تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

رېئاللىققا ئايلانغان بېيىش ئارزۇسى

 مۇخبىرىمىز لۇ يەن

   قاراقاش ناھىيەسىنىڭ زاۋا بازىرىدىكى بىر باغقا كىرگىنىمدە، مەي بولۇپ پىشىپ كەتكەن قېپقىزىل گىلاسلارغا كۆزۈم چۈشتى. بۇ گىلاسلار قانداق قىلىپ خوتەندە مۇشۇنداق ئوخشىدى؟ بۇ يەردە ئۆز ئارزۇسىغا يېتىش ئۈچۈن 10 يىل ئەجىر قىلغان كىشىنىڭ ھېكايىسى بار.

   46 ياشلىق ئەخمەتجان ئابدۇللا 1995 – يىلى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىنى پۈتكۈزۈپ مەمۇر بولغانىدى. 2008 – يىلى، ئۇ بېيجىڭ خەلقئارا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسىگە قاتناشقاندا، ئامېرىكىنىڭ ئۈچ خىل گىلاس سورتى بىلەن دۆلىتىمىزنىڭ ‹‹قارا مەرۋايىت›› گىلاس سورتىنى بىر كۆرۈپلا ياقتۇرۇپ قالدى. ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: بۇنداق ياخشى مېۋە خوتەن ۋىلايىتىدىمۇ تېرىلغان بولسا نېمە دېگەن ياخشى بولاتتى  – ھە؟ ...

   بۇ ئارزۇ شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇنىڭ كۆڭلىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتتى. ئۇ چوقۇم بۇ تۆت خىل گىلاس سورتىنى خوتەندە تىرىشىم كېرەك، دېگەن ئىرادىگە كەلدى.

   ‹‹قۇملۇق بويىغا جايلاشقان خوتەندە گىلاس دەرىخىنى تۇتقۇزغىلى بولارمۇ؟ مەغلۇپ بولسام قانداق قىلىمەن؟ ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن ئىشنى قىلماقچى ئىكەنمەن، قىيىنچىلىقتىن قورقماسلىقىم، تەۋەككۈل قىلىپ بېقىشىم كېرەك››. ئەخمەتجان ئابدۇللا دادىللىق بىلەن سىناپ بېقىشنى قارار قىلدى.

   باشقىلارنىڭ نەزەرىدە خام خىيال ھېسابلىنىدىغان بۇ ئىشنى ئەخمەتجان ئابدۇللا ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشقا تۇتۇش قىلدى. ئەمما ئارزۇغا يېتىش يولى جاپا  – مۇشەققەتلىك ھەم مۈشكۈل ئىدى.

   ئەخمەتجان ئابدۇللا باغ قىلىش ئۈچۈن تاللىغان يەر چۆللۈك، تۇپرىقى ناچار بولۇپ، يەرنىڭ توپىسىنى ئالماشتۇرمىسا بولمايتتى. لېكىن توپىنى ئالماشتۇرۇش ئۇنچىلىك ئاسان ئىش ئەمەس ئىدى. ئۇ ئادەم ياللاپ يەرنى ئىككى مېتىر چوڭقۇرلۇقتا كولاپ قۇم – شېغىلىنى توشۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئېتىزدىن توپا يۆتكەپ كېلىپ تۆكتى. 2011 – يىلى، ئەخمەتجان ئابدۇللا 2 مىليون 650 مىڭ يۈەنگە 2000 تۈپ گىلاس كۆچىتى كىرگۈزدى. ئۇ بۇنچىۋالا كۆپ پۇلنىڭ يېرىمىنى دوست – بۇرادەرلىرىدىن، يېرىمىنى بانكىدىن قەرز ئالغانىدى.

   كۆچەتلەر ئېھتىياتچانلىق بىلەن تىكىلدى، ئەخمەتجان ئابدۇللا جاپادىن كېيىنكى ھالاۋەتنىڭ شېرىن مېۋىسىنى تېتىشنى كۈتمەكتە ئىدى.

   ئويلىمىغان يەردىن بۇ قاقاس چۆللۈكتە كۈندە بوران چىقىپ، 10 سانتىمېتىر قېلىنلىقتىكى توپىنى شامال ئۇچۇرۇپ كەتتى، 5 – ئايدا تىككەن كۆچەتلەر ئەمدىلا بىخلىنىشى بىلەن بىر كېچىدە چىققان قاتتىق بوراندىن كېيىن كۆچەتلەر قۇرۇپ كېتىشكە باشلىدى. قۇرۇپ كېتىۋاتقان كۆچەتلەرگە قاراپ ئەخمەتجان ئابدۇللا كۆزىگە ياش ئالدى. ‹‹قانداق قىلىش كېرەك؟ ۋاز كېچىش كېرەكمۇ؟››

   ئاتقان ئوقنى قايتۇرۋالغىلى بولمايدۇ. ئەخمەتجان ئابدۇللا ئەجىر قىلىپ تىككەن گىلاس كۆچەتلىرىنىڭ قۇرۇپ كېتىشىگە قاراپ تۇرغۇسى كەلمەي، بۇ ئىشنىڭ ئاخىرىنى چىقىرىشقا نىيەت قىلدى. سۇ بولمىسا ئۇ قۇدۇق قېزىپ، كۆچەتلەرنى سۇغاردى. 6 – ئايدا گىلاس كۆچەتلىرى قايتىدىن يېڭى يوپۇرماق چىقىرىپ، ئۇنىڭغا يەنە ئۈمىد ئاتا قىلدى. شۇنداق قىلىپ 2000 تۈپ گىلاس كۆچىتىنىڭ %85ى تۇتتى.

   ‹‹قىيىن ئىش يوق ئالەمدە، كۆڭۈل قويغان ئادەمگە›› دېگەندەك، ئەخمەتجان ئابدۇللانىڭ كۆڭۈل قويۇپ ئەجىر قىلىشى بىلەن گىلاس كۆچەتلىرى ئوبدان ئاينىپ، 3 – يىلى مېۋە بېرىشكە باشلىدى. بۇ ئەخمەتجان ئابدۇللاغا زور ئىشەنچ ئاتا قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئەخمەتجان ئابدۇللا دىققىتىنى گىلاس كۆچىتى يېتىشتۈرۈپ سېتىش بىلەن بىللە، گىلاس مۇرابباسى، پىننە مۇرابباسى قاتارلىق 30 نەچچە خىل مەھسۇلاتنى پىششىقلاشقا قارىتىپ، كىرىمىنى يىلسېرى ئاشۇردى.

   ئەخمەتجان ئابدۇللانىڭ بېغى يەنە يېقىن ئەتراپتىكى كەنت ئاھالىلىرىغا كىرىمىنى ئاشۇرىدىغان يول كۆرسىتىپ بەردى. نەچچە كۈندىن بۇيان، 60 مو گىلاسلىق مېۋە بېرىش مەزگىلىگە كىردى، 30 دىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسى بۇ يەردە ئوت ئوتاش، ئوغۇتلاش، سۇغىرىش ئىشلىرىنى قىلىدۇ. ئۇرچى يېزىسىنىڭ مىللەتئېرىق كەنتىدىكى ئابدۇكېرىم ئابلىكىمنىڭ بۇ يەردە ئىشلەۋاتقىنىغا ئۈچ يىل بولغان بولۇپ، ئۇ ھازىر بۇ يەرنىڭ تېخنىكى، ئايدا 5000 يۈەن ئىش ھەققى ئالىدۇ.

   ھازىر ئەخمەتجان ئابدۇللانىڭ گىلاسلىرى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھەم شاڭخەي، گۇاڭجۇ قاتارلىق جايلاردا سېتىلىۋاتىدۇ. بۇلتۇر ئومۇمىي ھوسۇل 20 توننىغا، مەھسۇلات قىممىتى 4 مىليون يۈەنگە يەتتى. ئۇ يەنە شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى بىلەن ھەمكارلىشىپ تەتقىقات مەركىزى قۇرۇپ، گىلاس ئۆستۈرۈش بىلەن ئىنچىكە پىششىقلاشتىكى پەن – تېخنىكا سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرماقچى. بۇ تۆت خىل گىلاسنى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئومۇملاشتۇرۇپ، قازاقىستان قاتارلىق ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىش ئەخمەتجان ئابدۇللانىڭ كۈرەش نىشانى.

   ئەخمەتجان ئابدۇللانىڭ يەنە بىر ئارزۇسىمۇ بار، ئۇ بولسىمۇ ئۈچ يىلدا قاراقاش ناھىيەسىدە 5000 مولۇق گىلاس بازىسى بەرپا قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، 500 دىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسىنىڭ يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئۇلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ھاللىق سەۋىيەگە يەتكۈزۈش.

   ئەخمەتجان ئابدۇللا ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆپ جاپالارنى باشتىن كەچۈردى، بۇنىڭغا ئۇ توپتوغرا ئون يىل سەرپ قىلدى.

   ئەخمەتجان ئابدۇللا مۇنداق دېدى: ئون يىللىق ئەجرىم بىلەن چەت ئەلنىڭ گىلاس سورتىنى خوتەندە ئۆستۈرۈپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇردۇم، بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇشالمەن.

   مېۋىگە كىرگەن گىلاسلىرىغا قاراپ، ئەخمەتجان ئابدۇللا خۇشاللىققا چۆمدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى