ئاينىڭ 17- كۈنى نىما ناھىيەسى رۇڭما بازىرىدىكى يۇرتداشلار ماشىنىغا ئولتۇرۇپ لخاسادىكى يېڭى ئۆيلىرىگە كۆچۈشكە باشلىدى. 6-ئاينىڭ 18- كۈنى سائەت 15 تىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، ئىككى كۈن يول يۈرۈش ئارقىلىق، 11 ئاپتوبۇس ۋە 31 يۈك ئاپتوموبىلى لخاسا شەھىرىدىكى دۈيلوڭ دېچىڭ رايونى گۇرۇڭ بازىرى گاچۇڭ كەنتىگە يېتىپ كەلدى، بۇ، شىزاڭدا تۇنجى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز ئېكولوگىيەلىك كۆچۈرۈش تۈرىنىڭ رەسمىي يولغا قويۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

يۇرتداشلار كۆچۈپ كىرىدىغان يېڭى ئۆيلەر

بۇ قېتىملىق سەپەر  بىر مەيدان مىڭ كىلومېتردىن ئاشىدىغان ئۇزۇن سەپەر ھېسابلىنىدۇ. كۆچۈپ چىقىدىغان جايلار شىزاڭ ناگچۈ شەھىرى نىما ناھىيەسى رۇڭما بازىرى جيالىڭ جيادۇڭ كەنتى بىلەن زاڭچۈ كەنتى بولۇپ، لخاسا شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئايرىم –ئايرىم 1197 كىلومېتر ۋە 1247 كىلومېتر كېلىدۇ، ئوتتۇرىچە دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 5000 مېتردىن يۇقىرى. بۇ ئىككى مەمۇرىي كەنتتە جەمئىي 262 ئائىلىلىك بولۇپ، 1102 ئادەم بار.

يۇرتداشلار

   تونۇشتۇرۇلۇشىچە، رۇڭما بازىرى ئېگىز ھەم سوغۇق، ئوكسىگېن كەمچىل رايون بولۇپ، ئاپەت كۆپ يۈز بېرىدىكەن، جامائەت مۇلازىمىتى تەرەققىيات شارائىتى كەمچىل بولۇپ، ئادەملەرنىڭ تۇرۇشىغا ماس كەلمەيدىكەن، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە ئۆمرى پۈتۈن رايوننىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن خېلىلا تۆۋەن ئىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەزكۇر جاي چياڭتاڭ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنىڭ يادرولۇق رايونىغا جايلاشقان بولغاچقا، دۆلەت ئېچىشنى مەنئىي قىلغان رايون ئىكەن.

يۇرتداشلار ئاپتوبۇستىن چۈشمەكتە

يۇرتداشلار

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى