تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى مۇھىت بۇلغاشقا چېتىشلىق بەش تىپىك دېلو مىسالىنى ئېلان قىلدى

دېلو مىساللىرى ئارقىلىق قانۇننى چۈشەندۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاسراشقا تۈرتكە بولدى

مۇخبىرىمىز ياڭ شۇ خەن

   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى  مۇھىت بايلىقىغا ئائىت دېلولارنى قاراپ چىقىشتا، ئالدىنى ئېلىش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى نۇقتا قىلىش ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىكولوگىيەلىك مۇھىت ئاسراشنى ئۈنۈملۈك ئەدلىيە كاپالىتىگە ئىگە قىلدى. 6 – ئاينىڭ 5 – كۈنى، يەنى دۇنيا مۇھىت كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى مۇھىت بۇلغاشقا چېتىشلىق بەش تىپىك دېلو مىسالىنى ئېلان قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى مۇھىت بايلىقى سوت كوللېگىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چېن پىڭ دېلولارغا باھا بېرىپ، دېلودىن ئىبرەت ئېلىش، دېلو ئارقىلىق قانۇننى چۈشەندۈرۈش، ئاممىنىڭ مۇھىت ئاسراش ئېڭى ۋە كارخانىلارنىڭ قانۇن – ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش ئېڭىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش كېرەك، دېدى.  

   1. كۆمۈر ئېلېكتىر شىركىتىنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ كۆمۈر قېزىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىق دېلوسى

   2013 – يىلى 9 – ئايدا مەلۇم كۆمۈر ئېلېكتىر چەكلىك شىركىتى قومۇل شەھىرىنىڭ بوغاز يېزىسىدا قانۇنغا خىلاپ ھالدا بوغاز 2 – نومۇرلۇق ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كېنىنى قازغان. بۇ جاي باياۋاندىكى شامالنىڭ يىمىرىشىگە ئاسان ئۇچرايدىغان رايون بولۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ناھايىتى ئاجىز. بۇ تۈر قۇرۇلۇشى قومۇل شەھىرىنىڭ بوغاز يېزىسى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقتىن، بۇ رايوننىڭ ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارى قىسمەن يوقالغان.

   جۇڭگو جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش ۋە يېشىل تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى، چۇڭچىڭ ‹‹لياڭجياڭ›› پىدائىيلار مۇلازىمەت تەرەققيات مەركىزى مۇھىت ئاسراش قانۇنىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىجتىمائىي تەشكىلات بولۇپ، قانۇن بويىچە بۇ شىركەتنىڭ ئۈستىدىن مۇھىت ھەق تەلەپ جامائەت فوندى ئەرزى سۇنغان.

   قومۇل ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى بۇ دېلوغا قاراپ چىققاندىن كېيىن مۇنداق قارىغان: بۇ كۆمۈر كان قومۇل كۆمۈر – ئېلېكتىر بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن بازا قۇرۇلۇشى پىلانىدىكى ئاساسلىق كۆمۈر كانلارنىڭ بىرى بولۇپ، دۆلەتنىڭ ‹‹غەربنىڭ توكىنى شەرققە يەتكۈزۈش›› تۈرىدىكى نۇقتىلىق يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن ئېلېكتىر مەنبەسى  قومۇل ئېلېكتىر ئىستانسىسى ۋە قومۇل بوغاز ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ يۈرۈشلۈك كۆمۈر كانى. بوغاز 2 – نومۇرلۇق كۆمۈر كانى قۇرۇلۇش جەريانىدا مۇھىت باھالاش بويىچە تەكشۈرۈپ تەستىقلاش رەسمىيىتىنى ئۆتىمىگەن. دېلو دەۋا تەرتىپىگە كىرگەندىن كېيىن، دەۋاگەر كېڭىشىپ مۇرەسسەلىشىشكە ھەم بوغاز كان رايونى ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى بويىچە ئۈلگىلىك قۇرۇلۇش يىرىك پىلانى تۈزۈشكە قوشۇلغان. دەۋاگەرنىڭ قۇرۇلۇش يىرىك پىلانىنى ئالاقىدار مۇھىت ئاسراش مۇتەخەسسىسلىرىدىن مەسلىھەت سوراپ باھالىغاندىن كېيىن، خېرىدار چاقىرىش ۋە خېرىدار بولۇش تاماملىنىپ، قۇرۇلۇش لايىھەسى يولغا قويۇلۇپ، ئاخىر يارىشىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنغان.

   بۇ ‹‹يارىشىش كېلىشىمى››دە مۇنداق دەپ بەلگىلەنگەن: كۆمۈر ئېلېكتىر چەكلىك شىركىتى ئاز دېگەندىمۇ 71 مىليون يۈەن خەلق پۇلى (ئىلگىرى سېلىنغان خىراجەت 31 مىليون 155 مىڭ يۈەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) مەبلەغ سېلىپ، قومۇل بوغاز 2 – كۆمۈر كان رايونىنىڭ مۇھىتىنى سىستېمىلىق تۈزۈشى ۋە ئېكولوگىيەسىنى ئاسرىشى ھەم كۆمۈر ئېلېكتىر چەكلىك شىركىتى قومۇل بوغاز 2 – نومۇرلۇق كۆمۈر كانىنىڭ ھازىرقى مۇھىتقا يەتكۈزگەن تەسىرىنى باھالاش دوكلاتىنى ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتىدە ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك. مەزكۇر شىركەت بۇ قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ مۇھىت ئاسراش بويىچە تەكشۈرۈپ تەستىقلاش رەسمىيەتلىرىنىڭ قانۇنلۇق ئىكەنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك؛ كۆمۈر ئېلېكتىر چەكلىك شىركىتى بوغاز كۆمۈر كان رايونى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قۇرۇلۇشىنىڭ يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ چىقتى، بۇ يىرىك پىلان جۇڭگو جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش ۋە يېشىل تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى بىلەن چۇڭچىڭ ‹‹لياڭجياڭ›› پىدائىيلار مۇلازىمەت تەرەققىيات مەركىزى تەكلىپ قىلغان مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن دەلىللەندى، كۆمۈر ئېلېكتىر چەكلىك شىركىتى بېكىتىلگەن قۇرۇلۇش يىرىك پىلانى بويىچە، بوغاز 2 – نومۇرلۇق كان رايونى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تۈزەيدۇ.

   [سوتچىنىڭ باھاسى]

   بۇ، شىنجاڭ بويىچە تۇنجى مۇھىت جامائەت مەنپەئىتى دەۋا دېلوسى، شۇنداقلا مۇھىت ئاسراش تەشكىلاتى تۇنجى قېتىم سۇنغان مۇھىت ھەق تەلەپ جامائەت مەنپەئىتى دەۋا دېلوسى، دېلوغا چېتىشلىق كۆمۈر ئېلېكتىر تۈرى دۆلەتنىڭ ‹‹غەربنىڭ توكىنى شەرققە يەتكۈزۈش›› تۈرىنىڭ تەشكىلىي قىسمى بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. بۇ دېلو ھەق تەلەپ دەۋاسى ۋە مەمۇرىي دەۋا گىرەلىشىپ كېتىش مەسىلىسىگە چېتىشلىقتۇر، بۇ تۈرنى بىر تەرەپتىن دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش كومىتېتى تۈر تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ تەستىقلىغان؛ يەنە بىر تەرەپتىن قىسمەن تۈر قۇرۇلۇشلىرى مۇھىت ئاسراش تارماقلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىدىن ئۆتكۈزۈلمىگەن؛ ھەر دەرىجىلىك مۇھىت ئاسراش تارماقلىرىمۇ مۇناسىپ ھالدا مەمۇرىي جازا بەرگەن.

   مۇھىت ئاسراش تەشكىلاتى مۇھىتقا زىيان يەتكۈزۈلگەنلىكى توغرىسىدا ئىسپات كۆرسىتىپ دەلىللەش جەھەتتە، پەقەت ھەر دەرىجىلىك مۇھىت ئاسراش تارماقلىرىنىڭ مەمۇرىي جازا بەرگەنلىكى توغرىسىدىكى ئىسپاتلار بىلەنلا تەمىنلىگەن ھەم كۆمۈر ئېلېكتىر چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش بويىچە تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىدىن ئۆتمەيلا قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىپ ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا زىيان سالغانلىقىنىڭ ئاساسلىق پاكىتلىرى بىلەن تەمىنلىيەلمىگەچكە، دەلىل – پاكىتلارنى بېكىتىش ۋە مۇھىتقا ئەمەلىي يەتكۈزگەن زىيىنىنى باھالاش بىر قەدەر قىيىن بولغان. بۇ دېلو ئاخىرىدا مۇرەسسەلىشىش ئۇسۇلىدا ئاخىرلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بوغاز 2 – نومۇرلۇق كۆمۈر كان رايونىنىڭ مۇھىتىنى سىستېمىلىق تۈزەش ۋە ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سوت مەھكىمىلىرىنىڭ مۇھىت ئاسراش تەشكىلاتى سۇنغان مۇھىت جامائەت مەنپەئىتى دەۋا دېلولىرىنى قاراپ چىقىشىدا ياخشى ئۈلگىلىك رول ئوينىغان.

   2. سىمونت بۇيۇملىرى كارخانىسىنىڭ جامائەت ئورمان يېرىنى قانۇنسىز ئىگىلىۋالغانلىق دېلوسى

   2012 – يىلى 12 – ئايدا، ۋاڭ X باشقىلار بىلەن بىرلىكتە كۈنەس ناھىيەسىدە مەلۇم سېمونت بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتىنى قۇرغان. كېيىن مەزكۇر شىركەت ئالاقىدار مەسئۇل تارماقنىڭ رۇخسىتىنى ئالمىغان، يېپىنچا ئورماننى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەققىنى ئالدىن تاپشۇرمىغان، قانۇن بويىچە تىزىمغا ئالدۇرۇش رەسمىيىتىنى ئۆتىمىگەن ئەھۋالدا، جامائەت ئورمىنىنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىپ زاۋۇت بىناسى سالغان ھەم ئۇزاققىچە قانۇنسىز قۇم – شېغىل قېزىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن شۇغۇللانغان. دېلو پاش بولغاندىن كېيىن، دېلوغا چېتىشلىق يەرنىڭ جامائەت ئورمان يېرى (قوغدىلىش دەرىجىسى 2 – دەرىجە)نىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنىڭ دۆلەتكە مەنسۇپ ئىكەنلىكى، بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان جامائەت ئورمان كۆلىمىنىڭ جەمئىي 88.51 مو ئىكەنلىكى باھالاپ بېكىتىلگەن. نەق مەيداننى ئېنىقلاش ئارقىلىق، دېلوغا چېتىشلىق يەردىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈك ۋە تېرىقچىلىق شارائىتى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقى، ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىراجىتىنىڭ 700 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغانلىقى مەلۇم بولغان.

   ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار قوشۇمچە ھەق تەلەپ جامائەت مەنپەئىتى ئەرزى سۇنغان.

   سوت مەھكىمىسى دېلوغا قاراپ چىقىپ مۇنداق قارىغان: سېمونت بۇيۇملىرى شىركىتى يېزا ئىگىلىك يېرىنى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى قانۇن – بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، قانۇنسىز ھالدا قۇم – شېغىل قېزىپ، يېزا ئىگىلىك يېرىنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىپ ھەم پايدىلىنىپ، يېزا ئىگىلىك يېرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە ۋەيران بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ۋەيران قىلغان يەر كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ بولۇپ، قىلمىشى يېزا ئىگىلىك يېرىنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش جىنايىتىنى شەكىللەندۈرگەن. ۋاڭ X شىركەتنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ قىلمىشنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكارى بولۇپ، يېزا ئىگىلىك يېرىنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش جىنايىتىنى شەكىللەندۈرگەن. قانۇن بويىچە بۇ شىركەتكە يېزا ئىگىلىك يېرىنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش جىنايىتى ئۆتكۈزدى، دەپ ھۆكۈم قىلىنىپ، 200 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلدى؛ ۋاڭ X يېزا ئىگىلىك يېرىنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك ئىككى يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى، ئۈچ يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنىدۇ ھەم 20 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسىدا، مەزكۇر شىركەت جامائەت ئورمانلىقىغا زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشىنى دەرھال توختىتىشى ھەم يەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەققى ئۈچۈن 700 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق تۆلەم تۆلىشى شەرت.

   [سوتچىنىڭ باھاسى]

   بۇ دېلو ئاپتونوم رايون بويىچە جىنايى ئىشلار قوشۇمچە ھەق تەلەپ جامائەت مەنپەئىتىگە ئائىت تۇنجى دەۋا دېلوسى ھېسابلىنىدۇ، ۋاڭ X ۋە ئۇنىڭ شىركىتى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش قانۇنى››غا خىلاپلىق قىلپلا قالماستىن، يەنە ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى››، ‹‹ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئورمان بايلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى قاراپ چىقىشتا كونكرېت تەتبىقلىنىدىغان قانۇنلار توغرىسىدىكى بىر نەچچە مەسىلىگە ئائىت ئىزاھاتى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقى قانۇنى›› ۋە ‹‹ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسنىڭ مۇھىتقا دائىر ھەق تەلەپ جامائەت مەنپەئىتى دەۋا دېلولىرىنى قاراپ چىقىشتا تەتبىقلىنىدىغان قانۇنلارغا ئائىت بىر قانچە مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى››غا خىلاپلىق قىلغان. بۇ دېلو دۆلەتنىڭ بايلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى ئاگاھلاندۇرغان، يەنى دۆلەتنىڭ مەنپەئىتى ۋە ئىجتىمائىي جامائەت مەنپەئىتىگە زىيان سالغانلار جىنايى ئىشلار قانۇنى بويىچە جازالىنىپلا قالماستىن، يەنە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

   3. خىمىيە سانائىتى كارخانىسىنىڭ مۇھىتنى بۇلغىغانلىق دېلوسى

   2016 – يىلى 1 – ئايدىن 7 – ئايغىچە، شىنجاڭدىكى مەلۇم خىمىيە سانائىتى بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتى ۋە ئۇنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى ليۇ X مۇھىتنى باھالاپ ئۆتكۈزۈۋېلىشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش رەسمىيىتىنى ئۆتىمىگەن، خەتەرلىك تاشلاندۇقلار تىجارەت ئىجازەتنامىسى ئالمىغان ئەھۋالدا، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرىنى قوللانماي، ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا ھاسىل بولغان داشقال بىلەن كېرەكسىز ماينى زاۋۇت ئىچىدىكى ئۇزۇنلۇقى 11.5 مېتىر، كەڭلىكى 2.5 مېتىر، چوڭقۇرلۇقى 4.56 مېتىر كېلىدىغان ئەۋرەز كۆلچىكىگە تۆككەن، نەق مەيداننى تەكشۈرگەندە كۆلچەكتىكى كېرەكسىز ماي قاتلىمىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 1.56 مېتىرغا يەتكەن. تۆكۈلگەن كېرەكسىز ماينىڭ تەركىبىدە زەھەرلىك ماددا بولۇپ، زاۋۇت سىرتىغا ئېقىتىۋېتىلسە، تۇپراق ۋە يەر ئاستى سۈيىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغايدىغانلىقى ئېنىقلاپ بېكىتىلگەن.

   سوت مەھكىمىسى دېلوغا قاراپ چىقىپ مۇنداق قارىغان: مەزكۇر شىركەت ئەۋرەزدىن پايدىلىنىپ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، تەركىبىدە زەھەرلىك ماددا بار يۇندىنى قويۇپ بېرىپ، مۇھىتنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىغان، قىلمىشى مۇھىتنى بۇلغاش جىنايىتىنى شەكىللەندۈرگەچكە، 100 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى جەرىمانە قويۇلدى؛ ليۇ X مۇھىتنى بۇلغاش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن مۇددەتلىك بىر يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى، ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنىدۇ ھەم 50 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى جەرىمانە قويۇلدى.

   [سوتچىنىڭ باھاسى]

   بۇ، مۇھىت بۇلغاشتىكى تىپىك جىنايى ئىشلار دېلوسى ھېسابلىنىدۇ. خىمىيە سانائىتى كارخانىسى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇنىڭ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەش قانۇنى›› قاتارلىق قانۇن – بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، يەر ئاستى سۈيى ۋە ئەتراپتىكى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىغان. بۇ دېلونىڭ قاراپ چىقىلىشى ئالاقىدار كەسپىي كارخانىلارنى ئاگاھلاندۇردى، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئەسلىدىنلا ئاجىز، ناۋادا بۇلغانسا ۋە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىسا ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەس، كارخانىلار قانۇنغا رىئايە قىلسىلا، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش قۇرۇق گەپكە ئايلىنىپ قالمايدۇ.

   4. مەلۇم تۈەننىڭ يۇندى قويۇپ بېرىپ، بېلىق كۆلچىكىنىڭ مەھسۇلاتىنى كېمەيتىۋەتكەنلىك دېلوسى

   بىڭتۈەن 5 – شىسىنىڭ مەلۇم تۈەنى 2015 – يىلى شۈ X ھۆددىگە ئالغان 400 مولۇق بېلىق كۆلچىكىگە تەخمىنەن تۆت كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا پاسكىنا سۇنى ئوكسىدلاش كۆلچىكى ياسىغان. شۇ يىلى 4 – ئايدا، شۈ X بېلىق كۆلچىكىدىكى بىر قىسىم بېلىقنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى بايقاپ، بېلىق كۆلچىكىدە لەيلەپ قالغان ئۆلۈك بېلىقلارنى، مەلۇم تۈەننىڭ يۇندى ئېرىقىنىڭ ئۆزىنىڭ بېلىق كۆلچىكىگە سۇ كىرىدىغان ئېرىق بىلەن تۇتىشىدىغانلىقى ھەققىدىكى پاكىتنى جامائەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزگەن.

   شۈ X بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق سۇ مۇھىتىنى تەكشۈرۈش ۋە ئۆلچەش شۆبە مەركىزىگە بېلىق كۆلچىكى بىلەن يۇندى چىقىرىش ئېغىزىدىكى سۇنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەشنى ھاۋالە قىلغان، تەكشۈرۈپ ئۆلچەش نەتىجىسىدە، ئۇنىڭ بېلىق كۆلچىكىنىڭ سۈيىنىڭ بېلىقچىلىقتا ئىشلىتىلىدىغان سۇ ئۆلچىمىگە ماس كەلمەيدىغانلىقى، مەلۇم تۈەن قويۇپ بەرگەن يۇندىنىڭ قويۇپ بېرىشقا ئائىت ئۆلچەمگە يەتمەيدىغانلىقى بېكىتىلىپ، مەلۇم تۈەننىڭ سۇنى ئوكسىدلاش كۆلچىكىدىن قويۇپ بېرىلگەن يۇندى بۇ بېلىق كۆلچىكىگە ئېقىپ كىرىپ، نۇرغۇن بېلىقنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولۇپ، جەمئىي 744 مىڭ يۈەن زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن، دەپ بېكىتىلگەن.

   شۈ X كەينىدىنلا مەلۇم تۈەن ئۈستىدىن سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنغان.

   سوت مەھكىمىسى دېلوغا قاراپ چىقىپ مۇنداق قارىغان: قانۇن ۋە ئەدلىيەلىك ئىزاھاتتىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، مۇھىت بۇلغاش دېلوسىنىڭ سەۋەب – نەتىجە مۇناسىۋىتىگە قارىتا دەلىل – ئىسپات كۆرسىتىش مەسئۇلىيىتىنىڭ يۆتكىلىش پىرىنسىپى يولغا قويۇلىدۇ، يەنى مۇھىتنى بۇلغىغۇچى ئۆزىنىڭ قىلمىشى ۋە كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيىنى ئوتتۇرىسىدا سەۋەب – نەتىجە مۇناسىۋىتى مەۋجۇت ئەمەسلىكى توغرىسىدا دەلىل – ئىسپات كۆرسىتىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. شۈ X تەمىنلىگەن گۇۋاھنامە، مەلۇم تۈەننىڭ يۇندى قويۇپ بېرىش ئېغىزى بىلەن بېلىق كۆلچىكىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنىنىڭ خەرىتىسى قاتارلىق بايان قىلىنغان پاكىتلار، دەلىل – ئىسپاتلار ھەم 2014 – يىلىدىن 2015 – يىلىغىچە مەلۇم تۈەننىڭ سۇنى ئوكسىدلاش كۆلچىكىدە بىر تەرەپ قىلىنمىغان يۇندىنى شۈ Xنىڭ بېلىق كۆلچىكىگە سۇ باشلايدىغان ئېغىز بىلەن تۇتىشىدىغان يۇندى چىقىرىش ئېرىقىغا بىۋاسىتە قويۇپ بەرگەنلىكتىن، نۇرغۇن بېلىق ئۆلۈپ كەتكەنلىكىگە ئاساسلانغاندا، شۈ X دەلىل – ئىسپات كۆرسىتىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغان. مەلۇم تۈەن قىلمىشىدىن كېلىپ چىققان زىيان ئوتتۇرىسىدا سەۋەب – نەتىجە مۇناسىۋىتى مەۋجۇت ئەمەسلىكى توغرىسىدا مۇناسىۋەتلىك دەلىل – ئىسپاتلارنى كۆرسىتىپ دەلىللىيەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۆزىگە پايدىسىز بولغان ئاقىۋەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

   سوت مەھكىمىسى مۇنداق دەپ قارىغان: بۇ دېلودىكى دەۋاگەر ئۇزاق مەزگىل بېلىق باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىپ، بىر قەدەر يۇقىرى كەسپىي سەۋىيەگە ئىگە بولغانلىقتىن، بېلىق كۆلچىكىگە سۇ قويۇشتا ئېھتىياتچان بولۇش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك ئىدى. بىراق ئۇ زىيانلىق ئاقىۋەتنىڭ كېلىپ چىقىشىدا ئېغىر سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەنلىكتىن، ئەھۋالغا قاراپ جاۋابكارنىڭ ئۈستىگە ئالىدىغان جاۋابكارلىقى %30 يېنىكلىتىلدى، مەلۇم تۈەن – مەيداننىڭ شۈ Xنىڭ تارتقان زىيىنىغا 358 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق تۆلەم بېرىشى قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىندى.

   [سوتچىنىڭ باھاسى]

   ھوقۇققا چېقىلىش دەۋا دېلولىرىدا، ئادەتتە كىم تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسا، شۇ دەلىل – ئىسپات كۆرسىتىدۇ. لېكىن مۇھىت بۇلغاش دېلولىرىدا دەلىل – ئىسپات كۆرسىتىش ئالاھىدە قېيىن بولغاچقا، تېخىمۇ ئادىل بولۇش ئۈچۈن، قانۇندا دەلىل – ئىسپات كۆرسىتىش مەسئۇلىيىتىنىڭ يۆتكىلىش قائىدىسى يولغا قويۇلغان. بۇ مۇھىتنى بۇلغاش دەۋاسىدا، دەۋاگەر بېلىق كۆلچىكى بۇلغىنىپ، مەھسۇلاتىنىڭ كېمىيىپ كېتىشىگە مەلۇم تۈەننىڭ يۇندى قويۇپ بەرگەنلىكى سەۋەب بولغانلىقىنى ئېيتقان. لېكىن مۇھىتنى بۇلغاش دېلوسىدا شەخسنىڭ ئىسپات ئېلىشى ناھايىتى قېيىنغا توختايدۇ، مۇھىت ۋە دەۋاگەرنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن، سوت مەھكىمىسى سەۋەب – نەتىجىلىك مۇناسىۋىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش پىرىنسىپىنى قوللىنىدۇ، مەلۇم تۈەن بۇلغاش پاكىتى مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى دەلىللەپ بېرىدىغان دەلىل – ئىسپات كۆرسىتىپ بېرەلمىسىلا، ئۇنداقتا سۇنى بۇلغاپ زىيان يەتكۈزگەنلىكنىڭ سەۋەب – نەتىجە مۇناسىۋىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرگىلى بولىدۇ، مەلۇم تۈەن ھوقۇققا چېقىلىشتىكى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

   دەلىل – ئىسپات كۆرسىتىش مەسئۇلىيىتىنىڭ يۆتكىلىش پىرىنسىپىنى ئاممىباب قىلىپ ئېيتقاندا، دەۋاگەر ئۆزىنىڭ مەلۇم تۈەننىڭ يۇندى قويۇپ بېرىش قىلمىشىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىغان دەلىل – ئىسپاتنى كۆرسەتمىسىمۇ بولىدۇ، ئەكسىچە قارشى تەرەپ ئۆزىنىڭ باشقىلارنى زىيانغا ئۇچراتمىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدىغان دەلىل – ئىسپاتنى كۆرسىتىشى كېرەك. ئەگەردە كۆرسىتىپ بېرەلمىسە، كېلىپ چىققان زىيان ئاقىۋىتىنى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

   5. مۇھىت ئاسراش شىركىتىنىڭ جازاغا قايىل بولماي ئەرز قىلغانلىق دېلوسى

   2016 – يىلى 8 – ئاينىڭ 18 – كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مەلۇم مۇھىت ئاسراش چەكلىك شىركىتىدە مۇھىت ئاسراش بويىچە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا، بۇ شىركەتنىڭ ئەخلەت مەيدانىغا قۇرۇلۇش ئەخلىتى ۋە داشقالنى توشۇغاندا ۋە تۆككەندە، چاڭ – توزاندىن ئۈنۈملۈك ساقلىنىش تەدبىرى قوللانمىغانلىقتىن، چاڭ – توزان ھاۋانىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بايقىغان. 2016 – يىلى 11 – ئاينىڭ 9 – كۈنى، مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى بۇ شىركەتكە 100 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇپ مەمۇرىي جازا بەرگەن. 2016 – يىلى 12 – ئاينىڭ 2 – كۈنى بۇ شىركەت مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىش ئەرزى سۇنغان. 2017 – يىلى 3 – ئاينىڭ 20 – كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتى ‹‹مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىش قارارنامىسى››نى چىقىرىپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى چىقارغان مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىش قارارنامىسىدىكى ھۆكۈمنى ساقلاپ قالغان. بۇ شىركەت سوت مەھكىمىسگە ئەرز سۇنغان.

   سوت مەھكىمىسى دېلوغا قاراپ چىقىپ مۇنداق قارىغان: مەلۇم مۇھىت ئاسراش شىركىتى مۇھىت ئاسراشقا ئائىت ھېچقانداق رەسمىيەتنى بېجىرمىگەن ۋە ئەتراپتىكى مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللانمىغان شارائىتتا، قۇرۇلۇش ئەخلىتى ۋە داشقالنى توشۇش ۋە تۆكۈش جەريانىدا چاڭ – توزان پەيدا قىلىپ ئەتراپتىكى مۇھىتنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىغان. ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنى››نىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى مۇھىتنى بۇلغىغان كارخانىنى تۈزىتىشكە بۇيرۇشقا، جەرىمانە قويۇپ مەمۇرىي جازا بېرىشكە ھوقۇقلۇق. مەلۇم مۇھىت ئاسراش شىركىتىنىڭ مۇھىت بۇلغىغانلىقىنىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل – ئىسپاتى تولۇق، مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىنىڭ مەزكۇر شىركەتكە مەمۇرىي جازا بېرىش تەرتىپى مۇۋاپىق، تەتبىقلىغان قانۇنى توغرا بولغاچقا، مەلۇم مۇھىت ئاسراش شىركىتىنىڭ ئەرز ئىلتىماسى رەت قىلىندى.

   [سوتچىنىڭ باھاسى]

   بۇ دېلو مۇھىتنى بۇلغىغان كارخانىنىڭ مەمۇرىي جازا قارارىغا قايىل بولماي، مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىش ئىلتىماسى رەت قىلىنغاندىن كېيىن، مەمۇرىي ئەرز سۇنۇلغان دېلولار ئىچىدىكى تىپىك دېلو ھېسابلىنىدۇ. ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى خىزمەت فۇنكسىيەسىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، ‹‹مەمۇرىي جازا قانۇنى›› ۋە ‹‹مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىش قانۇنى›› قاتارلىق قانۇنلارنىڭ ئەمەلىي خاراكتېرلىك ۋە تەرتىپ خاراكتېرلىك بەلگىلىمىلىرىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش جەريانىدا مەمۇرىي باشقۇرۇلغۇچىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى ئۈنۈملۈك قوغدىغان.

   سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈم چىقىرىشى ۋە قانۇن بويىچە قوللىشىدا مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشىنى نازارەت قىلىش ئىپادىلەنگەن، مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ قانۇنلۇق مەمۇرىيەت يۈرگۈزگەنلىكى، ئورۇنلۇق مەمۇرىيەت يۈرگۈزگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىللە، كارخانىنى مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش جەريانىدا مۇھىت ئاسراش رەسمىيەتلىرىنى تولۇق ئۆتەش تەلىپىنى قاتتىق ئورۇنداپ، بۇلغىما چىقىرىشنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە، تەربىيەلەش ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىش مۇھىت ئاسراش ئىدىيەسىنى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇشتا يېتەكچلىك ۋە ئەينەكلىك رولىغا ئىگە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى