تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

بېسىم كېيىنكى ئەۋلادلارغا ئىرسىيەت قالىدىكەن

ماتېرىيال سۈرەت

  بېسىم كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىگە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ-يېتىلىشىگىمۇ تەھدىت ئېلىپ كېلىدىكەن. يېقىندا داڭلىق ژۇرنال «روھىي كېسەللىكلەر ئىلمىگە ئۆتۈش» تە ئېلان قىلىنغان تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، تۇرمۇشتا ئازابقا ئۇچراش بەزى ئادەملەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىكەن، بۇ خىل بېسىم كېيىنكى ئەۋلادلارغا ئىرسىيەت بولۇپ قالىدىكەن، ھەتتا ئادەملەرنىڭ كۆپىيىشىگە تەسىر يەتكۈزىدىكەن.

  تەتقىقاتچىلار «ناچار بالىلىق كەچۈرمىشى»گە مۇناسىۋەتلىك سوئال-جاۋابلىق تەكشۈرۈش قەغىزى ئارقىلىق 28 ئەرنىڭ 18 ياشتىن ئىلگىرىكى تۇرمۇشتىكى ئازاب چېكىش دەرىجىسىنى باھالاپ چىققان، سوئال-جاۋابلىق تەكشۈرۈش قەغىزى جىسمانىي ۋە تىل جەھەتتىن ياكى جىنسىي جەھەتتىن خورلاشقا ئۇچراپ باققانمۇ؟ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن سەل قارالغان، دەپ قارامسىز؟ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئەھۋالى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. نەتىجىدە بايقىلىشىچە، ياش ۋاقتىدا ئېغىر ئازابلارنى باشتىن كەچۈرگەن ياشلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي كېسەلگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى يۇقىرى بولغان، ئىسپېرما ئۆزگىرىشىمۇ شۇنچە چوڭ بولغان.

ماتېرىيال سۈرەت

  ئامېرىكا تافس داشۆسى تېببىي شۆيۈەنىنىڭ يېتىلىش، مولېكۇلا ۋە خىمىيەلىك بىيولوگىيە پەنلىرى پىروفېسسورى لاررى فىگ مۇنداق دېدى: بۇ تەتقىقات تۈرى – بالىلاردىكى بەزى ئاجىز خاراكتېرنى بەلكىم ئاتا-ئانىلارنىڭ دەسلەپكى تۇرمۇش كەچۈرمىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىنچىلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. تەتقىقاتنىڭ بىرىنچى ئاپتورى، ئامېرىكا بىيومېدىتسىنا شۆيۈەنىنىڭ دوكتورى داۋىد دېكسون مۇنداق دېدى: «بىز روھىي بېسىم ئاستىدىكى ئىسپېرما ئۆزگىرىشىنىڭ بالىلارنىڭ بۇندىن كېيىن جىسمانىي ۋە روھىي كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى يۇقىرى كۆتۈرۈۋېتىدۇ، دەپ قارىدۇق. بىز كۆلىمى تېخىمۇ چوڭ بولغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇپ، ئىسپېرما ئۆزگىرىشىنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلارغا بولغان كونكرېت تەسىرىنى ئىسپاتلاپ، كەلگۈسىدە بۇ بايقاشقا تايىنىپ ئىسپېرمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش چارىسىنى بايقاپ چىقىمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى