تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

ئۈرۈمچى ناھىيەسىدىكى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى قولدا سىزىلغان ئالاھىدە تەقدىرنامە تاپشۇرۇۋالدى

  ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى گو جۈنگې خەۋىرى: ئۈرۈمچى ناھىيەسى بەنفاڭگۇ بازىرى تيەنشيا ئاھالىلەر كومىتېتىدىكى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ خىزمەت ئۈستىلىدە ئالاھىدە تەقدىرنامە تۇراتتى. بۇنى توققۇز ياشلىق ماخبال بىيكامىيلا سىزىپ چىققانىدى.

  تەقدىرنامىدە پەقەت بىرلا جۈملە خەت بار ئىدى: ئىلغار ئاكا-ئاچىلىرىم.

   بىيكامىيلا ئابدىل 2011-يىلى يولدىشى بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئىككى ياشلىق قىزى ماخبالنى ئېلىپ قالغانىدى. ئۇ چاغلاردا بىيكامىيلا بەنفاڭگۇ بازىرى تيەنشيا ئاھالىلەر كومىتېتىدە كەشتىچىلىك دۇكىنى ئاچاتتى. ھەرھالدا مۇقىم بولغان كىرىم ماخبالنى چوڭ قىلىۋېلىشىغا يەتتى، بىراق، دۇكاننى يۈرۈشتۈرۈش ياخشى بولمىغانلىق سەۋەبىدىن، 2017-يىلى ئاخىرىدىن باشلاپ، دۇكاننىڭ سودىسى ناچارلىشىشقا باشلىدى. ئانا-بالا ئىككەيلەننىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى تەسلەشتى.

  ئۆلمەكنىڭ ئۈسىتىگە تەپمەك دېگەندەك، بۇ يىل 5-ئايدا، ماخبال بىيكامىيلا مەكتەپتە ئېھتىياتسىزلىقتىن يىقىلىپ چۈشتى، دوختۇر ئۇنىڭغا يېنىك دەرىجىلىك مېڭە سىلكىنىش، دەپ دىياگنوز قويدى. ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن، ماخبالنىڭ ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ، بەزىدە كۆڭلى ئېلىشىپ، بېشى قايىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلدى. بىيكامىيلا بۇنىڭدىن ئەنسىرىدى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى ۋۇ خاۋ ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ بۇ ئەھۋالدىن خەۋەردار بولدى، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، بىيكامىيلاغا ئىگىلىك تىكلەش قەرزى ئارىيەت ئېلىپ بەردى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ قايتىدىن كەشتىچىلىك دۇكىنىنى يۈرۈشتۈردى.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ماخبالنى شەھەردىكى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرۈپ داۋالاتتى. خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ماخبال داۋالىنىۋاتقان مەزگىلدە ئۇنىڭ دەرستىن قالماسلىقى ئۈچۈن نۆۋەتلىشىپ ئۇنىڭغا دەرس تەكرار قىلىپ بەردى.

   ــ مۇشۇنداق ياخشى ئاكا-ئاچىلىرىمنىڭ بولغانلىقىدىن تولىمۇ خۇشالمەن، ئۇلارغا «تەقدىرنامە» تارقىتىپ رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن،- دېدى مەكتەپكە قايتقان ماخبال بىكامىيلا.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى