تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئوتلاقلار يېشىللىققا پۈركەندى، ئېكولوگىيە ياخشىلاندى، چارۋىچىلار بېيىدى

ئاپتونوم رايونىمىزدا ئوتلاق يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ قاپلاش دەرىجىسى، ئېگىزلىكى ۋە ئوت ـ چۆپ مىقدارى ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈنۈم كۆرسەتكۈچىگە يەتتى ۋە ئۇنىڭدىن ئېشىپ كەتتى

    مۇخبىرىمىز ليۇ يىنىڭ 6 – ئاينىڭ 17 – كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2017 – يىلى، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئوتلاق ئۇنىۋېرسال يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ قاپلاش دەرىجىسى %41.48كە، ئېگىزلىكى 27.9 سانتىمېتىرغا يېتىپ، يېقىنقى بەش يىلدىكى ئوتتۇرىچە سەۋىيەدىن 1.71 پىرسەنت پوئېنت ئېشىپ ۋە 2.42 سانتىمېتىر ئۆسۈپ، ئوتلاق يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ قاپلاش دەرىجىسى، ئېگىزلىكى ۋە ئوت – چۆپ مىقدارى دۆلەت بېكىتكەن ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈنۈم كۆرسەتكۈچىگە يەتكەن ۋە ئۇنىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.

   دۆلىتىمىز 2016 – يىلى يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداشقا تولۇقلىما بېرىش، مۇكاپاتلاش مېخانىزمى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ تولۇقلىما بېرىش، مۇكاپاتلاش مېخانىزمى دېيىلدى)نى يولغا قويغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئوتلاقتا چارۋا بېقىشنى چەكلەش، ئوتلاق بىلەن چارۋىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوتلاقلارنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى تەدرىجىي ياخشىلىدى.

   تونۇشتۇرۇلۇشىچە، يېڭى بىر نۆۋەتلىك تولۇقلىما بېرىش، مۇكاپاتلاش مېخانىزمى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، دۆلەت ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 691 مىليون مو ئوتلاققا چارۋا بېقىشنى چەكلەش تولۇقلىمىسى بېرىش ۋە ئوتلاق بىلەن چارۋىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش مۇكاپاتى تارقىتىش ئۈچۈن يىلىغا 2 مىليارد 477 مىليون 250 مىڭ يۈەن مەبلەغ ئاجراتقان. بۇنىڭ ئىچىدە چارۋا بېقىش چەكلەنگەن ئوتلاق كۆلىمى 150 مىليون 100 مىڭ موغا يەتكەن، بۇ، چېكىنىشى بىر قەدەر ئېغىر مۆتىدىل چۆللۈك، ئېگىز – سوغۇق چۆللۈك ۋە ئېگىز – سوغۇق رايونلاردىكى چارۋا بېقىش چەكلەنگەن 145 مىليون مو ئوتلاقنى، مۇھىم سۇ توپلىنىش رايونى ۋە ئوتلاق تىپىدىكى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونلىرىدا چارۋا بېقىش چەكلەنگەن 5 مىليون 100 مىڭ مو يەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، تولۇقلىما بېرىلىدىغان مەبلەغ 1 مىليارد 125 مىليون يۈەن، ئوتلاق بىلەن چارۋىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشتا مۇكاپات بېرىلىدىغان كۆلەم 540 مىليون 900 مىڭ مو، مۇكاپات بېرىشكە ئاجرىتىلغان مەبلەغ 1 مىليارد 352 مىليون 250 مىڭ يۈەن ئىكەن.

   ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق نازارىتى ئوتلاق باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شيۇڭ لىڭ مۇنداق دېدى: ئوتلاق  شىنجاڭنىڭ قۇرۇقلۇق ئېكولوگىيە سىستېمىسىدىكى ئاساسىي گەۋدە ۋە مۇھىم ئېكولوگىيەلىك توسۇق، شىنجاڭنىڭ تەبىئىي ئوتلاق كۆلىمى كەڭ، تۈرى كۆپ خىل، بايلىقى مول، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەبىئىي شارائىتى ئۆزگىچە، جايلار ئوتلاقتىن پايدىلىنىشتا بىر – بىرىدىن پەرقلىنىدىغان، تەبىئەت قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، ئۆزگىچىلىككە ئىگە بولغان پەسىل بويىچە نۆۋەتلەشتۈرۈپ يايلىتىش ۋە چارۋا مال بېقىش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرگەن. ئاپتونوم رايونىمىز تولۇقلىما بېرىش، مۇكاپاتلاش مېخانىزمىنىڭ ئېكولوگىيە ئۈنۈمى ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، دۆلەتنىڭ سىياسىتىگە ئاساسەن، ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداشقا تولۇقلىما بېرىش، مۇكاپاتلاش مېخانىزمى سىياسىتى توغرىسىدا يېتەكچى پىكىرنى تارقىتىپ، ‹‹يۇقىرى چەكنى بېكىتىش››، ‹‹تولۇق كاپالەتلىك قىلىش›› سىياسىتىنى تۈزۈپ، تولۇقلىما بېرىش، مۇكاپاتلاش سىياسىتىنىڭ ئادىل، باراۋەر بولۇش، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزۈش پىرىنسىپىنى تولۇق گەۋدىلەندۈردى.

   ئىگىلىنىشىچە، 2003 – يىلى دۆلەت چارۋىچىلىقتىن ئوتلاققا قايتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى باشلىغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز چىتلاق ياساش، سۈنئىي ئوت – چۆپ (يەم – خەشەك) يېرى بەرپا قىلىش، چېكىنگەن ئوتلاقنى ياخشىلاش، زەھەرلىك ئوت – چۆپلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى يوقىتىش قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى سىجىل يولغا قويۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 49 ناھىيە(شەھەر)نى چارۋىچىلىقتىن ئوتلاققا قايتۇرۇش قۇرۇلۇشى دائىرىسىگە كىرگۈزگەن. چارۋىچىلىقتىن ئوتلاققا قايتۇرۇش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىز ئوتلاق چارۋىچىلىقىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش شەكلى تەدرىجىي ھالدا سوغۇق پەسىلدە قوتاندا بېقىش، ئىللىق پەسىلدە يايلىتىپ بېقىشقا ئۆزگەرتىلىپ، ئوتلاق ئېكولوگىيەسى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەن.

   ئاپتونوم رايون يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى ياخشى قوغداش بىلەن بىللە، ئوتلاق چارۋىچىلىقىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشى ۋە ئوتلاق چارۋىچىلىقىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى يولغا قويۇپ، مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 940 مىليون يۈەن سېلىنمىدىن سىرت، جەمئىيەتتىن 2 مىليارد يۈەنگە يېقىن مەبلەغ توپلاپ، چارۋا باقمىچىلىقى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن 360نى قۇرۇپ، ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ كىرىم يوللىرىنى كېڭەيتتى، چارۋىچىلىقنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى