جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرى بولغان ‹‹ئون شەھەردە 100 دۇكان›› قۇرۇلۇشىنى يولغا قويغان نىڭبو، جۇشەن شەھەرلىرىدىكى باش ۋاكالەتچى لۇ خۇڭبو سېتىلغان كۇچا ئاق كىشمىش ئۆرۈكىنى يۆتكىمەكتە.
ساۋ شىڭۋېي فوتوسى
شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: 6– ئاينىڭ 7 – كۈنىدىن 11 – كۈنىگىچە نىڭبو شەھىرىنىڭ دۆلەت كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 20 – نۆۋەتلىك جېجياڭ مەبلەغ سېلىش سودا يەرمەنكىسى، 2018 – يىللىق ئوتتۇرا شەرقىي ياۋرۇپا يەرمەنكىسى، 15 – نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا كۈندىلىك ئىستېمال بۇيۇملىرى يەرمەنكىسىدە، كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئاق كىشمىش ئۆرۈكى، چىلان قاتارلىق مەھسۇلاتلىرى جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك سودىگەرلەرنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشتى.