تىيانشان تورى   ›   مەخسۇس سەھىپە   ›   ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئېچىۋېتىش يولىنى بارغانسېرى كېڭەيتمەكتە

مۇخبىرىمىز لۇ فېڭباۋ

شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ تۆمۈريول يۈك تىرانسپورت گۇرۇپپىلاش مەيدانى ــــ ئۈرۈمچى غەربىي ۋوگزالىدا جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى گۇرۇپپىلانغاندىن كېيىن، ياۋروپاغا قاراپ يولغا چىقىدۇ. ھازىرغىچە، جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزىدىن جەمئىي 1248 قېتىم نۆۋەتچى پويىز قاتنىدى. (5 – ئاينىڭ 30 – كۈنى تارتىلغان)

  جوۋ پېڭ فوتوسى

    2014 – يىلى 3 – ئاينىڭ 18 – كۈنى، شىنجاڭدىن غەربكە خەلقئارا يۈك تىرانسپورت نۆۋەتچى پويىزى قاتنىدى. شۇ چاغدا، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغىنىغا ئەمدىلا يېرىم يىلدىن ئاشقانىدى.

   تۆت يىلدىن بۇيان، جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرى كەينى – كەينىدىن 1000 يىللىق يىپەك يولىنى بويلاپ غەربكە قاتناپ ياۋروپاغا بېرىپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››غا شىنجاڭ كۈچىنى قوشتى، جۇڭگو – ياۋروپا خەلقئارا يۈك تىرانسپورت نۆۋەتچى پويىزى 17 دۆلەتكە قاتناپ، شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى يېڭى ‹‹موتورى››غا ئايلىنىپ، شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش قەدىمىنى ئۈزلۈكسىز تېزلىتىشىگە تۈرتكە بولدى.

   غەربكە قاتنىغان نۆۋەتچى پويىز يىپەك يولى سودىسىنى راۋانلاشتۇردى

   ئىگىلىنىشىچە، 2006 – يىلى شىنجاڭدا غەربكە قاتنايدىغان خەلقئارا يۈك تىرانسپورت نۆۋەتچى پويىزى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلغان، ئەمما تۈرلۈك قىيىنچىلىقلار تۈپەيلىدىن كۆلەم شەكىللىنەلمىگەن.

   ئۈرۈمچى ‹‹تۇڭيادا›› خەلقئارا يۈك تىرانسپورت ۋاكالەتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ كەسپىي دىرېكتورى ليۇ جېنجۈننىڭ ئېيتىشىچە، شىركەت 2010 – يىلى تۆمۈريول ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىغا بىر قىسىم ماللارنى توشۇغان، ئەمما ئەينى چاغدا يۆتكەش ئىقتىدارىغا كاپالەتلىك قىلىش قىيىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە، توشۇش ۋاقتى ئۇزاق بولغاچقا، ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخى ئېشىپ كەتكەن.

   2014– يىلى شىنجاڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسىنى پائال ئىزچىللاشتۇرۇپ، شۇ يىلى 3 – ئاينىڭ 18 – كۈنىدىن باشلاپ غەربكە قاتنايدىغان خەلقئارا يۈك تىرانسپورت نۆۋەتچى پويىزى يولغا قويۇپ، يىپەك يولى سودىسىنى راۋانلاشتۇردى.

   شىنجاڭ سىفەن داشۆسى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى جۇ شىسۇڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭدا غەربكە قاتنايدىغان خەلقئارا يۈك تىرانسپورت نۆۋەتچى پويىزىنىڭ يولغا قويۇلۇشى شىنجاڭ بىلەن ئىچكىرى ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ ئىقتىسادىنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈش دەرىجىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى رامكىسىدىكى خەلقئارا كەسىپ زەنجىرى ئىش تەقسىماتىغا قاتنىشىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈردى، تېخىمۇ مۇھىمى، شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇردى ۋە سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى.
 
   غەربكە قاتنايدىغان نۆۋەتچى پويىز غەربكە تۇتىشىدىغان تۆمۈريول تىرانسپورتى راۋان بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، كارخانىلارنى مۇقىم تۆمۈريول تىرانسپورت ئىقتىدارى بىلەن تەمىنلىدى. ليۇ جېنجۈن مۇنداق دېدى: 2014 – يىلىدىن كېيىن، شىركىتىمىزنىڭ تېخىمۇ كۆپ مېلى تۆمۈريول ئارقىلىق دۆلەت سىرتىدىكى بازارلارغا يەتكۈزۈلدى، بۇلتۇر بىر يىلدىلا 2000 ۋاگوندىن كۆپرەك مال توشۇلدى.

   2016– يىلى 6 – ئايدا، دۆلىتىمىز تۆمۈريولىدا ‹‹جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى›› دېگەن بىرلىككە كەلگەن ماركا رەسمىي ئىشلىتىلدى. نۆۋەتچى پويىزلار ھەيۋەت بىلەن قاتناشقا باشلىدى. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2014 – يىلىدىن 2016 – يىلىغىچە، شىنجاڭدىن غەربكە جەمئىي 358 قېتىم خەلقئارا نۆۋەتچى پويىز قاتنىغان. 2017 – يىلى، جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزىدىنلا 710 قېتىم جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى قاتنىغان. بۇنى مەملىكەت بويىچە غەربكە قاتنىغان نۆۋەتچى پويىزلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، شىنجاڭدىن يولغا چىققان جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرى چۇڭچىڭ، چېڭدۇ، جېڭجوۋ، يىۋۇ قاتارلىق جايلاردىن يولغا چىققان نۆۋەتچى پويىزلارغا ئوخشاشلا ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان.

   غەربكە ئېچىۋېتىش يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى

   2016– يىلى 5 – ئايدا، جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، شىنجاڭدىن يولغا چىقىدىغان جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى كۆلەملىك قاتناشقا باشلىدى، شۇ يىلىلا 135 قېتىم نۆۋەتچى پويىز قاتنىدى، بۇ يىل 1400 قېتىم نۆۋەتچى پويىزنى يولغا سېلىش پىلانلاندى.

   جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزىنىڭ پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى شىنجاڭنىڭ جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنى يولغا سېلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى، شەرق بىلەن غەربنىڭ ماللىرى يىغىلىدىغان تۈگۈنگە ئايلىنىپ، شىنجاڭنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

   5– ئاينىڭ 28 – كۈنى، شىنجاڭ ‹‹شىنتيې›› خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى نەن جۈن مۇنداق دېدى: ھازىر، ئىچكىرىدىن كەلگەن ماللارنىڭ ئۈرۈمچىدە يىغىلىش نىسبىتى %60تىن ئاشتى، نۆۋەتچى پويىزنىڭ قايتىش سەپىرىدە چەت ئەلدىن ياغاچ ماتېرىياللىرى، قىزىل ھاراق، ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى قاتارلىقلار توشۇلۇپ، ‹‹بېرىش – كېلىشتە مال بولۇش›› ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، شىنجاڭ شەرق بىلەن غەربنىڭ ماللىرى يىغىلىدىغان جاي بولۇپ قالدى.

   نەن جۈن تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچىنىڭ رايون ئەۋزەللىكى روشەن، شەھەر ئىچىدە نۇرغۇن مال يىغىش ئورنى بار، سودىگەرلەرنىڭ مال سېتىۋېلىشى قولايلىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئەتراپتا بىر تۈركۈم چوڭ تىپتىكى زاۋۇتلار بار، بىر قەدەر زور تىرانسپورت بازىرى يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە.

   ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى پېڭ جى مۇنداق قارىدى: جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى شۇكى، ئۇ شىنجاڭنىڭ يول تىرانسپورت ئىقتىسادىنى ئۆزگەرتىپ، يول بىلەن تۈگۈن بىرلەشكەن تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى.

   شىنجاڭنىڭ ‹‹دوستلار چەمبىرىكى›› داۋاملىق كېڭەيمەكتە

   يېڭى دەۋر يېڭى پۇرسەت ياراتتى. ھازىر، جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزى شىنجاڭنىڭ ئىچى – سىرتىدىكى 200 نەچچە ئىمپورت – ئېكسپورت كارخانىسى بىلەن مۇقىم ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى، نۆۋەتچى پويىز مەھسۇلات توشۇشتا شىنجاڭنىڭ يەرلىك كارخانىلىرىغا مۇلازىمەت قىلىپلا قالماي، يەنە گۇاڭدۇڭ، جېجياڭ، سىچۈەن، بېيجىڭ، شاڭخەي، چۇڭچىڭ قاتارلىق ئون نەچچە ئۆلكە، شەھەرگىمۇ مۇلازىمەت قىلماقتا.

   جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزى ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ ئۈرۈمچى – قازاقىستان ئالمائاتا، رۇسىيە ۋورسىنو،  ئۇكرائىنا پولتاۋا، گېرمانىيە ھامبۇرگ، ئىتالىيە ناپلېس، گوللاندىيە روتتېردام قاتارلىق ياۋروپا، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە ‹‹نۇقتىدىن نۇقتىغا قاتنايدىغان›› 19 تىرانسپورت لىنىيەسى ئېچىپ، ياۋروپا – ئاسىيادىكى 17 دۆلەت، 24 شەھەرنى قاپلىدى.

   شىنجاڭ تۆمۈر يولى يەنە غەربىي جەنۇب خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى بازىرىغا ‹‹كۆز تىكتى››، شىنجاڭ ‹‹شىنتيې›› خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ليۇ چاڭلىن مۇنداق دېدى: كېيىنچە، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ماددىي ئەشيالىرى جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا، ياۋروپا رايونلىرىغا توشۇلىدۇ، ئوخشاشلا، ياۋروپا ماللىرىمۇ جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئارقىلىق دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي جەنۇب رايونىغا يەتكۈزۈلۈپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە توشۇلىدۇ.

   پويىز گۈدۈك چېلىپ ئۇچقاندەك ماڭماقتا، جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ دۇنيانى تۇتاشتۇرۇش يولى ماڭغانسېرى كېڭەيمەكتە. جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىلگەن، ھەمكارلىق ‹‹دوستلار چەمبىرىكى›› بارغانسېرى كېڭەيمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى