تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز تۇرالغۇ ئىجارە بازىرىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈردى

   مۇخبىرىمىز ما يىنىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، كۆپ سۇبيېكتلىق تەمىنلەش، كۆپ يول بىلەن كاپالەتلىك قىلىش، ئىجارىگە ئېلىش بىلەن سېتىۋېلىش بىرلەشتۈرۈلگەن تۇرالغۇ تۈزۈلمىسىنى زور كۈچ بىلەن بەرپا قىلىش ئۈچۈن، يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى قاتارلىق توققۇز نازارەت، ئىدارە بىرلىشىپ ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ تۇرالغۇ ئىجارە بازىرىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش››نى(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ‹‹ئۇقتۇرۇش›› دەپ ئېلىندى) تارقىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىز تۇرالغۇ ئىجارە بازىرىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

   بۇ قېتىم سىناق نۇقتىسى قىلىنىدىغان شەھەرلەر ئىچىدە ئۈرۈمچى، قاراماي، قومۇل، سانجى، كورلا شەھىرى بولۇپ، سىناق نۇقتىسى قىلىنىدىغان شەھەرلەردە ئالدىن يولغا قويۇلۇپ، تەدرىجىي كېڭەيتىلىدىكەن. 2020 – يىلىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىز ئاساسلىق گەۋدە كۆپ مەنبەلەشكەن، قېلىپلاشقان ئىجارىگە ئېلىش، ئىجارە مۇناسىۋىتى مۇقىم بولغان تۇرالغۇ ئىجارە بازىرى سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرىدىكەن. 2025 – يىلىغا بارغاندا، ئاپتونوم رايون بويىچە تەمىنلەش يېتەرلىك، تەرتىپلىك، جانلىق بولغان تۇرالغۇ ئىجارە بېرىش – ئېلىش بازىرى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللىنىدىكەن؛ كاپالەتلىك قىلىش، ئادىل بولۇش، سىجىل داۋاملىشىدىغان ئاممىۋى ئىجارە تۇرالغۇ تۈزۈلمىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللىنىدىكەن. بازار تەرتىپى ئېنىق، ھۆكۈمەتنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشى كۈچلۈك، ھوقۇق – مەنپەئەت كاپالىتى تولۇق بولغان، تۇرالغۇ ئىجارە قانۇن – تۈزۈم سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللىنىدىكەن.

   نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ۋەزىپىلەرنى تولۇق ئۇرۇنداشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ‹‹ئۇقتۇرۇش››تا ئېنىق قىلىپ مۇنداق دېيىلدى: جايلار، بولۇپمۇ سىناق نۇقتىسى قىلىنىدىغان شەھەرلەر مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەرنى تۈزۈپ، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى، ئاپپاراتلاشقان، كۆلەملەشكەن پۇقراۋى تۇرالغۇ ئىجارە شىركەتلىرىگە ئىلھام بېرىلىدۇ؛ ئۆي – زېمىن تەرەققىيات كارخانىسى، ۋاسىتىچى ئاپپاراتلار، مۇلازىمەت كارخانىلىرىنىڭ ئۆي ئىجارە كەسپىنى كېڭەيتىشىگە ئىلھام بېرىلىدۇ؛ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارنىڭ تۇرالغۇ ئىجارىگە بېرىش كارخانىلىرىغا ئايلىنىشىنى قوللاپ، ئىجارە ھەققى، ئىجارە مۇددىتىنى مۇقىملاشتۇرىدۇ. ئىجارە تۇرالغۇ مەنبەسىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى