تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ‹‹قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىشنى يولغا قويۇش تېزىسى››نى بېسىپ تارقاتتى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 – ئاينىڭ 18 – كۈنى تېلېگراممىسى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېت يېقىندا ‹‹قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىشنى يولغا قويۇش تېزىسى››نى بېسىپ تارقاتتى. ‹‹تېزىس››تا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىشتىكى يېتەكچى ئىدىيە، ئاساسىي پىرىنسىپ، كۈچەش مۇھىم نۇقتىسى ۋە ئاساسلىق خىزمەتلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، بۇ، يېڭى دەۋردە قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىش، ئېسىل ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇشتىكى مۇھىم يېتەكچى خاراكتېرلىك ھۆججەت.

   ‹‹تېزىس››تا مۇنداق كۆرسىتىلدى: قىزىل گېنغا زور كۈچ بىلەن ۋارىسلىق قىلىش ــــ يېڭى دەۋردە ئارمىيەنى سىياسىي بويىچە قۇرۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە ۋە ئۇل قۇرۇلۇش، بۇ، ئوفىتسېر – ئەسكەرلەرنى تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستىن چىقارماي، بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈشتە، تىرىشىپ پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىغا يېتىش، خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. مەۋقەنى روھلۇق، ئىقتىدارلىق، جىگەرلىك، ئەخلاقلىق ئىنقىلابىي ھەربىيلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش، ئېتىقادى پولاتتەك مۇستەھكەم، قەتئىي ئىشەنچلىك، پولاتتەك ئىنتىزامچان، قاتتىق مەسئۇلىيەتچان، ئېغىر سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان قوشۇن بەرپا قىلىشقا قويۇپ، مۇستەھكەم مەنىۋى تۈۋرۈكنى، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشتىن ئىبارەت ئاساسنى چىڭ تۇتۇپ، ئاساسنى چىڭىتىپ روھ يېتىلدۈرۈشنى گەۋدىلەندۈرۈش، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۇرۇش تەييارلىقى قىلىش، مەسىلە يۆنىلىشىنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىيەتكە سىڭىشىشكە ئەھمىيەت بېرىش، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت ئاساسىي پىرىنسىپنى ئىگىلەپ، ئېتىقاد يىلتىزىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تارىخنى ئۆرنەك قىلىپ ئادەم تەربىيەلەپ، قىزىل بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئەمەلىيەت ئارقىلىق چېنىقتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قىزىل گېننى ئوفىتسېر – ئەسكەرلەرنىڭ قېنىغا سىڭدۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئارمىيەمىزنىڭ قانداشلىقنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇشى، ئۇلنى مەڭگۈ مۇستەھكەملىشى، ئەۋزەللىكنى مەڭگۈ ساقلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، يېڭى دەۋردە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى سىياسىي ئوزۇق ۋە قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە قىلىش كېرەك.

   ‹‹تېزىس››تا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىشتا يادرونى قوغدايدىغان، پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنىدىغان مۇتلەق سادىقلىقنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈپ، سوتسىيالىستىك، كوممۇنىستىك غايە – ئېتىقادنى چىڭىتىپ، دادىل ئىسلاھ قىلىش، بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا جۈرئەت قىلىشتەك يېڭىلىق يارىتىش ئېڭىنى كۈچەيتىش، جاپادىنمۇ، ئۆلۈمدىنمۇ قورقمايدىغان جەڭگىۋار روھنى يېتىلدۈرۈش، يۈكسەك ئاڭلىق بولغان، بۇيرۇققا قاتتىق ئەمەل قىلىدىغان ئىنقىلابىي ئىنتىزامنى چىڭىتىش، خەلقنى سۆيىدىغان، خەلقنى كۆزلەيدىغان، ئارمىيە بىلەن خەلق ئىتتىپاق ئۆتىدىغان ئالاھىدە ئەۋزەللىكنى مۇستەھكەملەش كېرەك. ئىلمىي نەزەرىيە بىلەن قوراللاندۇرۇش، پارتىيە تارىخى، ئارمىيە تارىخى تەشۋىق – تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش، تارىخنى ساقلاش، يېزىش، تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىش، مۇھىم خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش، ھەربىي تارىخقا ئالاقىدار مەيدان – سارايلارنى ياخشى قۇرۇش ۋە ياخشى ئىشلىتىش، قىزىل ئىنقىلابىي مەدەنىيەتنى قېزىشنى چىڭ تۇتۇپ، قىزىل گېننىڭ ھاياتىي كۈچىنى مەڭگۈ ساقلاش، قۇدرىتىنى نامايان قىلىش كېرەك.

   ‹‹تېزىس››تا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار مەسئۇلىيەتنى  ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئۇنى قوشۇننىڭ ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇشىغا كىرگۈزۈشى، ئاساسلىق رەھبەر بىرىنچى مەسئۇل كىشى بولۇش مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىشى، مەسئۇل رەھبەر 1 – سەپتە تۇرۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشى، ھەر دەرىجىلىك سىياسىي خىزمەت ئورگانلىرى كونكرېت يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىشى، ئورگاندىكى باشقا تارماقلار پائال ماسلىشىشى كېرەك. خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كاپالەتلەندۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، قىسىمنىڭ قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىش خىزمىتى داۋامىدا دۇچ كەلگەن ئەمەلىي قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى