تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

زاكا قاتارلىق قەغەزدىن ياسالغان مەھسۇلاتلارغا نىسبەتەن يېڭى دۆلەت ئۆلچىمى ئېلان قىلىندى

  خەلق گېزىتى، بېيجىڭ، 6-ئاينىڭ 18-كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت بازارنى نازارەت قىلىش ـــ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، دۆلەت ئۆلچەم كومىتېتى يېقىندا زاكا، ھاجەتخانا قەغىزى، تازىلىق قەغىزى (ئاياللار) قاتارلىق تۆت تۈرلۈك تۇرمۇشقا ئىشلىتىدىغان قەغەزدىن ياسالغان مەھسۇلاتلارغا مۇناسىۋەتلىك دۆلەت ئۆلچىمىنى ئېلان قىلدى.

  يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن GB/T 22875__2018 «زاكا بىلەن تازىلىق قەغىزى (ئاياللار)گە يۇقىرى سۈمۈرۈشچان سمولا ئىشلىتىش»تە، قالدۇق يەككە (ئاكرىلات) نىڭ بىخەتەرلىك كۆرسەتكۈچ تەلىپى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، سۈمۈرۈلۈش سۈرئەت كۆرسەتكۈچىنىڭ تەلىپى ۋە پارلىنىشچان ماددا مىقدارىنىڭ ئۆلچەپ بېكىتىش ئۆسۇلى تەڭشىلىپ، قايتۇرۇش سېرىق قىممىتى، ئېكىستراكسىيەلەشكە بولىدىغان ماددا مىقدارى ۋە مۇناسىپ ئۆلچەش ئۇسۇلى ئاشۇرۇلدى. يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن GB/T 8939__2018 « تازىلىق قەغىزى (ئاياللار قەغىزى) »دە ئاساسلىقى فورمالدېگىد مىقدارى ۋە يۆتكىلىشچان يالتىراق ماددىدىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك بىخەتەرلىك كۆرسەتكۈچى ئاشۇرۇلۇپ، سۈمۈرۈلۈش سۈرئىتىنىڭ ئورنىغا سىڭىپ كىرىش مىقدار كۆرسەتكۈچى قوللىنىلىپ، سۈمۈرۈش سۈرئىتىنى ئۆلچەپ بېكىتىش ئۇسۇلى ئاشۇرۇلدى. يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن GB/T 20810__2018 «ھاجەتخانا قەغىزى (ئەسلىدىكى تازىلىق قەغىزىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)»نىڭ ئاساسلىقى بىخەتەرلىك ئىقتىدار كۆرسەتكۈچى ھەمدە فىزىكىلىق خۇسۇسىيەت كۆرسەتكۈچى ئاشۇرۇلدى، مەھسۇلات تۈرى، يورۇقلۇق دەرىجىسى، كېرىلىشكە قارشى كۆرسەتكۈچ، يۇمشاقلىق دەرىجىسى، چاڭ-توزان دەرىجىسى، ئېغىرلىق پەرقى تەلىپى تەڭشەلدى. يېڭىدىن تۈزىتىلگەن GB/T36420__2018 «تۇرمۇشقا ئىشلىتىدىغان قەغەز ۋە قەغەزدىن ياسالغان بۇيۇملار، خىمىيەلىك مەھسۇلاتلار ھەمدە ئەسلى ماتېرىيالنىڭ بىخەتەرلىكىنى باھالاش باشقۇرۇش سىستېمىسى»دە، خىمىيەلىك بۇيۇم ھەمدە ئەسلى ماتېرىيال بىخەتەرلىكىنى باھالاشنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنىڭ پرىنسىپى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك تەلەپلىرى بەلگىلەندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى