تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

ئاپتونوم رايونىمىزدا كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 3 مىليون 536 مىڭ (قېتىم)غا يەتتى

بايرام مەزگىلىدە ساياھەت بازىرى جانلاندى

قاراجون ساياھەت رايونى كۆكسۇ چوڭ جىلغىسى مەنزىرە رايونىدا ساياھەتچىلەر قولۋاق ئوينىماقتا.

   مۇخبىرىمىز جيا چۈنشيانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، روزا ھېيت، تاڭزۇڭزا چاغىنى مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ساياھەت بازىرى جانلانغان. ئاپتونوم رايونىمىزدا 6 – ئاينىڭ 15 – كۈنىدىن 18 – كۈنىگىچە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 3 مىليون 536 مىڭ (قېتىم)غا، ساياھەت ئومۇمىي ئىستېمالى 3 مىليارد 211 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

   بايرام مەزگىلىدە، شىنجاڭدىكى جايلار، مەنزىرە رايونلىرى ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى – سىرتىدىن نۇرغۇن ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى. تۇرپاندا 6 – ئاينىڭ 17 – كۈنى تېمپېراتۇرا 37 سېلسىيە گىرادۇسقا چىقتى، ھاۋا ئىنتايىن ئىسسىق بولسىمۇ، ساياھەتچىلەر يەنىلا ناھايىتى كۆپ بولدى. جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ جوۋشەن شەھىرىدىن كەلگەن ساياھەتچى ۋۇ شياۋ يالقۇنتاغدىكى 12 مېتىر ئېگىزلىكتىكى تېرمومېتىر ئالدىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى يالقۇنتاغنى ‹‹غەربكە ساياھەت›› فىلىمىدىلا كۆرگەنىدۇق، بۇ قېتىم ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆردۇق، يالقۇنتاغنىڭ ھەقىقەتەن ماختىغۇچىلىكى بار ئىكەن، سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردۇم. بايرامدا تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچى تۇغقانلار ساياھىتى، شەھەر ئەتراپىدىكى مەنزىرە رايونىنى بىر كۈنلۈك ساياھەت قىلىش قاتارلىقلارنى تاللىدى. تىيانشان بوغدا كۆلى، جامبۇلاق مەنزىرە رايونى كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 10 مىڭغا يېقىن ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى. ئۈرۈمچى دېخۈي ۋەندا مەيدانى، خۈيجيا دەۋر سودا سارىيى قاتارلىق يېڭىچە سودا ئۇنىۋېرسال رايونلىرى ئىنتايىن ئاۋات بولدى، سودا ناھايىتى جانلاندى.

   پۈتۈن رايون ساياھىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۆي ئاپتوموبىلى ساياھىتى، سەھرا ساياھىتى، مەدەنىيەت ساياھىتى سىجىل جانلاندى. پۈتۈن مەملىكەتتىكى 12 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىن كەلگەن 23 ئۆي ئاپتوموبىلى ساياھەتچىسى 6 – ئاينىڭ 15 – كۈنى قومۇلدىن تەڭ يولغا چىقىپ، ‹‹ئۆي ئاپتوموبىلى شىنجاڭ ساياھىتى›› پائالىيىتىنى باشلىدى، ئۇلار شىنجاڭدىكى 48 ناھىيە، شەھەرنى ئايلىنىدۇ، ئومۇمىي مۇساپە 11 مىڭ كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، ئاپتوموبىل ھەۋەسكارلىرى شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىدۇ، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە مىللىي ئۆرپ – ئادەت مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىدۇ. يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى 6 – ئاينىڭ 16 – كۈنىدىن 18 – كۈنىگىچە ساياھەتچىلەرنى ‹‹جەنۇبىي شىنجاڭدىكى سۇ يۇرتى›› ئۆزگىچە مەدەنىيەت ساياھەت پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلدى. بۇ مەزگىلدە، سەنئەت نومۇرلىرى، مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى قاتارلىقلاردىن باشقا، فوتو سۈرەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى، قولۋاق ھەيدەش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى.
                                                    
   ساياھەتچىلەرنى بايرام خۇشاللىقىدىن قانغۇچە بەھرىمەن قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى ساياھەتكە مەسئۇل تارماقلار ئامما كۆپلەپ قاتنىشالايدىغان ھەرخىل بايراملىق تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزدى، ھەر قايسى چوڭ مەنزىرە رايونلىرى ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرلىرىنى بەس – بەستە يولغا قويۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ساياھەت قىلىش جەريانىدا تېخىمۇ كۆپ بەخت تۇيغۇسىغا ئىگە قىلدى. فۇكاڭ شەھىرى ‹‹سەنشىلىك 10 مىڭ ساياھەتچى بوغدا كۆلى ساياھەت رايونىغا ھەقسىز كىرىش›› باش تېما قىلىنغان ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش پائالىيىتىنى يولغا قويدى؛ تۇرپاندىكى ھەر قايسى مەنزىرە رايونلىرىدا ھەر كۈنى تەلەپ بويىچە ساياھەت سىن كۆرۈنۈشى يوللىغان ئالدىنقى ئون ساياھەتچى تۇرپاننى ساياھەت قىلىش يىللىق بېلىتىگە ئېرىشتى، دوستلار چەمبىرىكىگە سىن كۆرۈنۈشى يوللىغانلار ‹‹كارىز›› مىنېرال سۈيىگە ھەقسىز ئېرىشتى؛ ئاۋات ناھىيەسى دولان قەبىلىسى مەنزىرە رايونى ‹‹ئاۋات ناھىيەسىنىڭ 5 – نۆۋەتلىك ئۆرۈك بايرىمى ۋە دولانلىقلارنىڭ تاڭزۇڭزا چاغىنى›› پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، بۇ مەزگىلدە بارلىق ساياھەتچىلەر مەنزىرە رايونىنىڭ يېرىم باھالىق ئېتىبار بېلىتىدىن بەھرىمەن بولدى؛ ئۇچتۇرپان ناھىيەسى 6 – ئاينىڭ 18 – كۈنى ‹‹ئۇچتۇرپان ناھىيەسى گۈلخان مەدەنىيەت بايرىمى›› ئۆتكۈزۈپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى.

   بايرام ھارپىسىدا، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات كومىتېتى كۆپ خىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق بايراملىق ساياھەت ئۇچۇرى، ساياھەت كۆرسەتمىسىنى تارقاتتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ساياھەت بىخەتەرلىكى ۋە بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بەردى، مەدەنىي ساياھەت قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ، بايرام مەزگىلىدە ‹‹بىخەتەر، تەرتىپلىك، سۈپەتلىك، ئۈنۈملۈك، مەدەنىي›› بولۇشتەك ساياھەت خىزمىتى نىشانىغا يەتتى. 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى