تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرى مەدەنىيەت ئىستېمالىغا تۈرتكە بولدى

‹‹مەدەنىيەت ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش كارتىسى›› ئەدەبىيات ـ سەنئەت بازىرىنى جانلاندۇردى

    مۇخبىرىمىز جاڭ بېي خەۋەر قىلىدۇ: يان تېلېفوندا ‹‹مەدەنىيەت ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش كارتىسى›› سېتىۋېلىشنى ئىلتىماس قىلغان ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى لياڭ ۋېن 6 – ئاينىڭ 12 – كۈنى خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: دادام چىنچياڭ ئەلنەغمىسىنى تولىمۇ ياقتۇرۇپ ئاڭلايدۇ، كارتا بېجىرسە بېلەت باھاسىدا ئېتىبار بېرىلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ دادامغا ئالايىتەن كارتا بېجىرىپ بەردىم. بۇ بىرنەچچە كۈندە چىنچياڭ ئەلنەغمىسى ‹‹لاۋۋەنجى›› قويۇلۇۋېتىپتۇ، دادامغا بېلەت ئېلىپ بەرمەكچى بولۇۋاتىمەن.

   ئۈرۈمچى شەھىرى 2017 – يىلى 2 – ئايدا دۆلەتنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى مەدەنىيەت ئىستېمالى بويىچە نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان شەھەر قىلىپ بېكىتىلدى. ئۈرۈمچى شەھىرى بىر يىلدىن بۇيان مەدەنىيەت ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، مەدەنىيەت ئىستېمالى ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئاممىنىڭ كۆپ قاتلاملىق مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپلا قالماي، يەنە ئەدەبىيات – سەنئەت بازىرىنى جانلاندۇردى.
                                                    
   ‹‹مەدەنىيەت ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش كارتىسى›› ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مەدەنىيەت ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرلىرىنىڭ ئەڭ بىۋاسىتە نامايەندىسى. 500 يۈەن قىممىتىدىكى ‹‹مەدەنىيەت ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش كارتىسى›› ئۈچۈن شەھەر ئاھالىسى 100 يۈەن چىقىم قىلىدۇ، قالغان 400 يۈەنگە ھۆكۈمەت تولۇقلىما بېرىدۇ. ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت ئىدارىسى مەدەنىيەت بازىرى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى پاڭ يىڭ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر تارقاتقان 10 مىڭ ‹‹مەدەنىيەت ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش كارتىسى›› ناھايىتى تېزلا سېتىلىپ تۈگىدى. بۇ كارتا ئارقىلىق تور، يان تېلېفون ۋە نەق مەيداندا شەھەرگە قاراشلىق تىياتىرخانىلار، تىياتىر ئۆمەكلىرى ۋە ئىتتىپاقداش ئورۇنلارنىڭ ئويۇن كۆرۈش بېلىتىنى سېتىۋالغىلى بولىدۇ، ئىنتايىن قولايلىق.

   ئىگىلىنىشىچە، ‹‹مەدەنىيەت ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش كارتىسى›› تارقىتىلغاندىن بۇيان، ئۈرۈمچىدە كەينى – كەينىدىن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك تىياتىر ۋە ئەلنەغمە سەنئەت بايرىمى، بالىلار تىياتىرى ئويۇن قويۇش پەسلى، كۈزلۈك ئويۇن قويۇش پائالىيىتى قاتارلىق ئون تۈرلۈك پائالىيەت ئۆتكۈزۈلۈپ، 190 مەيداندىن كۆپرەك سودا خاراكتېرلىك ئويۇن قويۇلۇپ، تاماشىبىن 70 مىڭ (قېتىم)غا، ئويۇن بېلىتىدىن قىلىنغان كىرىم 4 مىليون 63 مىڭ يۈەنگە يەتكەن. ئۈرۈمچى تىياتىرخانىسى، شىنجۇڭ تىياتىرخانىسى قاتارلىق ئۈچ تىياتىرخانىدا ئوتتۇرىچە بېلەت سېتىلىش نىسبىتى %80تىن ئېشىپ، كۆپ تۈردە يېڭى سەۋىيە يارىتىلغان.

   سىياسەتنىڭ تۈرتكىسىدە ئۇسۇل ياخشى تاللىنىپ، ئاز كۈچ بىلەن كۆپ ئۈنۈم يارىتىلدى. مەدەنىيەت ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرى يولغا قويۇلۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ شەھەرگە قاراشلىق تىياتىرخانىلار، تىياتىر ئۆمەكلىرىگە تولۇقلىما بېرىشى تاماشىبىنلارغا بىۋاسىتە تولۇقلىما بېرىشكە ئۆزگەرتىلدى، بۇ ئارقىلىق بىر تەرەپتىن، ئاممىنىڭ بېلەت سېتىۋېلىپ ئويۇن كۆرۈشتەك ئىستېمال ئادىتى يېتىلدۈرۈلدى، يەنە بىر تەرەپتىن، مەدەنىيەت ئىستېمال بازىرى جانلاندۇرۇلدى، سەنئەت ئۆمەكلىرى، بولۇپمۇ شەھەرگە قاراشلىق تىياتىرخانىلار، تىياتىر ئۆمەكلىرىمۇ بازارنى يېتەكچى قىلىش ئارقىلىق سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، يېڭىلىرىنى كونىلىرىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ، سەۋىيەسىنى ئاشۇردى.

   شەھەرگە قاراشلىق تىياتىرخانىلار، تىياتىر ئۆمەكلىرى بازار بېسىمىنى ھېس قىلىش بىلەن بىللە، يەنە يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، نادىر ئويۇنلىرى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ تاماشىبىننى جەلپ قىلدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك جىڭجۈ تىياتىر ئۆمىكى بىلەن شەھەرلىك چىنچياڭ تىياتىر ئۆمىكى ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ نادىر تىياتىر ۋە ئەلنەغمە ئويۇنلىرىنى كىرگۈزۈش بىلەن بىللە، ئارتىسلارنىڭ كەسپىي ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى ھەم بالىلار تىياتىرىغا يۈزلەندى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك بەدىئىي تىياتىرخانا بۇلتۇر بالىلار تىياتىرى ئويۇن قويۇش پەسلى ئارقىلىق، يازلىق تەتىلدە ياشلار، ئۆسمۈرلەر، بالىلارغا كاتتا مەدەنىيەت نومۇرلىرىنى كۆرسەتتى ھەم بۇنىڭدىن 910 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت ئىدارىسى سەنئەت باشقارمىسىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ فېي مۇنداق دېدى: بۇرۇن شەھەرگە قاراشلىق تىياتىرخانىلار، تىياتىر ئۆمەكلىرى بۇنچە كۆپ كىرىم قىلىشنى ئويلاشقىمۇ پېتىنالمايتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى